0:00 / 0:00
بۇ مەسىلە ئۇزۇن تارىخقا ۋە باي مەدەنىيەتكە ئىگە، ئۆزىنىڭ تارىخىي زېمىنىنىڭ قانۇنىي ئىگىسى - ئۇيغۇرلار ھاياتىدا ھازىر قانداق ئەكس ئېتىلىۋاتىدۇ، بۇ يىل خەلقئارا ھوقۇق قوغداش تەشكىلاتلىرىدا ئۇيغۇرلار تەغدىرىگە ئائىت قانداق مەسىلىلەر قارالدى، شۇ جۈملىدىن ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان مەملىكەتلەرنىڭ يەنە بىرى قازاقىستان بۇ جەھەتتىن قانداق ئەھۋالدا، دېگەنگە ئوخشاش مەسىلىلەر دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققەت مەركىزىدە بولماقتا.
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى مەزكۇر مەسىلىلەر ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.