خىتايدىكى چوڭ خىتايچىلىق خاھىشى ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ پۇتبول تەرەققىياتى

«خىتايدىكى پۇتبول تەرەققىياتى شىنجاڭغا يۈزلىنىشى كېرەك» دېگەن پىكىر ئېقىمى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ 60 يىلدىن بۇيان ھېچقاچان ئەمەلىيلەشمىگەن ئىكەن.
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2011.02.11
uyghur-putbol-305 ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ ﭘﯘﺗﺒﻮﻝ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ
Photo: RFA

تۈنۈگۈن جيۇ گۇ تەخەللۇسىدىكى پۇتبول مۇلاھىزىچىسى تەرىپىدىن يېزىلغان «خىتايدىكى پۇتبول تەرەققىياتى شىنجاڭغا يۈزلىنىشى كېرەك» ناملىق ماقالە ئېلان قىلىندى.

ماقالىدە، خىتاينىڭ پۇتبول ساھەسىدە دۇنياغا يۈزلىنىش ئۈچۈن، پۇتبول ساھەسىدە چوڭ رەتلەش ئېلىپ بېرىشى كېرەكلىكى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قاتارلىق خىتاينىڭ غەربىي قىسمىدىكى رايونلاردىن پۇتبول ماھىرلىرىنى تەربىيىلەش كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ماقالىدە ئاپتور يەنە، بۇ خىل پىكىر ئىلگىرىمۇ كۆپ قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ غەربىي شىمال قىسمىدىكى ئاپتونوم رايون، ئۆلكىلەرگە پۇتبول تەرەققىياتى ئۈچۈن سېلىنغان مەبلەغنىڭ يېتەرلىك بولمىغانلىقىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر، موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەردىن يېتىشتۈرۈلىدىغان ياش پۇتبول ھەۋەسكارلىرى تەربىيىلىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەنلىكى سەۋەبىدىن خىتايدىكى پۇتبولچىلىقنىڭ بىر ئىزدا توختاپ قېلىش، ھەتتا چېكىنىش ۋەزىيىتى كۈچەيگەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

نۆۋەتتە چەتئەللەردە ئولتۇراقلىشىپ قالغان پۇتبول ماھىرلىرىدىن 80-يىللارنىڭ ئاخىرى 90-يىللارنىڭ باشلىرىدا، خىتايدىكى دۆلەتلىك مۇسابىقىلەرگە كۆپ قېتىم قاتناشقان جۈرئەت ئەپەندى قاتارلىق بىر قانچە پۇتبول ماھىرلىرى ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتايدا پۇتبولچىلىقنىڭ تەرەققىي قىلماسلىقىغا، خىتايدىكى چوڭ خىتايچىلىق خاھىشى سەۋەبىدىن ئۇيغۇر، موڭغۇل، تىبەت قاتارلىق خىتاي بولمىغان مىللەتلەر ماھىرلىرىغا پۇرسەت بېرىلمىگەنلىكى ھەم خىتايدا مەملىكەتلىك مۇسابىقىلەردە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى قاتارلىق كوماندىلارنىڭ ھەرقايسى جەھەتلەردىن چەتكە قېقىلىۋاتقانلىقى سەۋەب بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

80-يىللارنىڭ ئاخىرلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پۇتبول كوماندىسىدا تۇرغان مەزگىلىدىكى ئۆز ئەمەلىيىتىدىن ئۆتكەن تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلىگەن جۈرئەت ئەپەندى، خىتايدىكى پۇتبول تەرەققىياتى شىنجاڭغا يۈزلىنىشى كېرەك دېگەن ماقالىدىكى "خىتاينىڭ پۇتبول تەرەققىيات يۈزلىنىشىدە ئۇيغۇرلارغا پۇرسەت بېرىلىشى كېرەك" دېگەن قاراشنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئىلگىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ھەم خىتايدا ئېلىپ بېرىلغان پۇتبول مۇسابىقىلىرىگە كۆپ قېتىم قاتناشقان، ھازىر چەتئەللەردە ياشاۋاتقان پۇتبول ماھىرلىرىدىن مېرشات ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.

ئوتتۇرا مەكتەپ ھەم ئالىي مەكتەپتىكى ئوقۇش ھاياتىدا كۆپ قېتىم مەملىكەتلىك مۇسابىقىلەرگە قاتناشقان بىرەيلەن، خىتايدا ئېلىپ بېرىلغان مەملىكەتلىك مۇسابىقىلەردە، ھەر نۆۋەت خىتاي كوماندىلىرىغا يان بېسىلىپ، باشقا مىللەت كوماندىلىرىنىڭ چەتكە قېقىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ، بۇ خىل ۋەزىيەتنىڭ شەكىللىنىشىدە، خىتايدىكى پۇتبول ساھەسىدە ئومۇمى كەيپىياتقا ئايلانغان پارىخورلۇق، چىرىكلىك كەيپىياتىدىن باشقا خىتايلاردىكى چوڭ خىتايچىلىق خاھىشىنىڭ ئاساسى سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بۇ پۇتبول ماھىرى ئۇيغۇر پۇتبول تەرەققىياتىغا ئۈمىد بىلەن قارايدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ، ئەگەر خىتايدا ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەردىن بولغان پۇتبول ماھىرلىرىغا ھەر خىل پۇرسەتلەر يارىتىپ بېرىلسە، ئۇيغۇر پۇتبول ماھىرلىرىنىڭ خىتايدىلا ئەمەس، بەلكى خەلقئارا پۇتبول مۇسابىقىلىرىدىمۇ نەتىجە يارىتالايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇيغۇر تور بەتلىرىدىن «ئۇررا پۇتبول مەستانىلىرى كۇلۇبى» نىڭ تور بېتىدە، ئۇيغۇر پۇتبول ماھىرلىرىنىڭ خىتايدىكى مەملىكەتلىك ھەم خىتايدا ئېلىپ بېرىلغان خەلقئارالىق مۇسابىقىلەردە، چەتكە قېقىلىپ كېلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى بەس مۇنازىرىلەر بېرىلگەن.

بۇ مۇلاھىزىلەرنىڭ بىرىدە، بۇلتۇر 12-ئايدا خىتاي كوماندىسى بىلەن ئېستونىيە كوماندىسى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان بىر قېتىملىق دوستلۇق مۇسابىقىسىدە، جۇڭگو پۇتبول كوماندىسىنىڭ تېرىنېرى گاۋ خۇڭبونىڭ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن تاللانغان پۇتبول ماھىرى مىرەخمەتنى مەيدانغا بىر قېتىممۇ چىقارماي مۇسابىقىنى كۆرگىلى كەلگەن ئۇيغۇر پۇتبول ھەۋەسكارلىرىنى قاتتىق ئۈمىدسىزلەندۈرگەنلىكى ھەم مۇسابىقىدىن كېيىن بۇنىڭ سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرگەن مۇخبىرغا، مىرەخمەتنىڭ تېخنىكىسى يۇقىرى بولغان ھالەتتىمۇ، مۇسابىقە تەجرىبىسى يوق بولغىنى ئۈچۈن، ئۇنى خىتاي دۆلەت كوماندىسىدىكى ئالدىنقى 23 كىشىلىك تىزىملىك ئىچىگە كىرگۈزمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى ھەققىدىكى ۋەقە مىسالغا ئېلىنىپ، جۇڭگودا پۇتبولچىلىقنىڭ تەرەققىي قىلماسلىقىدىكى ئاساسى سەۋەبلەرنىڭ مەملىكەت ئىچىدىكى پۇتبول ساھەسىدە ئومۇمى كەيپىياتقا ئايلانغان، پۇتبول مۇسابىقىسىدىكى يالغانچىلىق، پارىخورلۇق ھەم خىتاي بولمىغان مىللەت ماھىرلىرىنىڭ پۇتبول مۇسابىقىلىرىدە چەتكە قېقىلىشى قاتارلىق ئامىللار ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئەگەر خىتايدىكى بۇ خىل چوڭ خىتايچىلىق خاھىشى سەۋەبىدىن خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنى چەتكە قېقىشى خىتايدا مۇشۇ ھالەتتە داۋاملاشسا، بۇنىڭ ئاقىۋىتى خىتايدىكى ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل ھەم خىتاي بولمىغان باشقا مىللەتلەرنىڭ نارازىلىقىنى كۈچەيتىپلا قالماستىن، خىتاي دۆلىتىنىڭ بۇندىن كېيىنكى تەرەققىيات يۆلىنىشىدە ھەرقايسى جەھەتلەردە دۇنياغا يۈزلىنىش غايىسىنىمۇ بىتچىت قىلىشى مۇمكىن ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.