خوڭكوڭدا «خىتاينى پارچىلاش» ناملىق كىتاب نەشر قىلىندى

يېقىندا مەركىزى لوندوندىكى ئەينەك نەشرىياتىنىڭ خوڭكوڭدىكى خىتاي تىلىدىكى تارماق نەشرىياتى يازغۇچى يۈ داپېڭنىڭ «خىتاينى پارچىلاش» دېگەن 12 بابلىق چوڭ ھەجىملىك تەتقىقات كىتابىنى نەشر قىلغان.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2012.04.25
xitayni-archilash-kitab-305.jpg خوڭكوڭدا نەشر قىلىنغان «خىتاينى پارچىلاش» ناملىق كىتابنىڭ مۇقاۋىسى. 2012-يىلى ئاپرېل.
RFA/Erkin Tarim

مەزكۇر كىتابنىڭ مۇقاۋىسىغا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، تىبەتنىڭ روھانىي داھىيسى دالاي لاما، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن، شىزاڭ تىبەت ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى چېن چۇياڭ، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى خۇ چۈنخۇا ۋە خىتاينىڭ 18-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا خىتاينىڭ دۆلەت رەئىسلىكىگە سايلىنىدىغان كەلگۈسى خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ قاتارلىقلارنىڭ سۈرەتلىرى بېرىلگەن.

كىتابتا ئۇيغۇر مەسىلىسىگە يەر بېرىلگەن. كىتاب ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ياپونىيە كاگوشىما ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ھاجى قۇتلۇق قادىرى ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.