خىتاينىڭ 50 مىڭ دوللارلىق مەسخىرىلىك ياردىمى
2013.01.14
شۇنىڭدىن كېيىنمۇ خىتاي، رۇسىيە ۋە ئىران سۈرىيە رەئىسى بەششار ئەل ئەسەدنى قوللاشتىن ۋاز كەچكىنى يوق. تەھلىلچىلەر خىتاينى رۇسىيىنىڭ ئارقىسىغا مۆكۈنۈپ تۇرۇپ ئەسەدنىڭ قىرغىنچىلىقىنى قوللىغان دۆلەت دەپ تەبىرلەيدۇ.
لوندوندا چىقىدىغان «ئوتتۇرا شەرق» گېزىتىنىڭ 14-يانۋار كۈنىدىكى سانىدا، «خىتاينىڭ مەسخىرىلىك ياردىمى ۋە ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى» دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىدە مۇنداق دەپ يېزىلغان:
«خىتاي دۆلىتى سۈرىيىدە بولۇۋاتقان قىرغىنچىلىقلار، ناھەق ئۆلتۈرۈلۈۋاتقان نارەسىدە بالىلار ئۈچۈن ئىچ ئاغرىتقانمۇ ياكى ۋىجدانى مالامەت قىلغانمۇ؟ نېمىلا بولمىسۇن ئاخىرى سۈرىيە خەلقىگە ياردەم قىلماقچى بولدى. ئەمما قانداق ياردەم قىلدى دەپ سورىسىڭىز، 50 مىڭ دوللار ياردەم قىلدى. توغرا، 50 مىليون ئەمەس، بەلكى 50 مىڭ دوللار ياردەم قىلدى. ئامېرىكا بانكىلىرىدا تىرىليون دوللارلىق مەبلىغى بار، بىر يىلنىڭ ئىچىدە ئەرەب دۆلەتلىرىگە 130 مىليارد دوللارلىق تاۋار ساتقان باي بىر دۆلەتنىڭ يانچۇقىدىن سۈرىيە خەلقى ئۈچۈن ئاران 50 مىڭ دوللار چىقتى. ھەممىگە مەلۇمكى، رۇسىيە ئەسەد ھاكىمىيىتىنى ئاشكارا قوللايدىغانلاردىن بولۇپ، ھەربىي ئەسلىھەلىرىنى ئەۋەتىش بىلەن خەلقنى قىرىشتا ھەمكارلىشىپ كەلمەكتە، ئەمما خىتاي دۆلىتى رۇسىيىنىڭ كەينىگە مۆكۈنۈپ تۇرۇپ ئەسەدنى قوللىماقتا ۋە سۈرىيە خەلقىنىڭ قېنىنى بىللە تۆكمەكتە. سۈرىيە خەلقى خىتاينىڭ بۇ 50 مىڭ دوللىرىنى نېمە قىلىدۇ؟ بۇ پۇل ئۇلارنىڭ يارىلىرىنى تېڭىشقا يېتەمدۇ؟ بۇنداق ئاھانەت ۋە مەسخىرە خىتايدىن كەلگەن بولسا، بۇ ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس. چۈنكى ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىمۇ شۇنداق ئاھانەت قىلىۋاتىدۇ. ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى نەبىل ئەرەبى باش كاتىپ بولغاندىن بىرى، بۇ تەشكىلات سۈرىيە خەلقى ئۈچۈن ھېچ ئىش قىلىپ بېرەلىگىنى يوق. ئۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ بۇ تەشكىلات ئاجىزلىقى ۋە قۇرۇق سۆزى بىلەن مەشھۇر ئىدى. ئەھۋال ھازىرمۇ شۇنداق.»
خىتاي پۇرسەتپەرەسلىك قىلماقچى
ماقالىدە يەنە مۇنداق دېيىلگەن:
«سۈرىيىدىكى ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ كۈنى ئاز قالغان، ھەتتا بارماق بىلەن سانىغىلى بولغۇدەك دەرىجىدە ئاز قالغان بۇ پەيتتە. بەزى شەخسلەر ۋە بەزى دۆلەتلەر پۇرسەتپەرەسلىك قىلىپ، ئۆزلىرىنى سۈرىيە خەلقىگە ياردەم قىلغانلار قاتارىدىن، ئۇلارغا ھېسداشلىق قىلىپ، ئۇلار بىلەن بىللە تۇرغانلار قاتارىدىن كۆرسىتىشكە تىرىشماقتا. دەل مۇشۇ پەيتتە، شۇ مەقسەت بىلەن خىتاي دۆلىتىمۇ بۇ 50 مىڭ دوللار ياردىمى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقتى. خىتاي ئۆزىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئەسەد تەرەپتە تۇرۇش بىلەن سۈرىيىدە 60 مىڭ ئىنساننىڭ قىرغىن قىلىنىشىغا يول قويغان بىر دۆلەت تۇرۇپ، ئەمدى ئۆزىنى سۈرىيە خەلقىگە ياردەم قىلغان ۋە ئۇلارغا ھېسداشلىق قىلىپ بىر سەپتە تۇرغانلار قاتارىدا يازدۇرۇش ئۈچۈن تىرىشماقتا.»