جېجىياڭدىكى نامايىشنى باستۇرۇش ئۈچۈن دائىرىلەر تەدبىر قوللاندى

26-27-ئۆكتەبىر كۈنلىرى جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ خۇجۇ شەھىرىدە پارتلىغان نارازىلىق نامايىشىدىن كېيىن، يەرلىك دائىرىلەر ھەربىي ۋە ساقچىلار ئارقىلىق نامايىشنى باستۇرغاندىن باشقا، ۋاقتىنچە بالىلار كىيىمى تىككۈچىلەردىن ئېلىنىدىغان باجنى توختىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

0:00 / 0:00

چارشەنبە كۈنى جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ خۇجۇ شەھىرىدە دۇكان ئىگىلىرى بىلەن باج خادىملىرى ئارىسىدا كېلىپ چىققان تالاش-تارتىش كېڭىيىپ، نەچچە مىڭلىغان ئامما قاتناشقان توقۇنۇشقا ئايلانغان ئىدى. بۈگۈن خىتاي ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدە، خۇجۇ شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ پەيشەنبە كۈنى كەچ سائەت سەككىز يېرىمدا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، خۇجۇ شەھىرىدە ھەربىي ھالەت يۈرگۈزۈلگەنلىكى، ۋەقەگە سەۋەب بولغان باج خادىملىرىنىڭ ئىشتىن بوشىتىلغانلىقى ۋە بالىلار كىيىمى تىككۈچىلەردىن ئېلىنىدىغان باجنىڭ ۋاقتىنچە توختىتىلغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

خۇجۇ شەھىرىدە يۈز بەرگەن نامايىش ھەققىدە چەتئەل مەتبۇئاتلىرى بىلەن خىتاي مەتبۇئاتلىرى پەرقلىق خەۋەر بەردى.

رويتېرس ئاگېنتلىقى، ب ب س ئاگېنتلىقى ۋە ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى قاتارلىق چەتئەل ئاگېنتلىقلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدە ۋەقەنىڭ خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئىچىدىكى چىرىكلىك ۋە پارىخورلۇق بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، 300مىڭ ئاھالىگە ئىگە ناھىيە بازىرىدا، ئاھالىلەرنىڭ 200 مىڭدىن كۆپرەكى ياقا يۇرتلاردىن كەلگەن ئىشلەمچىلەر بولۇپ، بۇلارنىڭ زور كۆپچىلىكى بالىلار كىيىمى تىكىش بىلەن تىرىكچىلىك قىلىدىكەن. بۇ بازاردا بالىلار كىيىمى تىكىدىغان دۇكانلار 5000 غا يېتىدىكەن.

شۇ يەرلىك بىر كىشىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىل خۇجۇ شەھەرلىك ھۆكۈمەت بالىلار كىيىمى تىككۈچىلەردىن ئېلىنىدىغان باجنى بۇلتۇرقىدىن بىر ھەسسە ئۆستۈرگەن بولۇپ، ھەر بىر كىيىم تىكىش ماشىنىسىدىن ئېلىنىدىغان باج بۇلتۇرقى 300 يۈەندىن 600 يۈەنگە ئۆرلىتىلگەن. نەتىجىدە بۇنىڭدىن نارازى بولغان ياقا يۇرتلۇق تىككۈچىلەر 26-ئۆكتەبىر شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىغا يىغىلىپ نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ بارغان. ئىككى كۈن ئىچىدە نامايىش قىلغۇچىلار تېزلىكتە كۆپىيىپ، نامايىشچىلار نەچچە مىڭ كىشىگە يەتكەن.

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى خىتاي تىلى بۆلۈمىنىڭ رايوندىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 27-ئۆكتەبىردىن باشلاپ خۇجۇدىكى بارلىق دۇكانلار تاقالغان. تۈنۈگۈن نامايىشنىڭ داۋامى توپىلاڭغا ئايلانغان. غەزەپلەنگەن نامايىشچىلار ساقچى ئاپتوموبىللىرى ۋە باشقا ئاپتوموبىللارنى كۆيدۈرۈپ، ئۇرۇپ-چاققان. ساقچىلار بىلەن نامايىشچىلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشتا 100نەچچە ئادەم يارىلىنىپ، 8 ئادەم ئۆلگەن. 27-ئۆكتەبىر كېچىدە ئۆيمۇ-ئۆي ئاختۇرۇپ ئادەم تۇتۇش باشلانغان.

خۇجۇ شەھەرلىك ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدە ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبىنى «بىر دۇكاندارنىڭ باج تۆلەشنى رەت قىلىپ، باجگىر بىلەن دەتالاش قىلىشى ۋە باشقا دۇكاندارلارنىمۇ كۈشكۈرتۈشى نەتىجىسىدە كېلىپ چىققانلىقى» خەۋەر قىلىنغان. خەۋەردە يەنە، ۋەقە جەريانىدا ساقچى ماشىنىلىرىنى كۆيدۈرۈپ قالايمىقانچىلىق چىقارغانلاردىن 28 كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى كۆرسىتىلگەن، ئەمما ۋەقەدە ئۆلگەن ۋە يارىلانغانلار ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىگەن.

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان خۇجۇ شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى خادىمى 28-ئۆكتەبىر ۋەقەنىڭ تىنچىپ، ۋەزىيەتنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ۋەقە ھەققىدە مۇخبىرلارغا ئۇچۇر بېرىشنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، زىيارەتنى رەت قىلدى.

ئەمما، يەرلىك ئامما تەرىپىدىن خىتاي تور بەتلىرىگە يوللانغان ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، نامايىش 28-ئۆكتەبىر يەنىلا داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، يەرلىك دائىرىلەر ۋەقەنى باستۇرۇش ئۈچۈن نەنجىڭ شەھىرىدىن ھەربىي قوشۇن يۆتكەپ كېلىپ، شەھەردە ھەربىي ھالەت يۈرگۈزگەن. نۆۋەتتە ھۆكۈمەت دائىرىلىرى رايوندىكى ئىنتېرنېت ۋە تېلېفون ئالاقىسىنى ئۈزۈپ تاشلاپ، ئۇچۇرلارنى قالام قىلغانلىقى ئۈچۈن، ۋەقەنىڭ تەرەققىياتى ھەققىدىكى تەپسىلاتلارنى ئىگىلەش تەس بولماقتا ئىكەن.