خۇ پىڭ: 'قىزىل ئۇچۇر ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەشۋىقاتى خىتاينىڭ ئاخىرقى كوزۇرى'

"5 - ئىيۇل ۋەقەسى"دىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا ئىنتېرنېت ۋە تېلېفون ئالاقىسىنى ئۈزۈپ تاشلىغاندىن باشقا پۈتۈن خىتاي تەۋەسىدە، ئىنتېرنېت ۋە تېلېفون ئالاقىسىگە بولغان كونتروللۇقنى كۈچەيتكەن ئىدى. بۇ يىل يېڭى يىل كىرگەندىن كېيىن بولسا، پۈتۈن خىتاي بويىچە تېلېفوندا "قىزىل ئۇچۇر يوللاش" ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىشقا باشلىغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﻬﺮﯨﺒﺎﻥ
2010-02-16
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺷﻪﻫﻪﺭﻟﯩﻚ ﭘﺎﺭﺗﻜﻮﻡ ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎﺕ ﺑﯚﻟﯜﻣﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﯩﮕﻪﻥ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﻨﯩﯔ 2010 - ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺑﺎﻫﺎﺭ ﺑﺎﻳﺮﯨﻤﯩﻨﻰ ﺗﻪﺑﺮﯨﻜﻠﻪﺵ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ - ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﻛﯧﭽﯩﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﻪﺭﺩﯨﻦ.
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺷﻪﻫﻪﺭﻟﯩﻚ ﭘﺎﺭﺗﻜﻮﻡ ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎﺕ ﺑﯚﻟﯜﻣﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﯩﮕﻪﻥ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﻨﯩﯔ 2010 - ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺑﺎﻫﺎﺭ ﺑﺎﻳﺮﯨﻤﯩﻨﻰ ﺗﻪﺑﺮﯨﻜﻠﻪﺵ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ - ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﻛﯧﭽﯩﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﻪﺭﺩﯨﻦ.
www.xjtsnews.com ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

ئامېرىكا ئاۋازى رادىئو ئىستانسىسىنىڭ مۇخبىرى جاڭ نەننىڭ بۈگۈن 16 - فېۋرال كۈنى بېيجىڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، ھازىر خىتايدا پۈتۈن دۆلەت بويىچە، " قىزىل تاۋار ھەرىكىتى" دەپ ئاتالغان تېلېفوندا " قىزىل ئۇچۇر يوللاش" پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولۇپ، ھەر قايسى يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى پۇقرالارنى تېلېفوندا "قىزىل ئۇچۇر يوللاش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىش" ئارقىلىق، "سېرىق ئۇچۇرلارغا زەربە بېرىش" ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇشقا سەپەرۋەر قىلماقتا ئىكەن.

خەۋەردە، خىتايدا يۈرگۈزۈلىۋاتقان بۇ ھەرىكەتنىڭ مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ: خىتايدا " مەدەنىيەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە " پرولېتارىيات ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىمىسە، بۇرژۇئازىيە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيدۇ." دەيدىغان بىر شوئار بار ئىدى. ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى ئاتالمىش " قىزىل ئۇچۇرلارنى يوللاش" ئارقىلىق، "سېرىق ئۇچۇر" ھەم " دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت ئۇچۇر"نى توسۇپ، ئۇلارغا زەربە بەرمەكچى بولۇۋاتىدۇ." دېيىلگەن.

"بېيجىڭ باھارى" ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى خۇ پىڭ ئەپەندى بۈگۈن رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى يولغا قويۇۋاتقان بۇ پائالىيەت ھەققىدە ئۆز مۇلاھىزىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

"ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن بۇنىڭدىن باشقا ئامال قالمىدى، ئۇلار بىر مەزگىل كومپارتىيىنى كۈيلەيدىغان ئىنقىلابىي مەزمۇندىكى ناخشىلارنى ئېيتىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان ئىدى، مانا ئەمدى " قىزىل تاۋار ھەرىكىتى" دەپ نام قويۇۋالغان " قىزىل ئۇچۇرلار"نى يوللاش ئارقىلىق ئۆز ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملىمەكچى بولۇۋاتسا كېرەك. ئۇلار بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ تەشۋىقاتىنى كۈچەيتسە، يەنە بىر تەرەپتىن پۇقرالارنىڭ ئالاقە ۋاسىتىسى بولغان تېلېفون ئۇچۇرلىرىنى كونترول قىلىش مەقسىتىگە يەتمەكچى بولماقتا."

ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇچۇر كونتروللۇقى تېخىمۇ قاتتىق بولۇپ، يەرلىك دائىرىلەر "3 خىل كۈچلەرگە زەربە بېرىش"ھەم " ئىتتىپاقلىق ۋە مۇقىملىق"نى تەكىتلەپ، 1 - فېۋرالدىن باشلاپ كىملىك نامى بويىچە ئىنتېرنېت ۋە تېلېفونغا تىزىملىتىشنى يولغا قويۇپ، تور ساقچىلىرىنى ھەسسىلەپ كۆپەيتىپ، سەزگۈر تېمىدا ئۇچۇر يوللىغانلارنى تۇتقۇن قىلىشنى باشلىۋەتكەن.

12 - فېۋرال شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، جامائەت خەۋپسىزلىك دائىرىلىرى چاغان بايرىمى مەزگىلىدە، رايوندا ئۇچۇر ئالاقىگە بولغان كونتروللۇقنى ھەسسىلەپ ئاشۇرۇپ، بۇ مەزگىلىدىكى 30 كۈنلۈك زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە، " سېرىق مەزمۇندىكى تېلېفون ئۇچۇرلىرىغا ھەم بۆلگۈنچىلىك مەزمۇنىدىكى ئۇچۇرلارغا نۇقتىلىق زەربە بېرىش" ھەرىكىتى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. قانۇنچىلىق گېزىتىنىڭ 12 - فېۋرالدىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، ئۇچۇر ئالاقە سىستېمىسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون تەۋەسىدە، تېلېفون ھەم ئىنتېرنېت ئابونتلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ كىملىكى بويىچە تىزىملىتىشىنى تەلەپ قىلىنغان.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تېلېفون ئۇچۇر - ئالاقىسىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ پۇقرالار ئارىسىدا تېلېفوندا قىسقا ئۇچۇر يوللاش ئومۇملاشقان. تېخى يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىدىن چەتئەلگە ئوقۇشقا چىققان بىر ئوقۇغۇچىنىڭ دېيىشىچە، بولۇپمۇ ياشلار ئارىسىدا بىر - بىرىگە تېلېفوندا قىسقا ئۇچۇر يوللاش ئارقىلىق ئالاقىلىشىش ئومۇمىي كەيپىياتقا ئايلانغان ئىكەن.

بۇ ئوقۇغۇچى ياشلار ئارىسىدا يوللىنىدىغان بۇ خىل ئۇچۇرلارنىڭ مەزمۇنى ساغلام ئىكەنلىكىنى، ھۆكۈمەت دەۋاتقان "ساغلام بولمىغان سېرىق مەزمۇندىكى ئەخلەت ئۇچۇرلار"نىڭ ئىنتايىن ئاز ئىكەنلىكىنى، ھۆكۈمەتنىڭ ئەمەلىيەتتە سەزگۈر مەزمۇندىكى ئۇچۇرلارغا دىققەت قىلىدىغانلىقىنى ھەم چەكلەيدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

خۇ پىڭ ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پۇقرالار ئارىسىدا ئەڭ ئومۇملاشقان تېلېفوندا قىسقا ئۇچۇر يوللاش ئارقىلىق ئۆز -ئارا ئالاقىلىشىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش ئەركىنلىكىگىمۇ يول قويماي، پۇقرالارنىڭ كىشىلىك ئەركىنلىكىنى دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: "ئەمەلىيەتتە كوممۇنىست ھۆكۈمەتنىڭ قارشى تۇرۇدىغىنى قانداقتۇر "سېرىق مەزمۇندىكى ئۇچۇرلار ئەمەس، ئۇلار پۇقرالارنىڭ سۆز ئەركىنلىكىنى بوغماقچى. خىتاي ھۆكۈمىتى "5 - ئىيۇل"دىن كېيىن ئىنتېرنېت ھەم ئۇزۇن يوللۇق تېلېفوننى ئۈزۈپ تاشلاپ ئۇچۇرنى قامال قىلدى. ئەمما پۈتۈن دۇنيا بويىچە خىتايدا ئەڭ ئومۇملاشقان تېلېفوندا قىسقا ئۇچۇر يوللاشنى توسۇشقا ئامال قىلالمىدى. ئىچكى خىتاي ئۆلكىلىرىدە ھازىر ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىقلار ھەم شۇ جايلاردا يۈز بەرگەن پەۋقۇلئاددە ۋەقەلەر تېلېفوندا قىسقا ئۇچۇر يوللاش ئارقىلىق تارقىتىلىۋاتىدۇ. شۇڭا ئەمدى تېلېفوندىكى ئۇچۇرلارنى كونترول قىلىش ئارقىلىق ئۆز ھاكىمىيىتىگە زىيان يېتىدىغان بارلىق نارازىلىقلارنى باسماقچى بولۇۋاتىدۇ."

خۇپىڭ ئەپەندى سۆزىدە يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چاغان مەزگىلىدە ئۇيغۇر ئېلىدە "مۇقىملىق" ھەم "مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى"نى تەكىتلەپ "30 كۈنلۈك قاتتىق زەربە بېرىش" ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىش بىلەن بىللە بېيجىڭ، ئۈرۈمچى، قەشقەر قاتارلىق شەھەرلەردە، چوڭ تىپتىكى سەنئەت كېچىلىكى ئورۇنلاشتۇرۇپ، خىتاينىڭ چاغىنىدا ئۇيغۇر ئارتىسلارنى سەھنىگە چىقىرىپ كومپارتىيە ھەم مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مەدھىيىلەيدىغان ناخشىلارنى ئېيتقۇزۇۋاتقانلىقىنى " خىتاينىڭ دۇنياغا قىلىۋاتقان كۆز بويامچىلىقى" ھەم "مايمۇن ئويۇنى ئويناتقانلىقى" دەپ ئەيىبلىدى.

"ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇللارنى سەھنىگە چىقىرىپ، كومپارتىيىنى ھەم مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مەدھىلەيدىغان ناخشىلارنى ئېيتقۇزۇش، كومپارتىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 60 يىلدىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان مايمۇن ئويۇنى. ئۇلار ئاشۇنداق تەشۋىقاتلار ئارقىلىق خەلقئاراغا "خىتايدا مىللەتلەر ئىتتىپاق، مىللەتلەر باراۋەر" دېگەننى تەشۋىق قىلىدۇ. ئۆز ئىچىدە بولسا قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتى قوللىنىدۇ. ئالايلۇق ئولىمپىك مەزگىلىدە ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرگە ئولىمپىك مەشئىلىنى كۆتۈرگۈزدى، خىتاي بالىلىرىنى 56 مىللەت قىياپىتىدە ياساپ سەھنىگە چىقاردى، بۇلتۇر دۆلەت بايرىمىدا تيەنئەنمېن مەيدانىغا 56 مىللەتكە ۋەكىللىك قىلىدىغان 56 تۈۋرۈكنى تىكلىدى... ئەمما ھەممە مىللەتلەر باراۋەر ياشايدىغان دېموكراتىك دۆلەت ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرى ھېچقاچان بۇنداق ياسالمىلىقلارنى قىلمايدۇ. بۇ خىتاينىڭ كۆز بويامچىلىقى ھەم مايمۇن ئويۇنى ئويناتقانلىقىنىڭ ئەڭ ياخشى پاكىتلىرى. مەن كېسىپ ئېيتىمەنكى، قىزىل ئۇچۇر يوللاش ھەم مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەشۋىقاتى، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخىرىقى كوزۇرى، ئۇلار ئۆز ھاكىمىيىتىنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى مەزگىلگە كەلگىنىنى بىلىدۇ، شۇڭا بارلىق ۋاستىلارنى ئىشقا سېلىۋاتىدۇ."

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى قايتىدىن ماۋ زېدۇڭ دەۋرىدىن قالغان كومپارتىيىنى مەدھىيىلەيدىغان ئىنقىلابىي ناخشىلارنى ئېيتىشنى تەشەببۇس قىلىش، قىزىل ئۇچۇر يوللاش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى تەشەببۇس قىلىش،چەتنىڭ بۆلگۈنچىلىك كۈچلىرىگە زەربە بېرىش قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ئۆز ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملىمەكچى ئىكەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت