1 - ئۆكتەبىر چەتئەللەردىكى دېموكراتىك كۈچلەر خىتايغا قارشى پائالىيەتلەر ئۇيۇشتۇرماقتا
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﻬﺮﯨﺒﺎﻥ
2009.09.30
2009.09.30
![Xitay-dolet-bayrimi-305.jpg Xitay-dolet-bayrimi-305.jpg](https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/tepsili_xewer/xitaygha-qarshi-namayishlar-09302009191558.html/Xitay-dolet-bayrimi-305.jpg/@@images/11bee44f-eb8a-4720-bbc2-1bac6938e5ca.jpeg)
AFP Photo
بۈگۈن چەتئەللەردىكى دېموكراتىك تەشكىلاتلاردىن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، خىتاي دېموكراتىك تەشكىلاتلىرىدىن "خىتاي پۇقرالار كۈچى تەشكىلاتى"نىڭ باشلىقى ياڭ جيەنلى ئەپەندى، تىبەت تەشكىلاتلىرىدىن "ئەركىن تىبەت ئوقۇغۇچىلار تەشكىلاتى"نىڭ مەسئۇلى تېندور ئەپەندى قاتارلىقلار ئەركىن ئاسىيا رادىئو ئىستانسىسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمىنىڭ 60 يىللىق بايرىمى كۈنىدە خىتايغا قارشى ئېلىپ بېرىلىدىغان پائالىيەتلەر ھەققىدە توختالدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، 1 - ئۆكتەبىر كۈنىنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەرىپىدىن پۈتۈن شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇرلار ئۈچۈن "ماتەم كۈنى" ئىكەنلىكىنى، شۇڭا بۇ كۈنى ھەرقانداق بىر ئۇيغۇرنىڭ ھېچقانداق تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزمەيدىغانلىقىنى، چەتئەللەردە مۇھاجىرەتتە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ 1 - ئۆكتەبىر كۈنى، ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردە خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نارازىلىق نامايىشلىرى ھەم تەشۋىقاتلىرى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
دولقۇن ئەيسا سۆزىدە يەنە خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى مەزگىلىدە خەلقئارادىكى دېموكراتىك تەشكىلاتلار ۋە ئۇنىۋېرسىتېت قاتارلىق ئوقۇتۇش ھەم تەتقىقات ئورگانلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەم تىبەتلەر ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان مىللىي سىياسىتى ھەققىدە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇۋاتقان بولۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھەم ئۇنىڭ قارمىقىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى خادىملىرى ۋە ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ بۇ يىغىنلاردا خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان مىللىي سىياسىتى ھەققىدە دوكلاتلار بېرىۋاتقانلىقى ھەققىدە توختالدى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان "خىتاي پۇقرالار كۈچى تەشكىلاتى"نىڭ مەسئۇلى ياڭ جيەنلى ئەپەندى، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ 60 يىللىق دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى مەزگىلىدە، چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتىك تەشكىلاتلىرىنىڭ تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ 60 يىل جەريانىدا يۈرگۈزگەن مۇستەبىت تۈزۈمىنى تەنقىتلەۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: "ئەتە 1 - ئۆكتەبىر كۈنى، بىز ئامېرىكىدىكى ھەرقايسى دېموكراتىك تەشكىلاتلار بىرلىكتە ۋاشىنگتون شەھىرىدە، خىتاينىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئەلچىخانىسى ئالدىدا خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ بارىمىز، بۇ نارازىلىق نامايىشىغا خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى تەشكىلاتلارنىڭ ھەممىسى قاتنىشىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بىز كېلەر ھەپتە ئىچىدە خىتاينىڭ بۇ 60 يىلدىن بۇيان يۈرگۈزۈۋاتقان مىللىي سىياسىتى، ھەم خىتايدىكى مىللەتلەر ھەققىدە بىر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۇيۇشتۇرماقچىمىز. بۇ يىغىندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي سىياسىتى ھەققىدە ئىلمىي ماقالىلەر ئوقۇلىدۇ."
باش شىتابى نيۇ - يوركتىكى "ئەركىن تىبەت ئوقۇغۇچىلار تەشكىلاتى"نىڭ مەسئۇلى تېندور ئەپەندى، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئامېرىكىدىكى تىبەتلەرنىڭ باشقا دېموكراتىك تەشكىلاتلار بىلەن بىرلىكتە، بۈگۈن ھەم ئەتە نيۇ - يوركتىكى ئىمپېرىيە بىناسى ئالدىدىكى مەيداندا نامايىش قىلىۋاتقانلىقىنى، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تىبەتلەرنىڭ خىتاينىڭ 1 - ئۆكتەبىر مەزگىلىدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇۋاتقانلىقى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: "بىز شۇ تاپنىڭ ئۆزىدە بىز نيۇ - يوركتىكى ئىمپېرىيە بىناسىنىڭ ئالدىدا خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قارشى نامايىش قىلىۋاتماقتىمىز، بۈگۈن كېچە نيۇ - يورك شەھىرىنىڭ سىمۋولى بولغان بۇ بىنا ئالدىدا كېچىچە نامايىش قىلىشنى پىلانلىدۇق، نامايىشىمىز ئەلۋەتتە ئەتىمۇ داۋاملىشىدۇ. ۋاقىت پەرقى جەھەتتىن ئالغاندا بۈگۈن كېچە خىتايدا 1 - ئۆكتەبىر كۈنى بولىدۇ،ئەتىلىككە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تىبەت تەشكىلاتلىرىمۇ ئوز دۆلىتىدىكى ئۇيغۇرلار ھەم باشقا دېموكراتىك تەشكىلاتلار بىلەن بىرلىكتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ 60 يىلدىن بۇيانقى مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى نامايىش ۋە تەشۋىقات پائالىيەتلىرىدە بولىدۇ. ھەممىمىزگە مەلۇم تىبەت ھەم شەرقىي تۈركىستان شۇ تاپتا خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمى ۋە قىرغىنچىلىقى ئاستىدا تۇرۇپتۇ، بىز ئەلۋەتتە خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىگە قارشى ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىمىز، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇستەبىت ھاكىمىيىتىنىڭ 60 يىلدىن بۇيان تىبەتلەر، ئۇيغۇرلار، موڭغۇل، مانجۇ قاتارلىق مىللەتلەر ھەم خىتايلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان مۇستەبىت سىياسىتىنى دۇنياغا بىلدۈرۈشىمىز كېرەك."
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ 60 يىللىقى تەبرىكلىنىۋاتقان مۇشۇنداق بىر بايرام كۈنىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى بېيجىڭدا چوڭ پارات ئۆتكۈزۈپ، ئۆزىنىڭ قۇدرەت تاپقانلىقىنى دۇنياغا نامايان قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دېموكراتىك تەشكىلاتلار تۈرلۈك نارازىلىق پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ 60 يىلدىن بۇيان يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىدىكى نۇقسانلارنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاشكارىلىماقتا ئىكەن.