" 2017 - يىلى خىتايدا توپىلاڭ يۈز بېرىدۇ "
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻛﺮﻩﻡ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.07.01
2008.07.01
بۇ ئەسەرنى كۆرگەن ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تۇرسۇن ئەپەندى، خىتايدىكى ئۆزگىرىشنىڭ ئەمەلگە ئاشمايدىغان مەسىلە ئەمەس، بەلكى پەقەتلا ۋاقىت مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
مەملىكەت خاراكتېرلىك ئومۇمى توپىلاڭ
كالبېرىس ئەپەندى سۆزىدە، 2008 - يىلدىن كېيىن خىتايدا يەرلىكلەرنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز باش كۆتۈرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دەيدۇ: "خىتايدىكى يېزىلىقلار بىلەن شەھەرلىكلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىدىكى پەرقنىڭ ئارتىپ بېرىشى ۋە تۇرمۇش شارائىتلىرىدىكى ئادالەتسىزلىكلەر، ھۆكۈمەتنىڭ چىرىكلىكى، مۇھىت بۇلغىنىشى تۈپەيلى پەيدا بولىدىغان كېسەللىكلەر سانىنىڭ ھەسسىلەپ ئارتىپ بېرىشى 2008 - يىلدىن كېيىن خىتايدا ئالدىنى ئالغۇسىز زور قارشىلىقلارنى مەيدانغا كەلتۈرىدۇ. 2015 - يىلىغا يەتكەندە، بۇ خىل قارشىلىقلار مەملىكەت خاراكتېرلىك ئومۇمى خەلق توپىلىڭىغا ئايلىنىشقا باشلايدۇ."كالبېرىس ئەپەندى يەنە، خىتاينىڭ ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەۋاتقان ئىقتىسادى تەرەققىياتى پەيدا قىلىدىغان پاجىئەلەر ھەققىدە توختىلىپ: "چەكلىمىسىز ئېشىۋاتقان ئىقتىسادى كېرىم مىليونلىغان ئىنسانلارغا زىيانكەشلىك قىلىدۇ. خىتايدىكى ئىقتىسادى شەرەپ بىلەن ئىجتىمائىي پاراۋانلىق نەزەرىيىسى جەمئىيەت ئادالەتسىزلىكى بىلەن جەمئىيەتكە بولغان بۇزغۇنچىلىق كېلىماتىنىڭ ئالدىنى ئالالمايدۇ. خىتايدا ئىقتىسادى كېرىم مەيلى قانچىلىك ئاشمىسۇن، ئۇ ئىنسانلار ۋە تەبىئىي مۇھىتقا بولغان غايەت زور زىيانكەشلىككە ئارا تۇرالمايدۇ" دەيدۇ.
"خىتايدا 2016 - يىلى تۇنجى قېتىم ئەركىن سايلام ئېلىپ بېرىلىدۇ "
2030 - يىلىدىن ئىلگىرىكى خىتاينىڭ تەرەققىيات مەنزىرىسى توغرىسىدا ئىلمىي قىياسلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان كالبېرىس ئەپەندى، "2017 - يىلى خىتايدا توپىلاڭ يۈز بېرىدۇ" ناملىق ئەسىرىدە، خىتايدىكى ئىجابىي ۋە سەلبىي تەرەققىيات توغرىسىدا ئەتراپلىق توختىلىپ ئۆتكەن. ئۇ خىتاي تەرەققىياتىنىڭ ئىجابىي تەرەپلىرىنى تىلغا ئالغاندا مۇنداق دېگەن: "خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئىچكى قاتلىمىدا، ئىسلاھاتچىلار گۇرۇھىنىڭ سادالىرى كۈچىيىدۇ. ئۇلار دۆلەتنىڭ ئاساسى نىشانىنى ئۆزگەرتىپ، ئىقتىسادى ئىگىلىككە تايىنىپ تۇرۇپ پۇقرالار جەمئىيىتى ۋە دېموكراتىك تۈزۈلمە بەرپا قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ."كالبېرىس ئەپەندى يەنە، خىتايدىكى ئىجابىي تەرەققىيات ھەققىدە مۇنداق دېگەن: "2016 - يىلىغا بارغاندا ھەر قايسى ئۆلكە، شەھەرلەر تۇنجى قېتىم ئەركىن سايلام ئېلىپ بارىدۇ. يالغۇز كوممۇنىستىك پارتىيىلا ئەمەس، ھەر قايسى قانۇنلۇق تەشكىلاتلار سايلام نامزاتى بولىدۇ. ئۇلار ئۈچۈن ئالدىن شەرت بولسا، جەمئىيەت پاراۋانلىقى پرىنسىپىغا ھۆرمەت قىلىشتىن ئىبارەت. "
" دۆلەت رەئىسىنى خەلق بىۋاستە سايلايدۇ"
خىتايدىكى ئىجابىي تەرەققىياتنىڭ 2020 - يىلىغا كەلگەندە، خىتاينىڭ ھاكىمىيەت قاتلىمىغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان كالبېرىس ئەپەندى يەنە مۇنداق دەيدۇ: "2020 - يىلىغا بارغاندا، خىتاي دۆلىتىنىڭ مەركىزى ھاكىمىيىتى خىتايچە دېموكراتىيىلىشىش قەدىمىنى باسىدۇ. كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ خەلق قۇرۇلتىيىدىكى ۋەكىللىك نىسبىتى ئاران %25 نى ئىگىلەيدۇ. قالغان %75 ۋەكىلنى خەلق سايلام بىلەن بەلگىلەيدۇ.بۇندىن باشقا، دۆلەت رەئىسىنى خەلق بىۋاستە سايلايدۇ. كومپارتىيە سىرتىدىكى زاتلار خەلق تەشكىلاتلىرى ۋە گۇرۇھلارنىڭ قوللىشى ھەمدە بىر مىليون كىشىلىك ئىمزاغا ئېرىشكەن ئەھۋال ئاستىدا، رەئىسلىك نامزاتى بولالايدۇ. ئاياللارنىڭ ھاكىمىيەتتىكى نىسبىتى %25 كە يېتىدۇ. خىتايدا 2024 - يىلى تۇنجى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك چوڭ سايلام ئېلىپ بېرىلىدۇ ھەم نەتىجىلىك ئاخىرلىشىدۇ."
ھۆكۈمەت تەرىپىدىن چەتكە قېقىلغانلار ئېتىبارغا ئېرىشىدۇ
كالبېرىس ئەپەندى "2017 - يىلى خىتايدا توپىلاڭ يۈز بېرىدۇ" ناملىق قىياسىدا، 2020 - يىللاردىن كېيىن، خەلق ئىچىدە زور تەسىرگە ئىگە بولغان، لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن نەزەردىن چۈشۈپ قالغان ياكى قەستەن چەتكە قېقىلغان مەشھۇر شەخسلەرنىڭ ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارنى قۇرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.2030 - يىلىغا كەلگەندە، بۈيۈك جەمئىيەت ھەم ئېكولوگىيىلىك مۇھىتقا يۈزلىنىپ، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەڭ ئەقەللى قانۇن - تۈزۈم بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشقا بارلىق ئاۋام خەلقنى سەپەرۋەر قىلىدىغانلىقىنى ھەمدە بەلگىلىك مۇكەممەللىكنى روياپقا چىقىرىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.









