خىتايدا زېمىن - بايلىق ھوقۇقى مەسىلىسى ئىجتىمائى زىددىيەتلەرنىڭ تۈگۈنى بولۇپ قالدى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2010.10.14
2010.10.14

RFA Photo
- زېمىن ئىنسانىيەتنىڭ تۈرمۇش ۋاستىسىلا ئەمەس، ئىشلەپچىقىرىش ۋاستىسى، يەر - زېمىنسىز ئادەمنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى مۇمكىن ئەمەس، - دەپ باشلايدۇ ئاپتور، ئامېرىكىدا چىقىدىغان 'كۆزىتىش ژۇرنىلى'دا ئېلان قىلغان 'خىتايدا يەر -زېمىن مەسىلىسى جەمئىيەتتىكى زىددىيەتلەرنىڭ تۈگۈنى بولۇپ قالدى' دېگەن ماقالىسىنى، - ئەلمىساقتىن بۇيان، كىمنىڭ يېرى قانچە كۆپ بولسا، ئۇ شۇنچە چوڭ باي ھېسابلىنىپ كېلىۋاتىدۇ. دەسسەپ تۇرىدىغان زېمىنى يوق ئادەم نامراتلىشىدۇلا ئەمەس، جەسىتىنى كۆمىدىغان گۆرمۇ تاپالمايدۇ. ئىنسانىيەت تارىخىدا يۈز بەرگەن ھەر قانداق چوڭ قالايمىقانچىلىق، قوزغىلاڭ ياكى ئۇرۇشلارنىڭ، تېگى -تەكتىدىن ئېيتقاندا، يەر - زېمىن، يەنى بايلىق توقۇنۇشىدىن كېلىپ چىقمىغانلىرى يوق. دۇنيادا ئۆزىنىڭ يەر - زېمىن ھوقۇقىنى قوغداشقا جان پېدا قىلمايدىغان ئادەممۇ يوق.
ئاپتور خىتايدىكى جېجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى جاڭ يۇڭرۇ . ئۇ، يىللاردىن بۇيان ئۆزىنىڭ تور پونكىتى ئارقىلىق پىكر ۋە تەھلىللىرىنى ئەركىن بايان قىلىدىغان پۇرسەتلەرنى ھەرگىز قولدىن بەرمەي كېلىۋاتىدۇ.
تارىختىكى خان ۋە غالچىلار
ئاپتور بۇ ماقالىسىدە، خىتاي تارىخىدىكى يەر -زېمىن ھوقۇقى مەسىلىسىنى يىغىنچاقلاپ مۇنداق دەپ بايان قىلىدۇ: خىتاي پادىشاھلىرى ئايىقى يەتكەنلا جاينى 'خاننىڭ زېمىنى' دەيدىغان ئۆكتەملەر. ئۇلار زورلۇق بىلەن ئىگىلىۋالغان زېمىنلەرنى، جايلاردا ئۆزىگە غالچىلىق قىلغان 'بەگ'لەرگىمۇ تەقسىم قىلىپ بېرىش ئارقىلىق قوغداپ تۇرغان.جايلاردا خىتاي خانلىرىغا سادىق بولغانلىكى غالچىلار نىڭ ھەممىسى چوڭ -كېچىك يەر ئىگىلىرىگە ئايلانغان. ئىنسانىيەتتە 'بازار' پەيدا بولغاندىن كېيىن، يەر ئىگىلىرى بىلەن يەرسىزلەر ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش جىددىيلەشكەن. كەڭ كۆلەملىك توقۇنۇشلاردا، پادىشاھتىن ئىبارەت ئەڭ چوڭ 'مۇنار' لار يېقىلىپ تۇرغان، ئۇلار يېقىلسىلا، جايلاردىكى كىچىك مۇنارلارمۇ پۈتۈنلەي يېقىلغان پاكىتلار بىلەن تولۇپ كەتكەن تارىخنىڭ بەتلىرى مانا كۆز ئالدىمىزدا تۇرۇپتۇ.
تارىخىدا ئەڭ كۆپ يەر ئىگىلىگەن چىڭ سۇلالىسىنى جۇڭخۇا مىنگو دېگەن مىللەتچى كۈچلەر يەر -زېمىن توقۇنۇشى ئارقىلىق يېقىتتى
ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي تارىخىدا ئەڭ كۆپ يەر ئىگىلىگەن چىڭ سۇلالىسىدىن ئىبارەت ئەڭ چوڭ 'مۇنار' نى جۇڭخۇا مىنگو دېگەن مىللەتچى كۈچلەر يەر - زېمىن توقۇنۇشى ئارقىلىق يېقىتتى. بۇ دۆلەت ئۆزىگە 'جۇمھۇرىيەت' دېگەن ۋېۋىسكىنى ئاسقانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭدا پادىشاھ دەپ ئاتىلىدىغان ئەڭ چوڭ يەر ئىگىسى يوق ئىدى.ئەمما بۇ دۆلەت ئۈچۈنمۇ، يەر - زېمىن بايلىقنىڭ سىمۋۇلى بولغاچقا، جايلاردىكى يەر ۋە بايلىقلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ئۇنىڭ مىللىتارىستلىرى تۇتۇپ تۇرغان، ئۇلار جايلاردا، ئىقتىسادىي شەكىل بىلەن بايلىق توپلايدىغان سودىگەرلەرنى ۋە ئۆز ئىگىلىكىدىكى كىچىككىنە زېمىنلەردە تېرىكچىلىك قىلىدىغان دېھقانلارنى زورلۇق بىلەن ئۆزىگە بويسۇندۇرۇۋالغان ئىدى.
بۇنىڭدىن 60 يىل بۇرۇن، خىتايدا يەر ھوقۇقى جەھەتتە ناھايىتى چوڭ ئۆزگىرىش بولدى
- بۇنىڭدىن 60 يىل بۇرۇن، خىتايدا يەر ھوقۇقى جەھەتتە ناھايىتى چوڭ ئۆزگىرىش بولدى، - دەپ بايانىنى داۋاملاشتۇرىدۇ ئاپتور - بۇ كوممۇنىست يېغىلىقى، يەر ۋە بايلىقلارغا بولغان خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىكنى گۇمران قىلىندى. 1955 - يىلىغا كەلگەندە، شەھەرلەردىكى سودا تىجارەتچىلەرنىڭ مۈلكىنى 'دۆلەت بىلەن شەخسىيلەر شېرىكلىشىش' دېگەن نام بىلەن دۆلەتكە ئۆتكۈزۈۋالدى.1956 - يىلى، يېزىلاردا دېھقانلارنىڭ قولىدىكى يەر - زېمىننى 'ھەمكارلىشىش - كوپراتسىيىلىشىش' دېگەن نام بىلەن 'كوللىكتىپ ئىگىلىكى'گە ئايلاندۇرۇۋالدى. ئۇنى 58 - يىلى 'خەلق كوممۇنىسى' دېگەن نام بىلەن 'ئومۇم' نىڭ يەنى دۆلەتنىڭ مۈلكىگە ئايلاندۇرۇۋالدى.
1979 - يىلىدىكى بەلگىلىمە
بۇ دەۋردە چىققان قالايمىقانچىلىقلارنى 'تۈزەش' دېگەن نام بىلەن 1979 - يىلى 'يەردىن ئالىدىغان مەھسۇلاتنى ئائىلىلەرگە كۆتۈرىگە بېرىش'نى يولغا قويدى. 1982 - يىلىغا كەلگەندە 'شەھەرلەردىكى يەر - زېمىن دۆلەتكە تەۋە، يېزىلاردىكى يەر -زېمىن كوللىكتىپ ئىگىدارچىلىقىدا بولىدۇ، شەخسىيلەرگە قالدۇرۇلغان يەر، تۇرالغۇلارمۇ كوللىكتىپ ئىگىدارچىلىقىدا بولىدۇ' دەپ بەلگىلىمە چىقىرىپ، دېھقانلارنىڭ قولىدىكى كىچىككىنە خۇسۇسىي مۈلكنىمۇ قايتىدىن تارتىۋالدى. ئاڭلىسام ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدا، بۇ يىلىدىن باشلاپ تۇغۇلغانلارغا يەر تەقسىم قىلىپ بېرىشنى توختاتقان، ئەمما كۆچمەنلەرگە ئىزچىل ھالدا يەر تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن ئىكەن .'شەھەرلەشتۈرۈش' ھەرىكىتىدىكى جىنايەتلەر
ئىككى مىڭىنچى يىللاردىن باشلاپ، 'شەھەرلەشتۈرۈش' دېگەن نام بىلەن، كوممۇنىست ئەمەلدارلىرى يېزىلاردا دېھقانلار تۇرۇۋاتقان يەر - زېمىن ۋە تۇرالغۇلارنى مەجبۇرىي چېقىپ ئۆتكۈزۈۋېلىشقا باشلىدى. 2009 - يىلى 1 - ئايدىن 7 - ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا، مەن تۇرغان فۇشۈن شەھەچىسىدىلا، دۆلەتنىڭ يەر - زېمىن تارماقلىرى سادىر قىلغان جىنايەت دېلوسى 1855 گە، دېلولارغا چېتىلغان ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئەمەلدارلارنىڭ سانى 178 كە يەتكەنلىكى، شەھەرلىك يەر - زېمىن ئىدارىسى باشلىقىنىڭ خىيانەت سوممىسى 145 مىليون يۇەنگە يەتكەنلىكىنى گېزىتلاردا كۆردۇق.جاڭشى ئۆلكىسىدىكى دېھقانلار ئۆزىگە ئوت قويۇپ نارازىلىق ئىپادىلىگەن رەسىم
ئاپتور بۇ ماقالىسىنىڭ ئاخىرىغا، كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى يولغا قويغان 'شەھەرلەشتۈرۈش' ھەرىكىتىدە، كوممۇنىست پارتىيىنىڭ مۇقەددەس جايى بولغان جاڭشى ئۆلكىسىدىكى دېھقانلار، كوممۇنىست پارتىيىنىڭ يەر ئىگىلەش، دېھقانلارنىڭ تۇرالغۇلىرىنى مەجبۇرىي چېقىپ ئۆتكۈزىۋېلىش ھەرىكىتىگە قارشىلىق بىلدۈرۈپ، ئۆيلىرىنىڭ ئۆگزىسىگە چىقىپ تۇرۇپ ئۆزىگە ئوت قويۇۋاتقان كۆرۈنۈشلەرنى قوشۇپ قويغان. شۇنداقلا، خىتاي تارىخىدا خەلقنىڭ خۇسۇسىي مۈلكىگە ھۇجۇم قىلغان ھەر قانداق ھۆكۈمەتنىڭ گۇمران بولمىغىنى يوق، دەپ يازغان.يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.