خىتاينىڭ سۇينىڭ شەھىرىدە 'يىڭنە سانجىش' گۇمانى بىلەن 5 ئادەم ئۆلتۈرۈلگەن

خىتاينىڭ سىچۈەن ئۆلكىسى سۇينىڭ شەھىرىدە خىتاي پۇقرالىرى " باشقىلارغا يىڭنە سانجىدى" دېگەن گۇمان بىلەن 5 ئادەمنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن بولۇپ، بۇ خىتايدا "يىڭنە سانجىدى" دېگەن گۇمان بىلەن خىتاي پۇقرالىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان يەنە بىر يۈرۈش ئادەم ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋېتىش ۋەقەسى ھېسابلىنىدۇ.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﻬﺮﯨﺒﺎﻥ
2009.10.09
Xitayda-urup-olturulgen-yash-bala-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﺳﯩﭽﯜﻩﻥ ﺋﯚﻟﻜﯩﺴﻰ ﺳﯘﻳﻨﯩﯔ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﺪﻩ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﭘﯘﻗﺮﺍﻟﯩﺮﻯ " ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﻳﯩﯖﻨﻪ ﺳﺎﻧﺠﯩﺪﻯ" ﺩﯦﮕﻪﻥ ﮔﯘﻣﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﺭﯗﭖ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﯞﻩﺗﻜﻪﻥ 5 ﺋﺎﺩﻩﻣﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﻳﺎﺗﻘﺎﻥ ﯞﻩ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﻟﯩﺸﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ.
www.aboluowang.com ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

خىتاينىڭ ئاپوللو تور بېكىتىنىڭ 4 - ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە، خىتاينىڭ سىچۈەن ئۆلكىسى سۇينىڭ شەھىرىدە 2 - ۋە 3 - ئۆكتەبىر كۈنلىرى "باشقىلارغا يىڭنە سانجىدى"دېگەن گۇمان بىلەن، 5 كىشىنىڭ خىتاي پۇقرالىرى تەرىپىدىن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋېتىلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەر بېرىلگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ئاخبارات ئورۇنلىرىنىڭ ھىچقايسىسىدا بۇ ۋەقە ھەققىدە خەۋەر بېرىلمىدى. بىز ئەھۋالنىڭ تەپسىلاتىنى ئىگىلەش ئۈچۈن سۇينىڭ شەھىرىدىكى ساقچىخانىلار ھەم مېھمانخانىلارغا تېلېفون قىلىپ ئەھۋال ئىگىلىدۇق.

بىز سۇينىڭ شەھىرى شېخوڭ ساقچىخانىسىغا تېلېفون قىلغىنىمىزدا، تېلېفونىمىزنى ئالغان ساقچى ئاۋۋال مۇخبىرنىڭ كىملىكىنى قاتتىق سۈرۈشتۈردى، ئاندىن سۇينىڭ شەھىرىنىڭ بىخەتەرلىك ئەھۋالىنىڭ ناھايىتى ياخشى ئىكەنلىكىنى، بۇ يەردە ھېچقانداق ئىشنىڭ يۈز بەرمىگەنلىكىنى بايان قىلىپ، بۇنداق ۋەقە يۈز بەرگەنلىكىنى ئىنكار قىلدى.

بىز ئۇنىڭغا توردىن 5 ئادەمنىڭ پۇقرالار تەرىپىدىن "يىڭنە سانجىدى" دېگەن گۇمان بىلەن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋەتكەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرنى، رەسىمى بىلەن كۆرگىنىمىزنى، شۇڭا بۇ ئىشنى ئېنىقلىماقچى بولغانلىقىمىزنى ئېيتقىنىمىزدا، بۇ ساقچى بىزگە بۇنداق ئىشنىڭ بولغانلىقىنى، ئەمما بۇنىڭ سەۋەبى تېخى تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ پەقەت دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدىكى بىخەتەرلىككىلا مەسئۇل ئىكەنلىكىنى، بۇ ئىش ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى: "بىز بۇ ئىشقا مەسئۇل ئەمەس، سىز ئەڭ ياخشىسى، بۇ ۋەقە ھەققىدە سۇينىڭ شەھەرلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش ئىشخانىسىغا تېلېفون قىلىڭ، بىز پەقەت دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدىكى بىخەتەرلىك ئىشلىرىغىلا مەسئۇل،ئۆلگۈچىلەرنىڭ كىملىكى ۋە ۋەقەنىڭ سەۋەبى تېخى ئېنىق ئەمەس. بۇ يەردە ھېچقاچان شىنجاڭلىقلارنىڭ ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسى يۈز بەرمىدى، ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگۈچىلەر باشقا سەۋەبتىن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلۈپتۇ.ئەگەر راستتىنلا مۇخبىر بولسىڭىز، بۇ جايغا كېلىپ يۈز - تۇرانە ئەھۋال ئىگىلەڭ، توردىكى يالغان خەۋەرلەرگە تايىنىپلا خەۋەر بەرمەڭ."

سۇينىڭ شەھىرى شىڭخې مېھمانخانىسىغا تېلېفون قىلىپ، 5 كىشىنىڭ پۇقرالار تەرىپىدىن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسى ھەققىدە سورىغىنىمىزدا، مېھمانخانا خادىمى، ئۆلگۈچىلەرنىڭ "يىڭنە سانجىدى" دېگەن گۇمان بىلەن ئەمەس، بەلكى باشقا سەۋەبتىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، ئېنىق ئەھۋالنى ئۆزىمۇ بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

سۇينىڭ شەھىرىدىكى يەنە بىر مېھمانخانا كاڭنەن چولپانلار مېھمانخانىسىغا تېلېفون قىلغىنىمىزدا، تېلېفوننى ئالغۇچى ئايال خادىم بىزگە ئۆزى بىلىدىغان ئەھۋاللارنى دەپ بەردى: "پۇقرالار تەرىپىدىن ئۇرۇپ ئولتۇرۇۋېتىلگەن كىشىلەر يىڭنە ۋەقەسى سەۋەبىدىن ئەمەس، بەلكى ئاڭلىشىمىزچە، ئوغرىلۇق ھەم يانچۇقچىلىق قىلىش سەۋەبىدىن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلۈپتۇ. ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، 4 - ئۆكتەبىر كۈنى، سۇينىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەت ۋە جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى دەرھال جىددىي يىغىنى چاقىرىپ، پۇقرالارغا تور بەتلىرىدە تارقالغان ئۆسەك سۆزلەرگە ئىشەنمەسلىك، دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە ھەر بىر پۇقرانىڭ نورمال تەرتىپنى ساقلىشى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش قىلدى. شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى مۇخبىرلارغا ۋەقەنىڭ سەۋەبى ھەققىدە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئاچتى، ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ ئۇقتۇرۇشىچە، ھازىر بۇ ۋەقە تېخى ئېنىقلىنىۋېتىپتۇ، توردىكى خەۋەرلەر ئىشەنچلىك ئەمەس، ئاڭلىشىمچە، ئۇلار شىنجاڭلىق ئەمەس ئىكەن، ئۆلگۈچىلەر يەرلىك پۇقرالار ئىكەن. ساقچى ئىدارىسى، ۋەقەنىڭ ھەقىقىي سەۋەبى تېخى ئېنىقلانماي تۇرۇپ پۇقرالارنىڭ بۇ ھەقتە ئۆز گۇمانى بىلەنلا يالغان ئۇچۇر تارقىتىپ، جەمئىيەتتە قالايمىقانچىلىق كەلتۈرۈپ چىقارماسلىقىنى، ئەگەر شۇنداق قىلغۇچىلار بايقالسا، بۇنداق كىشىلەرنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى."

خوڭكۇڭدا چىقىدىغان "يۆنىلىش" ژورنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى جاڭ ۋېيگو ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، سۈينىڭدىكى پۇقرالارنىڭ توپلىشىپ ئادەم ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈش ۋەقەسى ھەم خىتايدا ئۈزلۈكسىز يۈز بېرىپ كېلىۋاتقان توپلىشىپ ئادەم ئۇرۇش ھەتتا ئۆلتۈرۈۋېتىش ۋەقەسى ھەققىدىكى قارىشىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: "خىتايدا ئۈزلۈكسىز يۈز بېرىۋاتقان، پۇقرالارنىڭ توپلىشىپ ئادەم ئۇرۇش، ھەتتا ئۇلارنى ئۆلتۈرۈۋېتىشتىن ئىبارەت بۇ بىر قاتار ۋەقەلەر خىتاينىڭ ئەزەلدىنلا قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىنىدىغان جەئىىيەت ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. خىتاينىڭ تارىخىدىن ئېلىپ ئېيتساق، خىتاي مەدەنىيىتىدە ئەزەلدىن قانۇن ئارقىلىق دۆلەتنى باشقۇرۇش ئېڭى بولمىغان. تارىختىن بۇيان خىتايدا پۇقرالار شەخسلەرنىڭ ئىرادىسى بۇيىچە باشقۇرۇلغان. پۇقرالاردىمۇ مەسىلىلەرنى قانۇنىي بەلگىلىمىلەر بويىچە كېڭىشىپ ئەمەس، ئۆز ئىرادىسى ھەم مەنپەئەتى بويىچە زوراۋانلىق ۋاستىلىرى ئارقىلىق ھەل قىلىش خاھشى شەكىللەنگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتاي مىللىتىدە ئەزەلدىنلا بىر مۇكەممەل بولغان دىنىي ئېتىقاد بولمىغان، ئېتىقاتنىڭ بولماسلىقى كىشىلەرنى ھېچنىمىدىن قورقمايدىغان، ھەممە ئىشنى ئۆز ئارزۇسى، ئىرادىسى بويىچە قىلىدىغان، باشقىلار بىلەن كارى بولمايدىغان شەخسىيەتچىلىك ھەم شەپقەتسىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان پۇقرالارنىڭ توپلىشىپ ئادەم ئۇرۇشى، ھەتتا ئۆلتۈرۈۋېتىش دەرىجىسىگە يېتىشى مانا بۇنىڭ ئىسپاتى. ئۇندىن باشقا خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى زورلۇق كۈچى بىلەن تىكلەنگەن ھاكىمىيەت بولۇپ، بۇ 60 يىلدىن بۇيان خىتايدا سىنىپىي كۈرەش نامىدا ئېلىپ بېرىلغان بىر قاتار زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى، كوممۇنىست پارتىيىنىڭ پۇقرالارغا ئېلىپ بارغان ئىدېئولوگىيە جەھەتتە دىنسىزلىقنى تەشەببۇس قىلىش، كىشىلەرنى سىنىپلارغا ئايرىپ سىنىپى كۈرەش ئىدىيىسىنى پۇقرالارغا سىڭدۈرۈۋېتىشى نەتىجىسىدە 60 يىلدىن بۇيان خىتايدا ئارقا - ئارقىدىن مەدەنىيەت ئالىمى قوبۇل قىلالمىغىدەك دەرىجىدىكى پاجىئەلەر يۈز بېرىۋاتىدۇ. مانا بۇ خىتايدا پۇقرالارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنىڭ سەۋەبى. خىتايدا ھەقىقىي ھالدىكى مۇكەممەل قانۇن تۈزۈمنىڭ بەرپا قىلىنىشىغا يەنە ئۇزاق بىر مەزگىل كېتىدۇ."

سۇينىڭ شەھىرىدىكى پۇقرالارنىڭ توپلىشىپ ئادەم ئۇرۇپ، ئۆلتۈرۈشىدەك بۇ خىل ئەھۋاللار خىتايدا داۋاملىق يۈز بېرىۋاتقان بولۇپ، بۇ يىل "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى نامايىشى"غا سەۋەب بولغان، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى شاۋگۈەن ئويۇنچۇق زاۋۇتىدىكى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئۇيغۇر ئىشچىلارنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈش ۋەقەسى؛ 7 - ئىيۇل كۈنى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن خىتاي پۇقرالىرىنىڭ كالتەك ‏ - توقماقلار بىلەن كوچىغا چىقىپ ئۇچرىغانلىكى ئۇيغۇرلارنى ئۇرۇپ، يارىلاندۇرۇش ھەتتا ئۆلتۈرۈش ۋەقەسى؛ 3 - سېنتەبىر كۈنى ئۈرۈمچىدە قايتا يۈز بەرگەن خىتاي پۇقرالىرىنىڭ كالتەك ‏ - توقماقلار بىلەن ئادەم ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈش ۋەقەسى؛ شۇنداقلا بۇ يىل 7 - ئايدا جىلىن ئۆلكىسىدە زاۋۇتتىكى ئىشچىلارنىڭ زاۋۇت باشلىقىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋېتىش ۋەقەسى قاتارلىق بىر قاتار ۋەقەلەر خەلقئارانىڭ دىققىتىنى قوزغىغان بولۇپ، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق جەمئىيەتلىرى خىتاينى "كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ناچار دۆلەت" دەپ ئەيىبلەپ، پۇقرالارنىڭ قانۇنى ھەق - ھوقۇقلىرىنى قوغداش ھەم خىتاي پۇقرالىرىغا قارىتا قانۇن - ئەخلاق تەربىيىسى ئېلىپ بېرىشنى كۈچەيتىشكە چاقىرىپ كېلىۋاتقان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.