بىر خىتاي زىيالىسى ب د ت غا ئوچۇق خەت يېزىپ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈستىدىن شىكايەت قىلدى

بېيجىڭدىكى خىتاي زىيالىيلىرىدىن ۋاڭ جاۋجۈن، بۈگۈن يەنى 22 ‏ - ماي كۈنى ب د ت غا ئوچۇق خەت يېزىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈستىدىن شىكايەت قىلدى. ئوچۇق خەت، ب د ت ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا خىتاپ قىلغان بولۇپ، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خىتايغا خەلقىغە ۋەكىللىك قىلالمايدىغانلىقىنى، شۇڭا خىتاينىڭ ب د ت دائىمىي ئەزالىقىدىن چىقىرىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﯚﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.05.22

 ئوچۇق خەتتە بىلدۈرۈلىشىچە، خىتاينىڭ گېئولوگىيە تارماقلىرى يەر تەۋرەشتىن ئالدىن - ئالا توغرا مەلۇمات بەرگەن. ئەمما خىتاي مەتبۇئاتى، مۇقىملىقنى ۋە ئولىمپىكنى كۆزدە تۇتۇپ، بۇ مەلۇماتنى خەلققە يەتكۈزمىگەن. خەلق يەر تەۋرەشتىن ئىبارەت بۇ تەبىئىي ئاپەتتىن قوغدىنىشقا تەييارلىق قىلالمىغان. بۇ سەۋەبلىك زىيان تېگىشلىكتىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق بولغان. ئاپتورنىڭ بۇ قارىشىنى بوشۈن تورىدا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىمۇ ئىسپاتلىماقتا. مەزكۇر ماقالىدە دېيىلىشىچە، سىچۈەندىكى ھۆكۈمەت ۋە ھەربىي دائىرىلەر، يەر تەۋرەش ئالدىن مەلۇماتىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، دۆلەتنىڭ رايوندىكى يادرو ئەسلىھەلىرىنى ۋە دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كان ئورۇنلىرىنى قوغداش ئۈچۈن بەلگىلىك تەييارلىق قىلغان، ئەمما جەمئىيەت مۇقىملىقىنى كۆزدە تۇتۇپ بۇ ئەندىشىلىك خەۋەرنى جەمئىيەتكە تارقاتمىغان.

ئوچۇق خەتنىڭ ئاپتورى ۋاڭ جاۋجۈن، بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش ساقلانغىلى بولمايدىغان تەبىئىي ئاپەت بولسىمۇ، بۇ ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىشنىڭ مۇمكىنلىكىنى، ھېچ بولمىغاندا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئاسان قۇربان بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئاپتور خېتىدە، خىتاي بىر پارتىيىلىك تۈزۈمدە بولغىنى ئۈچۈن، خىتاي ئاخباراتىنىڭ زۆرۈر پەيتتە خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلمىغانلىقىنى، ئەگەر بىر پارتىيىلىك تۈزۈم داۋام قىلسا، خىتاي خەلقىنىڭ بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق ئېغىر بەدەللەر تۆلىشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ۋاڭ جاۋجۈن ئوچۇق خېتىدە ، نۆۋەتتە، ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلقنىڭ جىددىي ياردەمگە ئېھتىياج ئىكەنلىكىنى، ئەمما، يەرلىك دائىرىلەر ئەھۋالنى يوشۇرۇپ، خەتەرنى كىچىكلىتىپ ۋەزىيەتنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇ يەنە، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىن كەلگەن ياردەمنىڭ خەلقنىڭ قولىغا تەگمەيۋاتقانلىقىنى ۋە يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ ياردەمنى ئۆز ئۇرۇق - تۇغقانلىرى ئارىسىدا بۆلۈشۈش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
 ۋاڭ جاۋجۈن يەنە، خىتاي خەلقىنىڭ بېىشىغا ئەڭ ئېغىر كۈن كەلگەن مۇشۇ پۇرسەتتىمۇ، خىتاي مەتبۇئاتىنىڭ خەلق ئۈچۈن ئەمەس، ھۆكۈمەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى پاش قىلغان؛ ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: ئاپەتتىن 72 سائەت ئۆتكەندە، خەلق يىغلاپ قاخشاپ تۇرغان بىر پەيتتە، خىتاي خەلقى ئاپەتنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى بىلىشكە مۇھتاج بىر پەيتتە، مەتبۇئات يەنىلا خىتاي كوممۇنىست پارتىيسى ۋە خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنى مەدھىيىلەش بىلەن مەشغۇل، بۇ خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ ئوڭشالمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

ئاپتور ماقالىسىدە يەنە، ھۆكۈمەتنىڭ قۇتقۇزۇش پائالىيىتىنى ۋە خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنى مەدھىيىلەش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىنى، ھەقىقىي ئاپەتكە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ساداسى، ئۇلارنىڭ دەرت - ئەھۋالى، جىددىي ئېھتىياجى ھەققىدە خەۋەر بېرىلمەيۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان.

ۋاڭ جاۋجۈن ئوچۇق خېتىدە، نۆۋەتتە سىچۈەندىكى ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش ئۈچۈن يالغۇز ھۆكۈمەتنىڭ تىرىشچانلىقىنىڭ كۇپايە قىلمايدىغانلىقىنى، بۇنىڭغا ئەركىن ئاخبارات ۋە ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنىڭ ماسلىشىشى كېرەكلىكىنى، بۇنىڭ پەقەت بىر پارتىيىلىك ھاكىمىيەت تۈزۈمىگە خاتىمە بېرىلگەندىلا ئىشقا ئاشىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئاپتور ئوچۇق خېتىدە، خىتاي پرېزىدېنتى خۇ جىنتاۋ بىلەن باش مىنىستىر ۋېن جياباۋنىڭ نەق مەيدانغا بارغانلىقىنى مەدھىيىلەش بىلەن بىللە، ئاپەتكە ياردەم بېرىشنىڭ شەخسىي تىرىشچانلىق بىلەن ئەمەس ، جەمئىيەت سەپەرۋەرلىكى بىلەن ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ جەمئىيەت سەپەرۋەر بولۇشى ئۈچۈن خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى تەختتىن چۈشۈشى كېرەكلىكىنى؛ پارتىيە ۋە گۇرۇھلارنىڭ دۆلەتنى سايلام بىلەن نۆۋەت بىلەن باشقۇرۇشى كېرەكلىكىنى بايان قىلغان.

ئوچۇق خەت ب د ت دىن باشقا ياۋروپا ئىتتىپاقىغىمۇ خىتاپ قىلغان بولۇپ، خىتاي خەلقىنىڭ ھالقىلىق باسقۇچتا تۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئەگەر دۇنيا خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىگە قارىتا قوبۇل قىلىش ھىمايە قىلىش پوزىتسىيىسىنى داۋاملاشتۇرسا، خىتاي خەلقىنىڭ تېخىمۇ ئېغىر زىيانغا ئۇچرايدىغانلىقىنى، خىتايدا ئېغىر ئىچكى قالايمىقانچىلىق كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
 
ئوچۇق خەت يەنە، دۇنيا دۆلەتلىرىنى خىتاينى دەرھال سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىشقا مەجبۇرلىشىنى، بۇنىڭغا مۇمكىن بولمىغاندا خىتاينى ب د ت نىڭ دائىمىي ھەيئەتلىك ئورنىدىن چىقىرىۋېتىشنى تەلەپ قىلغان. ئاپتور خېتىدە يەنە ، دۇنيادىكى بارلىق دىكتاتور ھاكىمىيەتلەرنىڭ ئۆز خەلقىغىلا ئەمەس، دۇنيا خەلقىغىمۇ تەھدىت بولۇپ كەلگەنلىكىنى ، ئەگەر خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى داۋاملاشسا، دۇنيا تېنچلىقىنىڭمۇ خەتەرگە يولۇقىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

 ئاپتور ئوچۇق خېتىدە ئۆزىنى، چەتئەلدىكى خىتاي سۈرگۈن ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ئىچىدىكى ۋەكىلى ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان. بۇ، ۋاڭ جاۋجۈننىڭ ئوچۇق خېتىدە دېيىلگەنلەرنىڭ بىر قىسمىدۇر .
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.