خىتاي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىغا قاراتقان 4 ئايلىق ' قاتتىق زەربە بېرىش' ھەرىكىتىنى باشلىدى

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ تۈنۈگۈن بېيجىڭدىن يوللىغان خەۋىرىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەممە تور بەتلىرىگە ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تەييارلانغان يېڭى يۇمشاق دېتال قاچىلاش ھەققىدە بەلگىلىمە چىقارغانلىقىنى بايان قىلغان ئىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2008.12.04
Xitay-Internet-cheklesh-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺟﺎﻳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻨﺘﯧﺮﻧﯧﺘﺨﺎﻧﯩﺴﯩﺪﺍ ﻧﺎﺯﺍﺭﻩﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯩﻨﺘﯧﺮﻧﯧﺖ ﺳﺎﻗﭽﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺋﯩﻨﺘﯧﺮﻧﯧﺖ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﯜﭼﯩﻨﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﻣﻪﻛﺘﻪ.
AFP Photo

خىتاي ھۆكۈمىتى بىر مۇنچە تور بەتلىرىنى ۋە توردا ئەركىن پىكىر بايان قىلغان مۇستەقىل يازغۇچىلارنى قارا تىزىملىككە ئالغان

بۈگۈن بوشۇن تور بېتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىغا قاراتقان 4 ئايلىق 'قاتتىق زەربە بېرىش' ھەرىكىتىنى باشلىغان ۋە ئالدى بىلەن بىر مۇنچە تور بەتلىرىنى، توردا ئەركىن پىكىر بايان قىلغان مۇستەقىل يازغۇچىلارنى قارا تىزىملىككە ئالغان.

خىتاي بۇ 'قاتتىق زەربە بېرىش' ئارقىلىق 2009‏ - يىلىدا يۈز بەرگۈسى قارشىلىق ھەرىكەتلەرنى ئالدى بىلەن باستۇرماقچى

ئۇنىڭدا تەھلىل قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ تەشۋىقات مىنىستىرلىكى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى 2009‏ - يىلىدا خىتايدا يۈز بەرگۈسى قارشىلىق ھەرىكەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە چەتئەللەردىكى 'جۇڭگوغا قارشى كۈچلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ئۇلارغا قارىتا ئالدى بىلەن باستۇرۇش ئېلىپ بارماقچى بولىۋاتىدۇ.

 دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاينىڭ بۇ قاتتىق باستۇرۇش ھەرىكىتىنى قاتتىق ئەيىپلىدى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت بۈگۈن ئېلان قىلغان باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىغا قاراتقان بۇ 4 ئايلىق 'قاتتىق زەربە بېرىش' ھەرىكىتىنى ئەيىپلىدى، قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى ۋە خىتاينى بۇنداق ھەرىكەتنى دەرھال توختىتىشقا چاقىردى.

خىتاي كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدايمەن دېسە، ئالدى بىلەن خەلقنى مەتبۇئات ھوقۇقىغا ئىگە قىلىشى كېرەك

دىلشات رىشىتنىڭ قارىشىچە، خىتاي كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدايمەن دېسە، ئالدى بىلەن خەلقنى مەتبۇئات ھوقۇقىغا ئىگە قىلىشى كېرەك.

دىلشات رىشىتنىڭ قارىشىچە، خىتايدا ھۆكۈمەت ماختاپ سۆزلىگەن نەرسىنىڭ يالغانلىقىنى خەلق دۇنياغا پاش قىلىپ قويۇپ، ھۆكۈمەت دۇنيادا مات بولۇپ قالغان ئەھۋال يۈز بەرگەن ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر بۇنداق ئەھۋال يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، بۇ قېتىم ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنى باستۇرۇش ئارقىلىق، پۈتۈن جەمئىيەتنى ھۆكۈمەت نېمە دېسە شۇنداق دەيدىغان بىر خىل رامكىغا كىرگۈزمەكچى بولىۋاتىدۇ.

خىتاينىڭ بۇ قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى تېخىمۇ كۆپرەك ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان

دىلشات رىشىتنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ھازىر باشلىغان ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىغا قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى تېخىمۇ كۆپرەك ھالدا ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان، گەرچە ئۇيغۇرلاردا ئۇچۇر، مەتبۇئات ئەركىنلىكى خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىگە قارىغاندا تېخىمۇ يوق بولسىمۇ، خىتاي ئۇيغۇرلارنى ئاساس نىشان قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.