خىتاي، چوشقا زۇكمىنىڭ يېزا مەكتەپلىرىدە تارقىلىشىدىن جىددىي ئەندىشە قىلماقتا

خىتايدا چوشقا زۇكام يۇقۇمى ۋەزىيىتى بارغانچە جىددىي بولماقتا،نۆۋەتتە چوشقا زۇكىمى تارقالغان شەھەر ھەم ناھىيىلەر سانى 510 غا يەتكەن بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرى چوشقا زۇكىمىنىڭ يېزا -كەنتلەردىكى مەكتەپلەردە كەڭرى تارقىلىش ئېھتىماللىقىدىن ئەندىشە قىلماقتا ئىكەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ
2009.12.09
Xitayda-choshqa-kesili-305 29 - ﺋﺎﭘﺮﯦﻞ ﻛﯜﻧﻰ ﺑﯧﻴﺠﯩﯔ ﻛﻮﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﺪﻩ ﭼﻮﺷﻘﺎ ﺯﯗﻛﺎﻣﯩﺪﯨﻦ ﻣﯘﺩﺍﭘﯩﺌﻪ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﻣﺎﺳﻜﺎ ﺗﺎﻗﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻳﻮﻟﯘﭼﯩﻨﯩﯔ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ.
AFP Photo

خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىكى 7 - دېكابىر كۈنى خىتايدا چوشقا زۇكىمىنىڭ يۇقۇملىنىش ئەھۋالى ھەققىدە " دۆلىتىمىزدە چوشقا زۇكىمىدىن يۇقۇملىنىش ۋەزىيىتى ئىنتايىن جىددى" دەپ ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلدى. ئۇنىڭدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي مىقياسىدا چوشقا زۇكۇمىنىڭ تارقىلىشى يەنىمۇ بىر قەدەر تېز ھەم كەڭ بولىۋاتقان بولۇپ، چوشقا زۇكام سەۋەبلىك ئۆلگەنلەر سانىدىمۇ ئېشىش كۆرۈنگەن، شۇنداقلا مەكتەپلەر تارقىلىش بىر قەدەر تېز بولىۋاتقان شۇنداقلا ئالدىنى ئېلىش ئىشلىرى جىددىي رىقابەتكە دۇچ كېلىۋاتقان خەتەرلىك ئورۇنلار ھېسابلىنىدىكەن.

ھازىرغىچە چوشقا زۇكىمى تارالغان 510 شەھەر ھەم ناھىيىلەردە، چوشقا زۇكام يۇقۇمدارلىرى 97 مىڭ نەپەردىن ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە 326 سى ئۆلگەن. چوشقا زۇكام يۇقۇمدارلىرىنىڭ ئىچىدە ئېغىر كېسەللەر 32 %نى، ھامىلدار ئاياللار 14%نى ئىگىلەيدىكەن.

گەرچە، خىتايدا چوشقا زۇكام ۋاكسىنىسى ئەملىگەنلەر 31 ئۆلكە ھەم شەھەرلەردە،جەمئىي 30 مىليوندىن ئاشقان بولسىمۇ، ۋاكسىنا ئەملىگەنلەر ئىچىدىمۇ ئېغىر كېسەللىكلەر كۆرۈلگەن.

جۈملىدىن ئۇيغۇر ئېلىدە چوشقا زۇكام يۇقۇم ئەھۋالى خىتاينىڭ باشقا ئۆلكىلىرىگە قارىغاندا بىر قەدەر كېيىنرەك بايقالغان بولسىمۇ، يۇقۇملىنىش ۋەزىيىتى بارغانچە جىددىي بولماقتا. ھازىرغىچە ئۇيغۇر ئېلى مىقياسىدا چوشقا زۇكام ۋىرۇسى يۇقتۇرىۋالغانلار 1762 نەپەرگە يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئۆلگەنلەر 7 نەپەر.

يۇقۇمدارلارنىڭ ئىچىدە ئەھۋالى ئېغىرلىرى 58 نەپەر بولۇپ، دوختۇرخانىلاردا يەنە 20 نەپەر يۇقۇمدار ئۈستىدىن جىددىي قۇتقۇزۇش ئېلىپ بېرىلماقتا ئىكەن.

مەيلى ئۇيغۇر ئېلىدە بولسۇن ۋە ياكى خىتاي ئۆلكىلىرىدە بولسۇن سەھىيە دائىرىلىرىنى ئەندىشىگە سېلىۋاتقان ئەڭ جىددىي مەسىلە، چوشقا زۇكىمىنىڭ مەكتەپ ئورۇنلىرىدا تارقىلىشىنىڭ بىر قەدەر تېز ھەم كەڭرى بولۇۋاتقانلىقى بولۇپ، يۇقۇمدارلار ئىچىدە ئوقۇغۇچىلار ئەڭ كۆپ نىسبەتنى ئىگىلىگەن.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۈگۈن يەنى 9 - دېكابىر كۈنى خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىكى ھەمدە مائارىپ مىنىستىرلىكى بىرلىكتە چوشقا زۇكىمىنىڭ يېزا مەكتەپلىرىدە كەڭرى تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا جىددىي تەدبىر قوللىنىش ھەققىدە مەخسۇس ئۇقتۇرۇش چىقارغان.

خىتاي ھۆكۈمەت تور بېتىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان ئۇقتۇرۇشتا، "خىتاي دۆلەت كابېنتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ھۆججىتىنىڭ روھىغا ئاساسەن مەكتەپ ئورۇنلىرىدا چوشقا زۇكام تارقىلىشنى يەنىمۇ جىددىي تەدبىر ئېلىپ كونترول قىلىش، ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا يۇقۇملىنىش، ئۆلۈشنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈش ئۈچۈن سەھىيە ھەم مائارىپ تارماقلىرى بىرلىكتە قاتتىق تەدبىر ئېلىش، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنى مەكتەپ ئورۇنلىرىغا جىددىي سەپلەش، بولۇپمۇ يېزا مەكتەپلىرىدە بارلىق ئاماللارنى قوللىنىپ چوشقا زۇكىمىنىڭ يەنىمۇ كەڭرى تارقىلىشىنى كونترول قىلىش" تەكىتلەنگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر مەسىلىگە بولغان جىددىي پوزىتسىيىسى تەكىتلەنگەن بۇ ئۇقتۇرۇشتا يەنە مەكتەپلەردە چوشقا زۇكام ۋەزىيىتىنى تەكشۈرۈش بارلىق مەكتەپلەردىكى مەمۇرىي رەھبەرلىكنىڭ كۈندىلىك بىرىنچى ۋەزىپىسى بولۇشى كېرەكلىكى، يېزا مەكتەپلىرىدە ئوقۇغۇچى ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدا چوشقا زۇكام يۇقۇم ئەھۋالى بايقالغان ھامان ئەتراپلىق تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، يۇقۇملانغۇچىلارنى جىددىي كۆزىتىپ ئايرىپ بىر تەرەپ قىلىپ، يۇقۇملىنىشنى بىخ ھالىتىدە يوقىتىش، مەكتەپلەرنىڭ چوشقا زۇكىمىغا تاقابىل تۇرۇش ھەرىكىتىدە يېزىلىق ھۆكۈمەت ھەمدە بارلىق مۇناسىۋەتلىك مەمۇرىي دائىرىلەر ياردەمدە بولۇشتەك جىددىي تەدبىرلەرنى ئېلىش ھەققىدە ئېنىق تۈزۈملەر بەلگىلەنگەن.

ئىلگىرى خىتاي تارماقلىرى تەرىپىدىن مەكتەپلەردە بىر سىنىپتا 10 ئوقۇغۇچىدا نەپەس يولى كېسەللىكلىرى ياكى قىزىش كۆرۈلسە دەرھال دەرس توختىتىش بەلگىلەنگەن ئىدى، يېڭى ئۇقتۇرۇشتا بىر سىنىپتا بەش ئوقۇغۇچىدا بۇ خىل ئەھۋال كۆرۈنگەن ھامان دەرس توختىتىپ چوشقا زۇكام يۇقۇم ئەھۋالىنى كۆزىتىش بەلگىلەنگەن.

خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىكىنىڭ دوكلاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدا ھازىرغىچە بايقالغان چوشقا زۇكام يۇقۇمدارلىرىنىڭ 30%تىن ئارتۇقىنى ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىگىلىگەن.

خىتاي سەھىيە دائىرىلىرىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا قارىغاندا، خىتايدا چوشقا زۇكام يۇقۇم ۋەزىيىتى يېڭى يىلنىڭ ئالدى كەينىدە يەنىمۇ يۇقىرى بىر پەللىگە چىقىشى مۇمكىن بۇنىڭ ئىچىدە ئادەم زىچلىقى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان مەكتەپ ئورۇنلىرى يەنىمۇ جىددى يۇقۇم ۋەزىيىتىگە يۈزلىنىش خەتىرىگە دۇچ كېلىدىكەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.