بىر كارخانىنىڭ مەتبۇئاتنى بوغۇشى خىتايدىكى نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ئېچىپ بەردى

گۇئاڭخۇي گۇرۇھىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە چىقىدىغان خىتايچە ئەڭ چوڭ گېزىتلەردىن بىرى بولغان "ئاستانە ئىستېمالچىلار سەھەر گېزىتىنىڭ" تارقىتىلىشىغا ئالتە كۈنگە قەدەر توسقۇنلۇق يارىتالىشى، نۆۋەتتە پۈتۈن خىتايدىكى چوڭ كىچىك تور بەت، مۇنازىرە مەيدانلىرىنىڭ قىزىق تېمىسىغا ئايلاندى.

0:00 / 0:00

خىتايدا مەتبۇئات ئەركىنلىكىنىڭ ھۆكۈمەت تەرىپىدىنلا ئەمەس ھەتتا كاپىتالىستلارنىڭمۇ، بىۋاستە بوغۇشىغا ئۇچراۋاتقانلىقىنىڭ بىر تىپىك مىسالى سۈپىتىدە مەيدانغا چىققان بۇ سەتچىلىكنىڭ،ئارقا كۆرۈنىشى ھەمدە پەيدا بولغان ئەكس سادالار ھەققىدە، مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە بىزنى تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلار بىلەن تەمىن ئېتىدۇ.

مەتبۇئاتنى بوغۇشنىڭ ئۆزى چوڭ خەۋەر

16 - ئاپرىل سەھەردىن باشلاپ ئۈرۈمچىدىكى گۇئاڭخۇي گۇرۇھىغا تەۋە 73 ئولتۇراق رايوننىڭ خەۋەرلىشىش بۆلۈملىرى ئالدىغا يىغىلغان ئامما ئۆزلىرى مۇشتىرى بولغان ئاستانە ئىستېمالچىلار سەھەر گېزىتىنىڭ تارقىتىلمايدىغانلىق ئوقتۇرۇشىنى كۆرۈپ ھەيران قېلىشتى ۋە تۈرلۈك غۇلغۇلا باشلاندى، گۇئاڭشخۇي گۇرۇھىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۇقتۇرىشىدا مەزكۇر گېزىتتە بىدئەت دىنىي مەزمۇنلار بېسىلغانلىق ئۈچۈن تارقىتىشىنىڭ گۇئاڭخۇي ئاھالىلەر رايونلىرىدا تارقىتىشىنىڭ قامال قىلىنغانلىقى يېزىلغان. بۇنىڭ بىلەن 14 مىڭدىن ئارتۇق مۇشتىرى گېزىتنى ئالالمىغان. بىر نەچچە كۈنگىچە گېزىتنى قولغا ئالالماي غەزىپى تاشقان مۇشتەرىلەر مەھەللىلەردىكى 7000دىن ئارتۇق گېزىت ساندۇقلىرىنى بۇزۇپ چاققان.

ھالبۇكى گۇئاڭخۇي گۇرۇھىنىڭ مەھەللىلەردە ئىستېمالچىلار سەھەر گېزىتنىڭ تارقىلىشىغا يول قويماسلىقى مۇشتەرىلەرنىڭ مەزكۇر گېزىتكە بولغان قىزىقىشىنى تېخىمۇ ئاشۇرغان، ئامما كوچىلارغا چىقىپ ئىستېمالچىلار سەھەر گېزىتنى ئىزدەپ تېپىپ ئوقىۋەرگەن. شۇنداقلا گۇئاڭخۇي گۇرۇھىنىڭ مەتبۇئاتقا، مۇشتەرىلەرگە قاراتقان بۇ توسقۇنلۇق ھەرىكىتى غۇلغۇلا قوزغاپلا قالماي تېز ئارىدا نۇرغۇن تور بەتلەردە پاش قىلىنىشقا باشلىدى.

شۇنداقلا بۇ سەتچىلىكنىڭ گۇئاڭخۇي گۇرۇھىنىڭ گېزىتتىن ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتى ئىكەنلىكىمۇ سۇ يۈزىگە چىقتى. ئەمەلىيەتتە بولسا گۇئاڭخۇي گۇرۇھىنىڭ مەتبۇئات ۋە جەمئىيەتكە تەنتەكلىك بىلەن ئېلىپ بارغان ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتى ئەڭ چوڭ خەۋەرگە ئايلاندى.

چۈنكى خىتايدا تېخى يېڭىدىنلا دۆلەت ئىنسان ھەقلىرى ھەرىكىتى پىلانى ئېلان قىلىنغان پەيتتە مەيدانغا كەلگەن بۇ كاپىتال ئىگىلىرىنىڭ مەتبۇئاتنى بوغۇش ھەرىكىتى مەتبۇئات ئەركىنلىكى، ئىنسان ھەقلىرى شۇنداقلا خىتاي قانۇنىغىمۇ خىلاپ بولغان، جەمئىيەتتە ئىنتايىن سەلبىي تەسىر پەيدا قىلغان بىر ۋەقە سۈپىتىدە خىتاي جەمئىيىتىدە پارتلىغان بىر خەۋەر بولماقتا.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئېلان قىلغان كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكەت پىلانىدا " ئاخبارات ئورنى ۋە ئاخباراتچىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇقىنى قوغداشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش، مەتبۇئات ئورگانلىرىنى قوغداش، مۇخبىر، زىيارەت قىلىنغۇچىلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش، قانۇن ئارقىلىق مۇخبىرلارنىڭ زىيارەت قىلىش، ئۇچۇر ئىگىلەش، مۇلاھىزە ئېلان قىلىش ۋە يېزىش ھوقۇقىنى قوغداش " دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەن. ئەگەر بولار ئەمەلگە ئاشمايدىكەن مەتبۇئات ئەركىنلىكىدىن، ئىنسان ھەقلىرىدىن سۆز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس.

بۇ كۈچلۈكلۈكمۇ ياكى ئاجىزلىقمۇ؟

ئەمما ھازىرغا قەدەر خىتايدىكى بەش يۈز چوڭ كارخانىنىڭ بىرى بولغان، ئۇيغۇر ئېلىدىكى 70 % تىن ئارتۇق ئۆي مۈلۈك بازىرىغا ئىگە شۇنداقلا مەزكۇر سەتچىلىكتىكى باش سەلبىي قەھرىمان گۇئاڭخۇي مەتبۇئاتقا توسقۇنلۇق قىلىش ھەرىكىتى ھەققىدە ھېچقانداق چۈشەندۈرۈش بەرمىدى. يەنى قانۇن ئالدىدىكى ھەمدە جەمىيەتتىكى مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالماسلىقى بىلەن تېخىمۇ زور تەنقىدلەرگە ئۇچرىماقتا.

گۇئاڭخۇي گۇرۇھىنىڭ ئاستانە ئىستېمالچىلار سەھەر گېزىتىنىڭ تارقىتىلىشىنى بوغۇشقا نېمە سەۋەب بولغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن كۆپ قېتىم گۇئاڭخۇي گۇرۇھىغا تېلېفون قىلغان بولساقمۇ ئۇلار تېلېفوننى ئالمىدى.

بىز يەنە بەخت يولىدىكى گۇئاڭخۇي گۇرۇھىغا تەۋە ئاھالىلىكلەر رايونىنىڭ خەۋەرلىشىش بۆلۈمىگە تېلېفون قىلىپ ئاستانە ئىستېمالچىلار گېزىتىنىڭ تارقىتىلىش ئەھۋالىنى سورىدۇق. تېلېفوننى ئالغان ئىشخانا خادىمى گېزىتنىڭ 22 - ئاپرىل سەھەردىن باشلاپ نورمال تارقىتىلىشقا باشلىغانلىقىنى ئېيتتى ۋە باشقا سوئاللارغا ئۆز ئالدىغا جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەتبۇئاتنى بوغۇشنىڭ ئەسلى مەقسىتى ئۆچ ئېلىش

بىر گېزىتنىڭ 14مىڭ مۇشتېرىسىدىن ئايرىپ تاشلىنىشى ئەلۋەتتە زور زىيانلارنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن، مەزكۇر ۋەقەدە ئىقتىسادىي، قانۇنىي مەنپەئەتى، مەتبۇئات ئەركىنلىكى ئېغىر دەخلىگە ئۇچرىغۇچى ئاستانە ئىستېمالچىلار گېزىتىنىڭ قانداق تەسىرلەرگە ئۇچرىغانلىقى ۋە ئۆز مەنپەئەتى شۇنداقلا مۇشتەرىلەرنىڭ قانۇنىي مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن قانداق ھەرىكەت قوللىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە مەزكۇر گېزىتنىڭ باش تارقىتىش بۆلۈمىگە تېلېفون ئۇلىدۇق.

گېزىتخانىدىن سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەرگەن بۇ خادىم ئۆزىنىڭ پەقەت تارقىتىشقا مەسئۇل بىر ئاددىي خىزمەتچى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەندىن كېيىن، نۆۋەتتە ھۆكۈمەتنىڭ ئارىلىشىشى بىلەن، تارقىتىش چەكلەنگەن گۇئاڭخۇي تەۋەلىكىدىكى ئولتۇراق رايونلىرىدا گېزىتنىڭ تارقىتىلىشى ئاستا - ئاستا نورماللىشىۋاتقانلىقى ئەمما يەنىلا بەزى بىر قىسىم رايونلاردا توسقۇنلۇقنىڭ يەنىلا مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى، گېزىتنىڭ ئۇچرىغان زىيىنىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكى بۇ جەھەتتە قانۇنىي يوللار ئېلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە گۇئاڭخۇي گۇرۇھىنىڭ مەزكۇر گېزىتنىڭ تارقىتىلىشىنى بوغۇپ تاشلىشىنىڭ بىر ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتى ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى:

- بۇ بىر ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتى، گېزىتىمىز مۇشۇ ئاينىڭ 3 - كۈنى گۇئاڭخۇي قۇرۇلۇش شىركىتى خادىملىرىنىڭ ئاھالىلەر رايونىدا قۇرۇلۇش قىلىش جەريانىدا، قۇرۇلۇش سۈپىتىگە نارازى بولغان ئاممىغا زوراۋانلىق قىلىپ، ئۆيلىرىگە بېسىپ كىرىپ ئۇرۇپ يارىلاندۇرغانلىقىدەك ئەمەلىي ئەھۋالنى خەۋەر قىلغان ئىدۇق، گۇئاڭخۇي گۇرۇھى بۇنىڭغا ئىنتايىن غەزەپلەنگەن ئىكەن، گېزىتىمىزنى قامال قىلىش مۇشۇ سەۋەبتىن كېلىپ چىققان پۈتۈنلەي ئۆچ ئېلىشنى مەقسەت قىلىنغان ھەددىدىن ئاشقان بىر ھەرىكەت.

- ھۆكۈمەت ياكى قانۇنىي تارماقلار مەزكۇر ۋەقە ھەققىدە گۇئاڭخۇيغا قارىتا قانداق تەدبىر ئالماقچى، سىلەرنىڭ تۆلىمىڭلارچۇ؟

- ھازىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەت مەزكۇر مەسىلىنى تەكشۈرۈۋاتىدۇ باشقا مەسىلىلەر ھەققىدە ئالدىراپ بىرنېمە دېيەلمەيمەن. گېزىتىمىز شىنجاڭدىكى مۇشتەرىلىرى ئەڭ كۆپ چوڭ گېزىت ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا بۇ ئىشنىڭ تەسىرىمۇ چوڭ بولدى.

"كاپىتالنى مەتبۇئاتنى بوغۇپ تاشلاش ھوقۇقىغا ئىگە قىلغان يەنىلا چىرىكلەشكەن ھۆكۈمەت"

گۇئاشخۇي گۇرۇھى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە بولۇش سۈپىتى بىلەن شىنجاڭدىكى ئىككىنچى ھۆكۈمەت دەپمۇ ئاتىلىپ كەلگەن ئىدى، بۇ قېتىم گۇئاڭخۇي گۇرۇھىنىڭ قانۇننى، جەمئىيەتنى، خەلق مەنپەئەتىنى، مەتبۇئاتنى كۆزگە ئىلماي، زومىگەرلىك بىلەن ئېلىپ بارغان مەتبۇئاتنى بوغۇش ھەرىكىتى ئۇنىڭ ھەقىقەتەنمۇ ئۇيغۇر ئېلىدە ئىقتىسادىي كۈچىدىن پايدىلىنىپ ئىنتايىن زوراۋان بىر ئورۇننى تىكلىۋالغانلىقىنى ئاشكارىلىدى، بەزى مۇنازىرىلەردە گۇئاڭخۇينىڭ ھېچنېمىنى كۆزگە ئىلمايدىغان زوراۋان بىر كۈچكە ئايلىنىشقا ئۇنىڭ ئارقىسىدا ئۇنى بار كۈچى بىلەن يۆلەۋاتقان چىرىكلەشكەن ئەمەلدارلار سەۋەبچى ئىكەنلىكى مۇنازىرە قىلىنماقتا.

خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى ئۇيغۇر مەركىزى گۇئاڭخۇي گۇرۇھىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەرلىك مەتبۇئاتنى بوغۇپ تاشلىشىدەك مەسىلىگە ئىنتايىن جىددىي قاراۋاتقان بولۇپ، مەركەزنىڭ باش كاتىپى قەيسەر ئابدۇرۇسۇل ئەپەندى "مەزكۇر ۋەقە ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ ئەدىلىيە سىستېمىسى ھەمدە ھۆكۈمىتىدىكى چىرىكلىكنىڭ قايسى دەرىجىدە چوڭقۇرلاشقانلىقىنى ئېچىپ بېرىدۇ..." دېگەن قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

گۇئاڭخۇي گۇرۇھىنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغان بىر قاتار مەسىلىلەر بارغانچە شارسىمان چوڭايماقتا، ئەمدىكى مەسىلە گۇئاڭخۇي گۇرۇھىنىڭ ۋە ياكى ھۆكۈمەتنىڭ مەزكۇر مەسىلىنى قانداق يىغىشتۇرىشىدا، جەمئىيەتتە ئەمدىكى قىززىق نۇقتا " گۇئاڭخۇي قانۇنىي، ۋىجدانى مەسئۇلىيىتىنى تونۇپ، خەلقتىن، مەتبۇئاتتىن، جەمئىيەتتىن كەچۈرۈم سوراشقا جۈرئەت قىلالامدۇ ؟ ياكى بۇنىمۇ يەنىلا ئىقتىسادىي كۈچى بىلەن يەرلىك ھۆكۈمەتنى ئىشقا سېلىپ جىمىقتۇرامدۇ ... " مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، خىتايدىكى كىشىلىك ھەق ھوقۇقى ۋە قانۇنىي ھوقۇقى ئېغىر خورلانغان خەلق، مەتبۇئات ساھەسى جاۋاب كۈتمەكتە.