خىتاي - ياپونىيە ئارال ماجراسى پەسەيمەي تۇرۇپلا، ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورىيە سېرىق دېڭىزىدا ھەربىي مەشىق باشلىدى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2010.09.27
2010.09.27
AFP Photo
خىتاي يېقىندىن بۇيان ياپونىيىدىن، خىتاي كېمىسىنىڭ كاپىتانىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ كېلىۋاتقان ئىدى. ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، گەرچە ياپونىيە ھازىر خىتاي كېمىسىنىڭ كاپىتانىنى قويۇپ بەرگەن بولسىمۇ، جىددىيلىك يەنىلا پەسەيمىدى. بەلكى 26 - سېنتەبىر كۈنى خىتايدا، ياپونىيىدىن بۇ ۋەقە ئۈچۈن ئەپۇ سوراشنى ۋە زىياننى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدىغان نامايىش يۈز بەردى. ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، خىتاي بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدىكى قارشىلىق ئاسانلىقچە پەسىيىدىغاندەك ئەمەس.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە يەنە، ياپونىيىدە ھازىر ھوقۇق تۇتۇۋاتقان دېموكراتىك پارتىيىنىڭ 70 نەچچە نەپەر پارلامېنت ئەزاسى، نائوتو كان ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي كېمىسىنىڭ كاپىتانىنى قويۇپ بەرگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈردى. نائوتو كان ھۆكۈمىتى قوللانغان بۇنداق دىپلوماتىك چارىنى، ئۆزىنىڭ ھوقۇق دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتكەنلىك، ياپونىيە قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغانلىق، دەپ كۆرسەتتى. يەنە بىر قىسىم پېشقەدەم كابىنېت ئەزالىرى نائوتو كان ھۆكۈمىتىگە، سېنكاكۇ ئاراللىرىدا دەرھال ھەربىي بازا قۇرۇش لازىملىقىنى كۆرسەتتى.
ياپونىيىمۇ خىتايدىن، زەخىملەنگەن ياپونىيە چارلاش كېمىسىنىڭ چىقىمىنى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ توكيودىن بايان قىلىشىچە، ياپونىيە خىتاي كېمىسىنىڭ كاپىتانىنى قويۇپ بەرگەندىن كېيىنمۇ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدىكى جىددىيلىك يەنىلا پەسەيمىگەن، بەلكى خىتاي ئەمدى ياپونىيىدىن ئەپۇ سوراشنى، تۆلەم بېرىشنى تەلەپ قىلغانلىقىغا قارىتا، ياپونىيىدە قارشىلىق كەيپىيات كۈچەيدى. شۇنداقلا 27 - سېنتەبىر كۈنى ياپونىيە خىتايدىن، زەخىملەنگەن ياپونىيە چارلاش كېمىسىنىڭ چىقىمىنى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.خىتاي بىلەن ياپونىيە مەدەنىيىتى ئوخشىمىغاچقا بىر - بىرىنىڭ مەقسىتىنى چۈشەنمەيۋاتىدۇ
'ئاساخى شىنبۇن گېزىتى' دە بايان قىلىنىشىچە، ياپونىيە ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ 'تۇتۇۋالغان ئادەمنى قويۇپ بەرسۇن' دېگىنىنىڭ مەنىسىنى چۈشەنمىگەن، بەلكى تۇتۇۋالغان ئادەمنى قويۇپ بەرسىلا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيلىك تىنچلىنىدىغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قالغان. خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ، ياپونىيىنىڭ تۇتۇۋالغان ئادەمنى قويۇپ بەرگەنلىكىنىڭ مەنىسى ئەمدى مەسىلىنى سۆھبەتلىشىپ تىنچلىق بىلەن ھەل قىلايلى دېگەندىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى چۈشەنمىگەن. بۇ، ئەمەلىيەتتىكى مەدەنىيەت پەرقى.خىتاي ئەمدى مەسىلىنى دىپلوماتىك ئۇسۇل بىلەن ھەل قىلىشنىمۇ رەت قىلدى
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ھازىر خىتاي بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدا، مەسىلىنى دىپلوماتىك ئۇسۇل بىلەن ھەل قىلىدىغان مۇناسىۋەتمۇ تېخى ئەسلىگە كەلمىدى. ياپونىيە ھازىر خىتاي بىلەن دىپلوماتىك ۋاسىتە ئارقىلىق خىتايغا، خىتاي كېمىلىرىنىڭ سېنكاكۇ ئاراللىرىغا يېقىن جايلاردىن دەرھال چېكىنىشى لازىملىقىنى ئۇقتۇرماقچى ۋە خىتاي سەزگۈر ھەربىي تارماقلىرىمىزغا كېلىپ رەسىم تارتتى، دەپ 4 نەپەر ياپونىيىلىكنى تۇتۇۋالغان مەسىلە ئۈستىدە سۆزلەشمەكچى بولغان ئىدى، خىتاي ئەمدى مەسىلىنى دىپلوماتىك ئۇسۇل بىلەن ھەل قىلىشنىمۇ رەت قىلدى.خىتاي - ياپونىيە مۇناسىۋىتىدىكى جىددىيلىك تېخى پەسەيمىگەن ئەھۋال ئاستىدا، ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورىيە سېرىق دېڭىزدا ھەربىي مەشىق باشلىدى
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورىيە بىرلىشىپ سېرىق دېڭىزدا سۇ ئاستى پاراخوتلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرۇش ھەربىي مەشىقى ئۆتكۈزۈشكە باشلىدى. بۇ ھەربىي مەشىق ھازىر خىتاي بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدىكى جىددىي مۇناسىۋەت ھازىر ئاسانلىقچە پەسىيىدىغانلىقىدىن دېرەك بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا بولۇۋاتىدۇ. شۇنداقلا يەنە، شىمالىي كورىيە ئەمگەك پارتىيىسىنىڭ چوڭ قۇرۇلتىيى، يەنى كىم يوڭئېل ئىز باسارىنى بەلگىلەش ئۈچۈن مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ھەربىي پارات ئۆتكۈزىدىغان بىر تېخىمۇ سەزگۈر ۋاقىتقا توغرا كەلدى.شەرقى - جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى ھازىر ئامېرىكا بىلەن بىرلىكتە شەرقى دېڭىزدا قاتناشنى ئەركىنلەشتۈرۈش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماقتا
مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا بىلەن شەرقى - جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى، بۇنىڭدىن بىر نەچچە كۈن بۇرۇن، ب د ت چوڭ يىغىنى جەريانىدا ئالىي دەرىجىلىك ئۇچۇرۇشۇش ئۆتكۈزۈپ، بىر جەڭگىۋار بايانات ئېلان قىلغان ئىدى.فىلىپپىن تەرىپىدىن لايىھىلەنگەن بۇ باياناتتا 'جەنۇبىي دېڭىز' دېگەن ئاتالغۇنىڭ قەستەن تىلغا ئېلىنمىغانلىقىغا، ھەتتا مىگون دەرياسى مەسىلىسىمۇ بىرلىكتە ھەل قىلىنىشى كېرەك دەپ تەكىتلىگەنلىكىگە، گەرچە خىتاي قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ھازىر شەرقىي - جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى، ئامېرىكا بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىپ، شەرقى دېڭىزدا قاتناشنى ئەركىنلەشتۈرۈش ئۈچۈن ھەرىكەت قوللانماقتا.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.