خىتاي دۆلەت ئىشلىرى كابىنېتى ئاخبارات ئورگىنى ئالدىغا يىغىلغان ئەرزدارلار قولغا ئېلىندى

خىتاينىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن نەچچە يۈزلىگەن ئەرزدار چارشەنبە كۈنى ئەتىگەن بىر ئارىغا جەم بولۇپ، ئۆزلىرى تەرىپىدىن ھازىرلانغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئائىت ماتېرىياللارنى، بېيجىڭدىكى دۆلەت ئىشلىرى كابىنىتىنىڭ ئاخبارات ئورگىنىغا تاپشۇرۇشقا تەييارلىنىۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي دائىرىلىرى زور كۆلەمدىكى ھەربىي كۈچلىرى ئىشقا سېلىپ ئەرزدارلارنى زورلۇق ۋاسىتىسى بىلەن تارقىتىۋەتكەن شۇنىڭدەك نۇرغۇن ئەرزدارنى قولغا ئالغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ
2009.01.14
xitay-dixan-yer-mesile-305.jpg ﮔﯘﺍﯕﺪﯗﯕﻨﯩﯔ، ﮔﯘﺍﯕﻨﯩﯔ ﻧﺎﻫﯩﻴﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯜﻣﻪﻧﻠﯩﮕﻪﻥ ﺩﯦﻬﻘﺎﻥ ﻳﻪﺭ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﻫﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﺳﺎﻗﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺗﻮﻗﯘﻧﯘﺷﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
RFA Photo

ئىستانسىمىزنىڭ خوڭكوڭدىكى مۇخبىرى مەزكۇر ۋەقە توغرىسىدا ئەرزدارلاردىن بىۋاستە ئۇچۇر ئىگىلىگەن بولۇپ، تۆۋەندە مۇخبىرىمىز ئەقىدە سىلەرگە بۇ ھەقتە ئاڭلىتىش بېرىدۇ.

خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، ھۆكۈمەتنىڭ، خەلق مەنپەئەتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلماسلىق قىلمىشلىرى تۈپەيلى مەيدانغا كېلىۋاتقان نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئۆتكەن يىل زور دەرىجىدە ئەۋج ئالغانلىقىنى، يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا ئەرز سۇنۇش، نارازىلىق بىلدۈرۈش پائالىيەتلىرىنىڭ ئوخشاشلا بۇ يىلمۇ توختىماستىن كۈچىيىۋاتقانلىقىنى، قاتتىق باستۇرۇشتىن، سولاشتىن ھەتتا ئېتىپ ئۆلتۈرۈشتىن قورقمىغان خەلق ئاممىسىنىڭ بۇ خىل قورقماس ئىرادىسىنىڭ ھامان بىر كۈنى، ھاكىمىيەتنى بويسۇندۇرۇشقا تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ئۆزلىرىنىڭ يۇقىرىقى قاراشلىرىنى بىلدۈرىۋاتقان بىر پەيتتە، بېيجىڭدىكى بىر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى چارشەنبە كۈنى ئىستانسىمىز مۇخبىرىغا، خىتاينىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئەرزدارلارنىڭ بېيجىڭدىكى دۆلەت ئىشلىرى كابىنېتى ئاخبارات ئورگىنى ئالدىغا يىغىلىپ، يەنە بىر قېتىم كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق پائالىيىتى ئېلىپ بارغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

بۇ قېتىملىق نارازىلىق ھەرىكىتىگە ئەرزدارلارنىڭ ئەھۋالىدىن تولۇق خەۋەردار بولۇشنى خالىغان چەتئەل مۇخبىرلىرىمۇ قاتناشقان بولۇپ، خىتاينىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئەرزدارلار، بېيجىڭدىكى دۆلەت ئىشلىرى كابىنېتى ئاخبارات ئورگىنىنىڭ بىناسى ئالدىغا توپلىشىپ، پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقىنىغا دەل ئىككى سائەت توشقاندا، ھۆكۈمەت نۇرغۇن ھەربىي ۋە ساقچىلارنى ئىشقا سېلىپ، بارلىق ئەرزدارلارنى تارقىتىۋەتكەندىن سىرت يەنە خېلى كۆپ ئەرزدارنى قولغا ئالغان.

ۋەقە جەريانىغا تولۇق شاھىت بولالايدىغان، ئۆز ئۆيىدىن مەجبۇرىي كۆچۈرۈلگەنلىكىگە نارازى بولۇش سەۋەبىدىن نارازىلىق بىلدۈرگۈچىلەر توپىغا قېتىلغان يۆ چىلوڭ چارشەنبە كۈنى خوڭكوڭدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، نەق مەيداندا يۈز بەرگەن جەرياننى تونۇشتۇردى. ئۇ سۆزىدە " شۇ ۋاقىتتا ئۈچ يۈزدەك ئادەم بار ئىدى، كېيىن چەتئەللىك مۇخبىرلار ئەرزدارلارنى سۈرەتكە ھەمدە فىلىمغا ئالدى ۋە زىيارەت قىلدى.

ئاخبارات ئورگىنىنىڭ ئالدىغا توپلاشقان ئادەملەرنىڭ ھەممىسى زەربىگە ئۇچرىغۇچىلار بولۇپ، قوللىرىدا ھۆكۈمەتكە ئەرز قىلىش ئۈچۈن سۇنماقچى بولغان ماتېرىياللىرىنى تۇتۇشۇپ، نامايىش تۈسىنى شەكىللەندۈردى، ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك ھۆكۈمەتنىڭ نۆۋەتتە ئەڭ ئەندىشە قىلىدىغىنى، 300 ئادەمنىڭ بىر جايغا توپلىشىپ ئەمەس، بەلكى 5 ئادەمنىڭ بىر جايدا توپلىشىپ تۇرۇشى، ئەلۋەتتە، شۇڭا بىز توپلاشقان ئاخبارات ئورگىنىنىڭ ئالدىغا توساتتىن ساقچىلار ۋە ساقچى ماشىنىسى توشۇپ كەتتى. بىر قىسىم ئەرزدارلار ساقچىلارنىڭ ۋارقىراش - جاقىراشلىرى بىلەن تەڭ قېچىشقا باشلىدى، يەنە بىر قىسىملىرى ئېلىپ كېتىلدى" دېدى.

 ساقچىلار ئەرزدارلارنىڭ بىر قىسىملىرىنى نەچچە ماشىنا بىلەن ماجالوغا ئاپىرىپ قويغان، ئەرزدارلار ئىچىدە بېيجىڭلىق زاۋ شۈنلى، دۆلەت ئىشلىرى كابىنېتى ئاخبارات ئورگىنىنىڭ خادىمىغا ئۆز دەردىنى ئاڭلىتىۋاتقان پەيتتە ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، بېيجىڭ ئەندىڭمېن ساقچىخانىسىغا سولاپ قويۇلغان ئىكەن.

ئەرزدارلار زاۋ شۈنلىنىڭ، بېيجىڭدىكى ئەندىڭمېن ساقچىخانىسىغا سولانغانلىقىنى، مۇخبىرىمىزغا بىلدۈرگەندىن كېيىن، شەنبە كۈنى كەچ سائەت 6 يېرىمدا ئىستانسىمىز مۇخبىرى، ئەندىڭمېن ساقچىخانىسىغا سولاپ قويۇلغان زاۋ شۈنلىنى تېلېفون ئارقىلىق زىيارەت قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. ئۇ مۇخبىرىمىزغا مۇنداق دېگەن: " مەن ھازىر ئەندىڭمېن ساقچىخانىسىغا سولاپ قويۇلدۇم، ئۇلار مېنى ئەتىگەن سائەت 11 لەردە بۇ يەرگە ئېلىپ كەلدى، ئۇلار بىر شاڭخەيلىك ئەرزدارنى مېنىڭ بىلەن بىرگە ئېلىپ كەلگەن ئىدى، ساقچىلار نېمە ئۈچۈن مېنى ساقچىخانىغا ئېلىپ كەلگەنلىكى ھەققىدە ئىپادە بىلدۈرمىدى، مەن ئاخبارات ئورگىنىنىڭ قوبۇل قىلىش ئۆيىدە مەزكۇر ئورگان خادىمى بىلەن يېڭى سۆھبەت باشلىغان ئىدىم، ئەندىڭمېن ساقچىخانىسىنىڭ باشلىقى 8 ساقچى بىلەن بىرگە قوبۇل قىلىش ئۆيىگە ئۇچقاندەك كىرىپ مېنى ئۇ يەردىن سۆرىگەن پېتى ئېلىپ چىقىپ، ئاپتوموبىلغا مەجبۇرى ئولتۇرغۇزۇپ، بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىپ سولاپ قويدى".

ئىستانسىمىز مۇخبىرى بىھۇدە سولاپ قويۇلغان زاۋ شۈنلى بىلەن سۆزىنى ئاياغلاشتۇرۇپ، ئەندىڭمېن ساقچىخانىسىغا تېلېفون ئۇرۇپ، بېيجىڭلىق ئەرزدار زاۋ شۈنلىنىڭ نېمە سەۋەبتىن بۇ ساقچىخانىغا سولاپ قويۇلغانلىقىنى سورىغىنىدا، ساقچى تەپتارتماستىن بىزنىڭ بۇ يەردە بۇنداق ئادەم يوق دەپ جاۋاب بەرگەن. مۇخبىرىمىز ": مەن تېخى ھازىرلا ئۇنىڭ بىلەن تېلېفوندا سۆزلەشتىم، ئۇ ھازىر سىلەرنىڭ ساقچىخانىدا " دېسىمۇ، ياق، بۇنداق ئادەم بىزنىڭ بۇيەرگە سولانمىدى، دەپ مۇخبىرنىڭ سوئالىغا داۋاملىق جاۋاب بېرىشتىن باش تارتقان.

زاۋ شۈنلىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۆتكەن يىلى 12 ‏ - ئاينىڭ 10 ‏ - كۈنى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى خاتىرلىنىۋاتقان كۈندە، زور كۆپچىلىك ئەرزدارلار، بېيجىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكەت پىلانى" غا مەسئۇل تارمىقىغا ئىلتىماس سۇنۇپ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ 12 ‏ - ئاينىڭ 18 ‏ - كۈنىگىچە، ئەرزدارلارنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كابىنېتى ئاخبارات ئىشخانىسى بىلەن ئالاقە ئورنىتىشىغا شارائىت ھازىرلاپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان ئىكەن. بىراق بىر ئايدىن بۇيان ئەرزدارلار ئاخبارات ئورگىنىدىن خەۋەر كۈتۈپ ھېچقانداق قانائەتلىنەرلىك بىر جاۋابقا ئېرىشەلمىگەن. بۇنىڭ بىلەن ئەرزدارلار توپلىشىپ نارازىلىق بىلدۈرۈش قارارىنى بېكىتكەن.

ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرى ئىستانسىمىز خىتاي ئەرزدارلىرىنىڭ ھۆكۈمەتكە ئەرز سۇنۇش جەريانىدا ئۇچرىغان ھەقسىزلىقلىرى ھەققىدە كۆپ مەلۇماتلار ئاڭلاتقان بولۇپ، بېيجىڭلىق ئەرزدار سۈن لىۋېنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەرزدارلار، دۆلەت كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكەت پىلانى بويىچە، زەربىگە ئۇچرىغان ئاجىز كوللىكتىپنىڭ ئاۋازىنى چىقىرىشقا پۇرسەت يارىتىش، دۆلەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىدىن مەھرۇم قالغانلار ۋە ئۈمىدىنى يوقاتقانلارنى باستۇرۇش ئەمەس بەلكى ئۇلارنىڭ ھايات - ماماتىغا تۇتىشىدىغان مەنپەئەتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە كاپالەت بېرىشىنى تەلەپ قىلغان.

چارشەنبە كۈنى سائەت 7 يېرىمدا، ساقچىلار زاۋ شۈنلىنىڭ ئۆيىگە قايتىشىغا رۇخسەت بەرگەن، ئۇ ئىستانسىمىز مۇخبىرىغا ھۆكۈمەتنىڭ يولسىز قىلمىشلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.