چۇڭچىڭ قاتارلىق بىۋاسىتە شەھەر ۋە ئۆلكىلەردە ھازىر ھۆكۈمەتكە قارشى چوڭ نامايىش بولۇۋاتىدۇ

مۇشۇ بىر نەچچە كۈن ئىچىدە چوڭچىڭ، تيەنجىن، لياۋنىڭ، خەينەن، جاڭسۇ، گۇاڭدوڭ قاتارلىق بىۋاسىتە شەھەر ۋە ئۆلكىلەردە خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى چوڭ نامايىشلار پارتلىدى.
مۇخبىرىمىز ۋەلى
2012.04.16
bo-shiley-305.jpg ئىككى چوڭ يىغىندا، بو شىلەي خىتاي پرېزىدېنتى خۇ جىنتاۋ ۋە باش مىنىستىرى ۋەن جياباۋنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتماقتا. 2012-يىلى 9-مارت، بېيجىڭ.
AFP

خىتايدا ھازىر كوممۇنىست پارتىيىنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدا ھوقۇق ئۇرۇشى جىددىي داۋاملىشىۋاتىدۇ، جەمئىيەتتە بولسا، مۇشۇ بىر نەچچە كۈن ئىچىدە چۇڭچىڭ، تيەنجىن، لياۋنىڭ، خەينەن، جياڭسۇ، گۇاڭدۇڭ قاتارلىق بىۋاسىتە شەھەر ۋە ئۆلكىلەردە خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى چوڭ نامايىشلار پارتلىدى.

خىتاي كوممۇنىست پارتىيە ھەربىي كومىتېتىنىڭ ئورگىنى بولغان «ئازادلىق ئارمىيە گېزىتى» ۋە سىچۈەن ئۆلكىلىك پارتكوم ئورگان گېزىتى بولغان «چۇڭچىڭ گېزىتى» جۈمە كۈنى پۈتۈن خەلققە، پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنى قوللاش توغرىسىدا مۇراجىئەتنامە ئېلان قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا چۇڭچىڭ شەھىرىدە، مەركىزى كومىتېت ۋەزىپىدىن توختاتقان بو شىلەينى قوللايدىغان ئىنتېرنېت تور پونكىتلىرىنى تاقىۋەتتى. بۇ، خىتايدا ھازىر كوممۇنىست پارتىيىنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدا ھوقۇق ئۇرۇشى جىددىيلىشىۋاتقانلىقىنىڭ ئىنكاسى.

خوڭكوڭدىكى ئېقىم مەسىلىلىرى ئوبزورچىسى پەن شاۋتاۋنىڭ بايان قىلىشىچە، كوممۇنىست پارتىيىنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدا ھوقۇق ئۇرۇشى جىددىي داۋاملىشىۋاتقان مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتتە، چۇڭچىڭدا ئونمىڭلىغان خەلق كوچىلارغا چىقىپ نامايىش قىلىۋاتىدۇ. بۇ نامايىشلار كوممۇنىست پارتىيىنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ ئۆتكۈزۈلگەن نامايىش ئەمەس، بو شىلەينى قوللايدىغان نامايىشمۇ ئەمەس، بەلكى خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نامايىش. يېقىنقى بىر نەچچە كۈندىن بىرى خىتاينىڭ «خەلق گېزىتى»، «شىنخۇا ئاگېنتلىقى» قاتارلىق ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى خەلقتىن، مەركىزى كومىتېتنىڭ بو شىلەي توغرىسىدىكى قارارىنى قوللاشنى تەلەپ قىلىپ توختىماي سۆزلەۋاتىدۇ، ئەمما ئۇنىڭدا چۇڭچىڭدا يۈز بەرگەن بو شىلەي، ۋاڭ لىجۈن دېلولىرىنىڭ تەپسىلاتىغا دائىر ھېچنېمىنى سۆزلىمەيدۇ، ئەگەر خەلق بۇ ھەقتە سۆزلىسە، ئۇلارنى «ئىغۋا تارقاتتى» دەپ باستۇرىدۇ.

رادىئومىزغا يېتىپ كەلگەن ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، چۇڭچىڭ شەھىرىدە ۋەنشېڭ رايونى بىلەن يەنە بىر رايوننىڭ بىرلەشتۈرۈۋېتىلگەنلىكىگە قارشى ئۆتكۈزۈلگەن نامايىش ئۆتكەن جۈمە كۈنى ئەڭ جىددىي بولغان، نامايىشقا قاتناشقا ئادەم سانى يۈز مىڭغا يەتكەن. خىتاينىڭ قوراللىق ساقچى قىسىملىرى نامايىشچىلاردىن ئونمىڭدەك ئادەمنى ئۇرۇپ يارىلاندۇرغان، خىتاينىڭ قوراللىق ساقچى قىسىملىرىدىن 1700 ئادەم يارىلاندۇرۇلغان. دوختۇرخانىلار يارىدار قوبۇل قىلىش ئىقتىدارىنى يوقاتقان. پۈتۈن شەھەردە دۇكانلار تاقالغان. گەرچە بۇنداق جىددىي ۋەزىيەت ھازىر بىر ئاز بېسىققان بولسىمۇ، ئەمما خەلقنىڭ قارشىلىقى تېخى بېسىقمىغان.

خىتايدا كوممۇنىست پارتىيىنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدا ھوقۇق ئۇرۇشى جىددىيلىشىۋاتقان مۇشۇ ۋەزىيەتتە، تيەنجىن، لياۋنىڭ، خەينەن، جاڭسۇ، گۇاڭدۇڭ قاتارلىق باشقا بىۋاسىتە شەھەر ۋە ئۆلكىلەردىمۇ ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى چوڭ نامايىشلار بولۇۋاتىدۇ.

رادىئومىزغا يېتىپ كەلگەن ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، ئۆتكەن جۈمە كۈنى تيەنجىن شەھىرىنىڭ خەيبىن رايونىدا ئونمىڭلىغان شەھەر ئاھالىسى كوچىلارغا چىقىپ، ھۆكۈمەتنىڭ بۇ رايوندا ھەر يىلى 260 مىڭ توننا پلاستاماسا ئىشلەپچىقىرىدىغان تېخىمۇ چوڭ خىمىيە زاۋۇتى قۇرۇشىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزگەن. نامايىشچىلار خىتاينىڭ ساقچىلىرىنىڭ توسقۇنلۇق قىلىشىغا قارىماي «ھۆكۈمەتكە پۇل لازىم بولسا، خەلققە جان لازىم» دەپ شوئار توۋلاپ نامايىشنى داۋاملاشتۇرغان. تيەنجىندىكى بۇ نامايىش تېخى بېسىقمىدى.

لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ ئەنسەن پولات شەھىرىدىمۇ دۈشەنبە كۈنى بەش مىڭ نەپەر پولات ئىشچىسى شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىغا كېلىپ پولات زاۋۇتىدا نىكېل سېخى قۇرۇشقا قارشى نامايىش ئۆتكۈزگەن ۋە شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسىغا ھۇجۇم قىلغان. خىتاي ھۆكۈمىتى مۇقىملىقنى ساقلاش دېگەن نام بىلەن ئەنسەن پولات زاۋۇتىغا قوراللىق ساقچى قىسىم ئەۋەتىپ نازارەت قىلىشقا باشلىغان ۋە ھۆكۈمەتنىڭ زاۋۇت قۇرۇش پىلانىغا قارىتا ئوخشىمىغان پىكىردە بولۇشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ دەپ جاكارلىغان. ئەمما بۇ زاۋۇتتا ئىشچىلار پۇرسەت بولسىلا ئۈسكۈنىلەرنى چېقىپ ۋەيران قىلىدىغان ھادىسە توختىماي داۋام قىلىۋاتىدۇ.

خەينەن ئۆلكىسىنىڭ يىڭگې شەھەرچىسىدىمۇ ئون مىڭلىغان شەھەر ئاھالىسى شەنبە كۈنى ئېلېكتر زاۋۇتى قۇرۇشقا قارشى نامايىش ئۆتكۈزگەن. بۇ شەھەرچىگە قوشنا بولغان فېڭتاڭ مەھەللىسىدىكى خەلقلەرمۇ بۇ نامايىش سېپىگە قوشۇلغان. بىر نەچچە كۈندىن بۇيان خىتاينىڭ قوراللىق ساقچى قىسىملىرى بۇ شەھەرچىدە ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئېتىپ، نامايىشنى چېكىندۈرۈشكە ئۇرۇنۇۋاتىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

پىكىر

Anonymous
Apr 16, 2012 10:43 AM

مەدەنىيەت بوستانى دەپ نامى تارقالغان ، ئالى مەكتەپكە ئۆتۈش نىسبىتى %90 كە يەتكەن قومۇل راھەتباغ 1-ئوتتۇرا مەكتىبى چېقىلماقچى، خەۋەردە جىددى شەكىلدە چىقىرىپ قويۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز،
مانا بۇ تور ئادرىسى:
http://bbs.misranim.com/thread-76381-1-1.html