خىتايدىكى بەختسىز ئۇيغۇر قىزلىرى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻛﺮﻩﻡ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.07.29
2008.07.29

RFA Photo
خىتايدىكى بۇ ئاتالمىش تېررورچىلار زادى كىم؟ دېگەن سوئال كىشىلەرنىڭ پىكرىنى قايتا چىرمىدى. بۇنىڭ سەۋەبلىرىگە قىزىققۇچىلارنىڭ سانى كۆپەيدى. "خىتايدىكى كېچە" ناملىق فىلىم بولسا بۇنىڭ بىر مىسالى.
ئىچكىرى خىتاينىڭ جياڭچىڭ ناملىق بىر يۇرتىدىكى مېھمانخانىدا ياشاۋاتقان بىر توپ ئۇيغۇر قىزلىرى ئىچىدىن بىر ئۇيغۇر قىزىنىڭ خىتاي يولۇچى بىلەن جىنسىي ئالاقە سودىسى قىلىۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ سودىدا كېلىشىپ، جىنسىي ئالاقە ئېلىپ بارغانلىقى كۆرسىتىلگەن. قىپ يالىڭاچ ھالەتتىكى ئۇيغۇر قىزىنىڭ خىتاي يولۇچى بىلەن ئېلىپ بارغان مۇناسىۋىتىنىڭ نەق مەيدان كۆرۈنۈشى ئەينەن سۈرەتلەنگەن.
غۇرۇرلىرىنى، ئار - نومۇسلىرىنى قوغداشقا چارىسىز قالغان ئۇيغۇر ئەركەكلىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن دۇنيا خالىمايدىغان ۋاستىلار بىلەن ئۆز نارازىلىقلىرىنى ئىپادىلەشكە مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقى چۈشەندۈرۈلگەن. چارىسىز قالغان ئاياللار ئەركەكلىرىدىن ياردەم كۈتىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى تەقدىرىنى بىر قەدەر ياخشى بىلىدىغان گېرمان زىيالىسى كاترىن خانىم بۇ فىلىمدىكى كۆرۈنۈش ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ:" مېنىڭچە دىنى، تىلى، ئۆرپ - ئادىتى، مەدەنىيىتى تۈپتىن ئوخشىمايدىغان، غايىسى تامامەن قۇتۇپ ئايرىغان بۇ ئىككى مىللەت ئارىسىدىكى بۇ خىل رەزىللىكلەرنىڭ مەۋجۇت بولۇشى ئۇيغۇرلار قوبۇل قىلالايدىغان ھادىسە ئەمەس. لېكىن بۇ بىر رېئاللىق. بۇ ئۇيغۇر ئەركەكلىرىدىن ئىنكاس قايتۇرۇشنى كۈتىدىغان رېئاللىق. بۇ ئىنكاسنىڭ يالغۇز ئاۋاز بىلەنلا چەكلىنىشى ئەقىلگە سىغمايدۇ."
كاترىن خانىم يەنە مۇنداق دەيدۇ: "ئۇيغۇر ئاياللىرى قورسىقىدىكى ھامىلىنى قوغداپ قېلىشقا ئامال تاپالمىغاندا، ئۆز يۇرتىدىن مەجبۇرىي ھەيدىلىپ، ئىچكىرى خىتايدا تېنىنى سېتىپ تۇرمۇش كەچۈرۈشنى رەت قىلىشقا قۇربى يەتمىگەندە، ئىمانى ۋە ئىززەت - نەپسىنىڭ ئۆزلىرى يىرگىنىدىغان بىر مىللەتنىڭ تاپىنى ئاستىدا چەيلىنىشىگە قارشى تۇرۇشقا ئاجىز كەلگەندە، ئانىلىق شەرىپىدىن، ئىنسانلىق غۇرۇرىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغاندا ئۆز ئەركەكلىرىدىن ياردەم تىلەيدۇ. قانداق ياردەم قىلىش يولىنى بولسا ئەركەكلەر تاللايدۇ."
لېكىن ت ئى پ نىڭ باياناتلىرىغا قارىتا ئىجابىي باھا بېرىش ياكى ئالدىراپ - تېنەپ " ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرقانداق شەكىلدىكى تېررور بىلەن ئالاقىسى يوق" دەپ بايانات ئېلان قىلىش كۈنىمىزدە ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى تالاش - تارتىشتا قالغان بىر مەسىلە بولماقتا. گېرمان زىيالىسى كاترىن خانىمنىڭ تىلى بىلەن ئېيتقاندا، خىتاي دۆلەت تېررورى ئالدىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ھەيران قېلىشقا ئەرزىمەيدۇ.
ئۇيغۇرلار قانداق چارىلەرگە مۇراجىئەت قىلىپ قارشىلىق كۆرسەتمىسۇن، بۇنىڭغا خىتاي ھۆكۈمىتى سەۋەبكار. ئەركىنلىك جەڭچىلىرىنى تېررورچى دەپ قارىلاپ، خىتاي بىلەن ئوخشاش مۇقامدا توۋلاشنىڭ خاتا بولىدىغانلىقىنى ئۇيغۇرلار چۈشىنىشى كېرەك.
تېنىنى سېتىپ ھايات كۆچۈرۈۋاتقان ئۇيغۇر قىزلىرى
1 سائەت 14 مىنۇتلۇق"خىتايدىكى كېچە" ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنى فرانسىيىنىڭ ئا ر ت ئە تېلېۋىزىيە قانىلى ئىشلىگەن. مارىي ستېفەن ۋە جۇ ئانچى قاتارلىقلارنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئىشلەنگەن بۇ فىلىمدە ئۇيغۇرلارغا ئائىت ئېچىنارلىق بىر مەنزىرە كۆرسىتىلگەن. يەنى ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئىچكىرى خىتايدا تېنىنى سېتىپ ھايات كۆچۈرۈۋاتقانلىقى سۈرەتكە قىستۇرۇلغان.ئىچكىرى خىتاينىڭ جياڭچىڭ ناملىق بىر يۇرتىدىكى مېھمانخانىدا ياشاۋاتقان بىر توپ ئۇيغۇر قىزلىرى ئىچىدىن بىر ئۇيغۇر قىزىنىڭ خىتاي يولۇچى بىلەن جىنسىي ئالاقە سودىسى قىلىۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ سودىدا كېلىشىپ، جىنسىي ئالاقە ئېلىپ بارغانلىقى كۆرسىتىلگەن. قىپ يالىڭاچ ھالەتتىكى ئۇيغۇر قىزىنىڭ خىتاي يولۇچى بىلەن ئېلىپ بارغان مۇناسىۋىتىنىڭ نەق مەيدان كۆرۈنۈشى ئەينەن سۈرەتلەنگەن.
ئۇيغۇر ئەركەكلىرىنىڭ نارازىلىقى
فىلىمدا گەرچە ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئىچكىرى خىتايغا ئىشلەمچىلىككە مەجبۇرلىنىپ، ماھىيەتتە پاھىشە ئاياللارغا ئايلاندۇرۇلۇۋاتقانلىقى، ئۆز يۇرتىدا ھاياتلىق نىسىۋىلىرىگە ئېرىشەلمەي، ئىچكىرى خىتايدا ھەر خىل رەزىللىكلەر بىلەن تۇرمۇش كۆچۈرۈشكە مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقى بايان قىلىنمىغان بولسىمۇ، نەق مەيداندىن تارتىلغان، كىشى ۋۇجۇدىنى شۈركەندۈرىدىغان بۇ كۆرۈنۈش ئۇيغۇر خانىم - قىزلىرىنىڭ قانچىلىك ئېغىر كۈنگە قالغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەرگەن.غۇرۇرلىرىنى، ئار - نومۇسلىرىنى قوغداشقا چارىسىز قالغان ئۇيغۇر ئەركەكلىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن دۇنيا خالىمايدىغان ۋاستىلار بىلەن ئۆز نارازىلىقلىرىنى ئىپادىلەشكە مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقى چۈشەندۈرۈلگەن. چارىسىز قالغان ئاياللار ئەركەكلىرىدىن ياردەم كۈتىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى تەقدىرىنى بىر قەدەر ياخشى بىلىدىغان گېرمان زىيالىسى كاترىن خانىم بۇ فىلىمدىكى كۆرۈنۈش ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ:" مېنىڭچە دىنى، تىلى، ئۆرپ - ئادىتى، مەدەنىيىتى تۈپتىن ئوخشىمايدىغان، غايىسى تامامەن قۇتۇپ ئايرىغان بۇ ئىككى مىللەت ئارىسىدىكى بۇ خىل رەزىللىكلەرنىڭ مەۋجۇت بولۇشى ئۇيغۇرلار قوبۇل قىلالايدىغان ھادىسە ئەمەس. لېكىن بۇ بىر رېئاللىق. بۇ ئۇيغۇر ئەركەكلىرىدىن ئىنكاس قايتۇرۇشنى كۈتىدىغان رېئاللىق. بۇ ئىنكاسنىڭ يالغۇز ئاۋاز بىلەنلا چەكلىنىشى ئەقىلگە سىغمايدۇ."
كاترىن خانىم يەنە مۇنداق دەيدۇ: "ئۇيغۇر ئاياللىرى قورسىقىدىكى ھامىلىنى قوغداپ قېلىشقا ئامال تاپالمىغاندا، ئۆز يۇرتىدىن مەجبۇرىي ھەيدىلىپ، ئىچكىرى خىتايدا تېنىنى سېتىپ تۇرمۇش كەچۈرۈشنى رەت قىلىشقا قۇربى يەتمىگەندە، ئىمانى ۋە ئىززەت - نەپسىنىڭ ئۆزلىرى يىرگىنىدىغان بىر مىللەتنىڭ تاپىنى ئاستىدا چەيلىنىشىگە قارشى تۇرۇشقا ئاجىز كەلگەندە، ئانىلىق شەرىپىدىن، ئىنسانلىق غۇرۇرىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغاندا ئۆز ئەركەكلىرىدىن ياردەم تىلەيدۇ. قانداق ياردەم قىلىش يولىنى بولسا ئەركەكلەر تاللايدۇ."
ئۇيغۇر ئەركەكلىرى بۈگۈن قايسى يولدا؟
ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ھەيران قېلىشقا ئەرزىمەيدۇ. 26 - ئىيۇل كۈنى گېرمانىيىنىڭ 1 - تېلېۋىزىيە قانىلى بولغان ئا ر د دا خىتاينىڭ ئەپتى - بەشىرىسىنى ئاچىدىغان " ماۋ زېدۇڭدىن ئولىمپىككە قەدەر" ناملىق مەخسۇس خەۋەر كۆرسىتىلىشتىن ئىككى كۈن ئىلگىرى، يەنى 24 - ئىيۇل كۈنى ئارد قانىلىدا يەنە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىنىڭ "يۇتۇب" تا ئېلان قىلغان باياناتى كۆرسىتىلگەن ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ قانچە ئون يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭ ھەر خىل زۇلۇملىرىغا ئۇچراپ كەلگەنلىكى سەۋەبلىك، ھەر خىل قارشىلىقلارنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان ئىدى.لېكىن ت ئى پ نىڭ باياناتلىرىغا قارىتا ئىجابىي باھا بېرىش ياكى ئالدىراپ - تېنەپ " ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرقانداق شەكىلدىكى تېررور بىلەن ئالاقىسى يوق" دەپ بايانات ئېلان قىلىش كۈنىمىزدە ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى تالاش - تارتىشتا قالغان بىر مەسىلە بولماقتا. گېرمان زىيالىسى كاترىن خانىمنىڭ تىلى بىلەن ئېيتقاندا، خىتاي دۆلەت تېررورى ئالدىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ھەيران قېلىشقا ئەرزىمەيدۇ.
ئۇيغۇرلار قانداق چارىلەرگە مۇراجىئەت قىلىپ قارشىلىق كۆرسەتمىسۇن، بۇنىڭغا خىتاي ھۆكۈمىتى سەۋەبكار. ئەركىنلىك جەڭچىلىرىنى تېررورچى دەپ قارىلاپ، خىتاي بىلەن ئوخشاش مۇقامدا توۋلاشنىڭ خاتا بولىدىغانلىقىنى ئۇيغۇرلار چۈشىنىشى كېرەك.