مەزكۇر ماقالىدە يەنە، ئاپەت مەركىزىدىن يىراق جايلاردىكى مەكتەپلەرنىڭ يىقىلىپ، ئاپەت مەركىزىگە يېقىن جايدىكى ھۆكۈمەت بىنالىرىنىڭ تەۋرىمىگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
خىتاينىڭ يېزىلىرىدا قۇرۇلۇشلارنىڭ سۈپەت تەكشۈرۈش ئۆتكىلى يوق
ماقالىدە بىلدۈرۈلۈشىچە نۆۋەتتە، خىتاينىڭ يېزىلىرىدا ئوتتۇرىچە كىشى بېشى كىرىمى 4140 يۈەن، شەھەرلەردە بولسا 13786 يۈەن. ۋېنچۈەن ناھىيىسىنىڭ كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمى 1400 يۈەن بولۇپ شەھەر ئاھالىسىنىڭكىدىن 10 ھەسسە تۆۋەن. يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىقتىسادىي كۈچىنىڭ ئاجىزلىقى ئاپەتتىن مۇداپئەلىنىشتىكى ئاجىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
ماقالىدە يەنە، نەق مەيداندا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قاراشلىرىغا ئورۇن بېرىلگەن. خىتاي دۆلەتلىك قۇرۇلۇش تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇتەخەسسىسى خۇاڭ شىمېن، " دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇش پىلانلاشتا، قۇرۇلۇشلارنىڭ يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى مۇھىم بىر ئۆلچەم قىلغانلىقىنى، بۇ ئۆلچەمنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ مۇمكىن بولماي كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ سەۋەبىنىڭ ئاھالىلەرنىڭ سېتىۋېلىش كۈچى، دۆلەت بەلگىلىگەن ئۆلچەمدىكى قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىنى سېتىۋېلىشىغا يەتمەيۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
يەنە بىر مۇتەخەسسىس، خىتاينىڭ يېزىلىرىدا قۇرۇلۇشلارنىڭ سۈپەت تەكشۈرۈش ئۆتكىلى يوقلۇقىنى، ئاھالىلەرنىڭ ئۆي سېلىشتا يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىش ئەمەس، پەقەت يامغۇر ۋە شامالدىن مۇداپىئەلىنىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. چېڭدۇ شەھىرىدىكى بىر قۇرۇلۇش شىركىتىنىڭ ئېنجىنېرى William Gormley خىتايدىكى كۆپلىگەن بىنالارنىڭ سۈپەت ئۆلچىمىدە مەسىلە بارلىقىنى ۋە بۇ ئاجىزلىقنىڭ بۇندىن كېيىن تېخى كۆپ ئاشكارىلىنىدىغانلىقىنى بايان قىلغان.
يەنە ۋال ستىرىت ژۇرنىلىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە خىتاي قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقىنىڭ يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئە كۆرۈشتە قويۇلىدىغان سۈپەت ئۆلچەملىرى ياپونىيە ۋە كالىفورنىيىدىكى سۈپەت ئۆلچىمى بىلەن ئوخشاش، ئەمما بۇ ئۆلچەمنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئوخشاش ئەمەس. ئېنژىنېر خۇاڭ شىمېن ئۆلچەمنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە كۆپ توساقلار بارلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما بۇ توساقلار ھەققىدە كونكرېت توختالمىغان.
خىتاينىڭ قۇرۇلۇش ئۆلچەملىرىدە يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارىغا پەرقلىق ئۆلچەم بېكىتىلمىگەن
بۇ قېتىمقى ئاپەتتە كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىنى تارتقىنى، ئاپەت مەركىزىدىن يىراق جايلاردىكى مەكتەپ، دوختۇرخانا ۋە ئائىلىلىكلەر بىنالىرىنىڭ ئۆرۈلۈپ، ئاپەت مەركىزىگە يېقىن بولغان سېچۈەننىڭ مەركىزى شەھىرى چېڭدۇدا ھۆكۈمەت بىنالىرىنىڭ تەۋرىمەي تۇرغانلىقىدۇر. بۇ ۋەزىيەتكە قارىتا خىتاي پۇقرالىرى ئىنتېرنېت سەھىپىلىرىدە نارازىلىقىنى بىلدۈرمەكتە، تەنقىدلەردە، ھۆكۈمەتنىڭ خەلقنىڭ پۇلىنى خەلق ئۈچۈن ئىشلەتمەيۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنغان.
لوس ئانجېلېس ۋاقتى گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ قۇرۇلۇش ئۆلچەملىرىدە، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەر قۇرۇلۇشىنىڭ يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارىغا پەرقلىق ئۆلچەم بېكىتىلمىگەن. بۇ ئۆلچەم غەرب ئەللىرىدە پەرقلىق بولۇپ، مەكتەپ قۇرۇلۇشىغا سۈپەت تەلىپى تېخىمۇ يۇقىرى قويۇلىدۇ. خىتايدا بولسا، ئەڭ يۇقىرى تەلەپ، ئايرودروم ۋە ئاتوم تەتقىقات قۇرۇلۇشلىرىغا قويۇلغان.
نۆۋەتتە، خىتاينىڭ ئاپەت قۇتقۇزۇش پائالىيىتىمۇ يېتەرسىز دەپ قارالماقتا. ۋېنچۈەن ناھىيىسىدە ئۆزىنى ئۆزى قۇتۇلدۇرۇپ چىققان بىر پۇقرا، 24 سائەتكىچە ھۆكۈمەتتىن ھېچقانداق ياردەم كەلمىگەنلىكىدىن شىكايەت قىلغان. نۆۋەتتە چەتئەل دۆلەتلىرىنىڭ قۇتقۇزۇش ئەترىتى ئەۋەتىش تەلەپلىرى خىتاي تەرىپىدىن رەت قىلىنماقتا. بۈگۈن خىتاي جەنۇبىي كورىيەنىڭ 1 مىليون دوللار ياردەم پۇلىنى قوبۇل قىلغان. ئەمما قۇتقۇزۇش ئەترىتىنى قوبۇل قىلمىغان.
ھازىرغىچە نەق مەيدانغا يېتىپ بارغانلار، خىتاي ئەسكەرلىرى ۋە شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرلىرى. خىتاي بۈگۈنگە قەدەر تەرەققىي قىلىۋاتقان شەھەر قۇرۇلۇشى بىلەنلا تونۇلۇپ كەلگەن بولۇپ، خارابە ھالەتتىكى يېزا قۇرۇلۇشلىرى دۇنيانىڭ نەزىرىدىن ئۇزاق تۇتۇلۇپ كەلگەن.
پەرەزلەر، ئۆلگەنلەر سانىنىڭ 40 مىڭغا يېتىپ بارغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە
شىنخۇا ئاگېنتلىقى چارشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن، بۇ قېتىمقى ئاپەتتە ئۆلگەنلەر سانىنى 14866 دەپ ئېلان قىلدى. فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى ئاپەت مەيدانىدىن بەرگەن خەۋىرىدە، ھازىرغىچە يەنە 26 مىڭ ئادەمنىڭ ئىز-دېرىكى يوقلۇقىنى خەۋەر قىلدى.. مۇشۇنداق بولغاندا سىچۈەندىكى ئاپەت، خىتايدا يېقىنقى يېرىم ئەسىردە يۈز بەرگەن ئىككىنچى چوڭ يەر تەۋرەش ئاپىتى ھېسابلىنىدۇ. دەسلەپكىسى تاڭشەن ئاپىتى بولۇپ، ئۇ قېتىمدا 240 مىڭ خىتاي ھاياتىدىن ئايرىلغان.
بۇ يەنە، يېقىنقى 10 يىل ئىچىدە دۇنيادا كۆرۈلگەن يەر تەۋرەش ئاپەتلىرى ئىچىدە زىيىنى ئېغىر بولغانلاردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. 1999 -يىلى تۈركىيىدىكى يەر تەۋرەشتە 17 مىڭ كىشى ئۆلگەن، 2003 -يىلى ئىراندىكى يەر تەۋرەشتە 26 مىڭ ئۆلگەن، 2005 -يىلقى پاكىستاندىكى يەر تەۋرەشتە 78000 ئادەم ئۆلگەن،
پەرەزلەر، بۇ قېتىمقى خىتايدىكى ئاپەتتە ئۆلگەنلەر سانىنىڭ 40 مىڭغا يېتىپ بارغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.
