خىتايدا بەش ئورۇن بىرلىشىپ سەرگەردان بالىلارنىڭ DNA ئەۋرىشكىسىنى يىغماقچى

خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى يېقىندا پۈتۈن مەملىكەت بويىچە، بالا ۋە ئاياللارنى ئالداپ سېتىشقا دائىر جىنايەتچىلەرگە قاتتىق زەربە بېرىش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چىقارغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ
2009.08.11

ئوقتۇرۇشتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك، خەلق ئىشلار، مالىيە، سەھىيە ۋە تۇرالغۇ ۋە شەھەر -  يېزا قۇرۇش مىنىستىرلىقلىرى ھەم ئۇلارنىڭ جايلاردىكى تارماق ئىدارىلىرى ھەمكارلىشىپ 2009  -  ئاۋغۇستتىن باشلاپ مەملىكەت بويىچە سەرگەردان ۋە ئالدانغان، سېتىلغان ئۆسمۈر بالىلار ھەم ئاياللارنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش ھەمدە ئۇلارنىڭ DNA قان ئەۋرىشكىلىرىنى يىغىپ، سانلىق مەلۇمات ئامبىرى قۇرۇشقا ھەرىكەتلىنىدىكەن.

خىتاي دائىرىلىرى گەرچە يىللاردىن بۇيان بۇ خىلدىكى بالا ھەم ئاياللارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداپ، قۇتقۇزۇشقا دائىر خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەشۋىق قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، بۇ قېتىمقىسى خىتايدا ئەڭ كۆپ ئورگانلارنىڭ قاتنىشى بىلەن كۈچلۈك تەدبىرلەر قوللىنىپ كەڭ دائىرىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان ھەرىكەت ئىكەن.

 خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى تارقاتقان ئۇقتۇرۇشتا، مەزكۇر ھەرىكەتنىڭ مەقسىتى" شەھەر ‏ -  بازارلاردىكى ئېقىپ يۈرگەن سەرگەردان، باش پاناھسىز بالا ھەم ئاياللارنى قۇتقۇزۇش ۋە ياش ئۆسمۈرلەرنى جىنايەتكە مەجبۇرلاشقا زەربە بېرىش " دەپ كۆرسىتىلگەن.

 مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەردە، خىتايدا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ جىنايەت سادىر قىلىش، بالا ھەم ئاياللارنى ئالداپ سېتىشقا دائىر ۋەقەلەر بارغانچە ئېغىرلاپ بېرىۋاتقان بولۇپ، بولۇپمۇ، بالا ھەم ئۆسمۈرلەرنىڭ تۈرلۈك جىنايەت گۇرۇھلىرى تەرىپىدىن دىۋانىلىك ۋە ئوغرى ‏ -  يانچۇقچىلىققا مەجبۇرلىنىشىدەك ئەھۋال بەكمۇ ئېغىر ئىكەن. بۇنىڭ بىلەن ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارىغا ئىگە بولمىغان بۇ خىلدىكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان بالىلار، مال ئورنىدا سېتىلىش، ئالدىنىش،تەن جازاسىغا ئۇچراش، خورلىنىش، زىيانكەشلىككە ئۇچراپ جىسمانىي ھەم روھىي جەھەتتىن قەستەن مېيىپقا ئايلاندۇرۇلۇش، ھەتتا ئۆلتۈرۈلۈش، باسقۇنچىلىققا ئۇچراشقا ئوخشاش قىسمەتلەرگە دۇچار بولۇۋاتقان بولۇپ، خىتاي جەمئىيىتىدىكى ئېغىر مەسىلىگە ئايلانغان.

خىتاي دائىرىلىرى بۇ قېتىمقى مەملىكەت بويىچە بالا ھەم ئاياللارنى سېتىش، ئالداشقا دائىر جىنايەت ھەم جىنايەتچىلەرگە بىر تۇتاش زەربە بېرىش ھەم بۇ جەرياندا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان بالا ھەم ئاياللارنى ئېنىقلاپ قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىدە، قايسى ئورگان بايقىغان بولسا، شۇ ئورگان، شۇ جايدا بىر تەرەپ قىلىش، ھەر قايسى ئورگانلار ئۆز دائىرىسىدىكى خىزمەتلەرنى مۇكەممەل ئەستايىدىل ئىشلەش، جەمئىيەتنى سەپەرۋەر قىلىپ، كوچىلاردىكى يالغۇز، ئىگە ‏ -  چاقىسىز، سەرگەردان بالىلارنى ئېنىقلاش، يىغىپ قۇتقۇزۇش، ئەۋرىشكە يىغىش ھەم سانلىق مەلۇمات تۇرغۇزۇشتەك خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ، تەرتىپلىك، مۇكەممەل ئىشلەش، دائىرىلەرنىڭ ھەرىكىتىگە ماسلاشمىغانلارغا قارىتا قاتتىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشقا ئوخشاش چارىلەرنى قوللىنىپ كۆزلىگەن نىشانغا يەتمەكچى ئىكەن.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ قېتىم باشلىغان ئۆسمۈر بالىلارنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنى كونترول قىلىش ھەم ئالدانغان سېتىلغان ئايال ۋە بالىلارنى ئېنىقلاش ھەم قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىدە بەزى زۆرۈر بولغان جىددىي ھەم مەجبۇرلاش ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىدىغانلىقى ھەمدە چېتىلىدىغان ئورگانلارنىڭ كۆپلۈكى قاتارلىق تەرەپلەر خىتاي كۆزەتكۈچىلەردە " بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 60 يىللىق تويىنى ئۆتكۈزۈش ئالدىدىكى جەمئىيەتتە ئېلىپ بېرىۋاتقان چوڭ كۆلەملىك تازىلاش ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسىمى" دېگەن قاراشلارنى ئوتتۇرىغا چىقاردى.

بۇ ھەقتە خىتاي تېلېگراف گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە، خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى جەمئىيەت تەتقىقاتچىسى پروفېسسور لى يىڭشېڭنىڭ سۆزىنى نەقىل ئېلىشىچە" خىتايدا بەش ئورگان بىرلەشكەن مۇنداق چوڭ تىپتىكى ھەرىكەتنىڭ تۇنجى قېتىم ئېلىپ بېرىلىشى، بولۇپمۇ دىۋانىلىق قىلىۋاتقان سەرگەردانلار بىلەن جىنايەت يولىغا مەجبۇرلانغان ياش ئۆسمۈرلەرگە نىسبەتەن مەخسۇس قانۇنىي ۋاسىتىلەر بىلەن مەجبۇرىي خاراكتېرلىك باشقۇرۇش ئۇسۇلى قوللىنىلىشى تۇنجى قېتىملىقى ھېسابلىنىدۇ."

ئۇيغۇرلارنىڭ قارىشىچە،خىتايدا گەرچە بالا ھەم ئاياللارنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتىنىڭ مۇۋاپىق قوغدالماسلىقى، ئۇلارنىڭ ئالدىنىپ، سېتىلىپ، ھەر خىل جىنايەت گۇرۇھلىرىنىڭ قورالىغا ئايلاندۇرۇلىشى پۈتكۈل مەملىكەتكە تارالغان، يىلتىزى چوڭقۇر، تەسىرى زور بولغان ئىجتىمائىي مەسىلە بولسىمۇ، ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن بىر مىللىي مەسىلىدۇر.

خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئۇيغۇر سەرگەردان بالا ھەم ئاياللار مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان بەزى ئۇيغۇر كۆزەتچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى سەرگەردان ئۇيغۇر بالا ھەم ئاياللارغا نىسبەتەن، خىتاي قوللانماقچى بولغان بۇ قېتىملىق قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى قانداقتۇر بىر قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى بولماستىن، بەلكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باھانىدە خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ۋە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شەھەر ‏ - ناھىيىلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنى قايتىدىن كونترول قىلىش ھەم تازىلاشتىن دېرەك بېرىدىكەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن باش كاتىپى، كانادادا ياشاۋاتقان تۇيغۇنجان ئەپەندى، خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتى  - 5 ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىنكى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان چوڭ تازىلاش ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسمى بولۇشى مۇمكىن دېگەن گۇمانىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى تەتقىقات مەركىزى باشلىقى ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندى، خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ياخشىلىقتىن دېرەك بەرمەيدۇ دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي تىنچلىق تورىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارغا قارىغاندا 2008 - يىلىنىڭ ئۆزىدىلا ئۇيغۇر ئېلىدىكى جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرى بالىلارنى ئالداپ خىتاي ئۆلكىلىرىگىگە ئاپىرىپ ساتقان ھەمدە بالا يانچۇقچىلار گۇرۇھلىرىنى قۇرۇپ جىنايەت سادىر قىلغان 8 چوڭ جىنايەت گۇرۇھىنى پاش قىلغان، 177 ئادەمنى قولغا ئالغان، بۇ جىنايەت گۇرۇھلىرى تەرىپىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئالداپ كېتىلىپ تۈرلۈك زىيانكەشلىكلەرگە ئۇچراپ قۇتقۇزۇۋېلىنغان بالىلار 746 نەپەر ئىكەن، ئالدىنقى ئۈچ يىلدا ئۇيغۇر ئېلىدىن خىتايغا ئالداپ كېتىلگەن ئۇيغۇر بالىلارنىڭ سانى 3059 ئىكەن.

ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ جىنايەت گۇرۇھلىرى تەرىپىدىن ئالداش، سېتىش يوللىرى بىلەن خىتاي ئۆلكىلىرىدە تۈرلۈك جىنايى ھەرىكەتلەرگە مەجبۇرلىنىشى يېقىنقى 10 يىلدىن بۇيان كۈنسايىن ئېغىرلاشقان بىر مەسىلە بولغان بولسىمۇ، ھازىرغىچە مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەر خىتاي ئۆلكىلىرىدە ھوقۇق مەنپەئەتلىرى ئېغىر دەخلى تەرۇزغا ئۇچراپ كېلىۋاتقان بۇ ئۇيغۇر بالىلارنىڭ سانى ھەم ئەھۋالى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات تارقاتمىغان شۇنداقلا ئادەم بېدىكلىرىگە زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى ھېچقانچە ئۈنۈم كۆرسەتمىگەن ئىدى.

ئۈرۈمچىدىكى بەزى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۈرۈمچىنىڭ ئۆزىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇ‏ -  شىمالىدىن كېلىپ تۈرلۈك ۋاقىتلىق ئىشلار بىلەن جان بېقىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 500 مىڭ ئەتراپىدا ئىكەن.

سىنا تورىدا بېرىلگەن بىر ئۇچۇردا كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە خىتاينىڭ ھەر قايسى چوڭ شەھەرلىرىدە ئېقىپ يۈرگەن، دىۋانىچىلىق، ئوغرى، يانچۇقچىلىققا مەجبۇرلىنىپ تۈرلۈك خورلۇق ئىچىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ئۆسمۈر بالىلارنىڭ سانى  50 مىڭدىن ئاشىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.