ئىلى ۋىلايىتىدە كەڭ كۆلەملىك تازىلاش ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلماقتا

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سابىق ئىلى ۋىلايىتىدىكى غۇلجا شەھىرىنى مەركەز قىلغان ھەر قايسى ناھىيىلەردە ئايرىم - ئايرىم كەڭ كۆلەملىك تازىلاش ھەرىكىتى ئېلىپ بارماقتا.

0:00 / 0:00

"مەركەزلىك تازىلاش،" دەپ نام بېرىلگەن بۇ ھەرىكەتنىڭ نىشانى ئاساسلىقى ئىلى تەۋەسىدىكى ئۇيغۇرلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان ئاتالمىش"تاسادىپى ۋەقەلەر يۈز بېرىش ئېھتىمالى زور يېزا - كەنت ۋە مەھەللىلەر"گە قارىتىلغان. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز ئەركىن بۇ توغرىسىدا مەلۇمات بېرىدۇ.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىلى ۋىلايىتىدىكى ئۇيغۇرلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان يېزا - كەنت ۋە مەھەللە‏ - كويلاردا يولغا قويغان "مەركەزلىك تازىلاش ھەرىكىتى" ئىلى ئوبلاست پارتكومىنىڭ يېقىندا چاقىرغان مۇقىملىقنى قوغداش توغرىسىدىكى يىغىنىنىڭ يوليورۇقىغا ئاساسەن قانات يايدۇرۇلماقتا. مەركىزى گېرمانىيىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بولسا ھەرىكەتنىڭ ئاساسى نىشانى ھەر قايسى ناھىيىلەر ۋە غۇلجا شەھىرىدىكى توغراق يېزا، ئۈچدەرۋازا ئاھالىلەر رايونىغا ئوخشاش ئۇيغۇرلار توپ ئولتۇراقلاشقان يېزا - كويلارغا قارىتىلغانلىقى، ھەرىكەتنىڭ ئۇيغۇرلارغا "ۋەھىمە" سېلىش، ئۇلاردا "قورقۇنچ"پەيدا قىلىش ئۈچۈن قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان "پسىخولوگىيىلىك ئۇرۇش" ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ئىلى ئوبلاستى ج خ ئىدارىسىنىڭ " قىسقا خەۋەرلەر گېزىتى" دە ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلاردا غۇلجا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى توغراق ساقچىخانىسىنىڭ قارمىقىدىكى ھاجى مەھەللە ۋە قارىۋاي مەھەللىسىدە "تازىلاش" ئېلىپ بارغانلىقىنى، مەزكۇر مەھەللىدىكى 279 ئائىلىنىڭ تازىلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن، لېكىن قولغا ئېلىنغانلارنىڭ بار - يوقلۇقى، ئەگەر قولغا ئېلىنغانلار بولسا قولغا ئېلىنىش سەۋەبى توغرىسىدا ئۇچۇر بەرمىگەن. توغراقتىكى ساقچىخانىنىڭ بىر خادىمى تازىلاش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ھەرىكەتنىڭ تەپسىلىي ئەھۋالى ئۈستىدە توختىلىشنى رەت قىلدى.

رادىئومىزنىڭ بۇ ھەقتىكى سۇئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن ساقچىخانىدىكى بىر خادىم، "ھەرىكەت بۇنىڭدىن بىر قانچە ھەپتىلەر ئىلگىرى باشلانغان، بۇنىڭدىن ئىككى ھەپتە بۇرۇن بىر قېتىم ئېلىپ بېرىلدى، ھەرىكەت قەرەلسىز ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. بەزىدە ئىككى ھەپتە داۋاملاشقان ۋاقىتلار بولدى..........." دەپ كۆرسەتتى. لېكىن بۇ خادىم قانچىلىك كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى، ھەرىكەتنىڭ ئولىمپىك يىغىنىغا مۇناسىۋەتلىك ياكى ئەمەسلىكى، ھەرىكەتنىڭ كىملەرنى نىشان قىلغانلىقىغا دائىر سۇئالىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلىپ، " ئەپسۇسكى بىز خەلقئارا ۋە چەتئەلگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەرنى ئاشكارىلىيالمايمىز. بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەر يەرلىك مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان ئەمەس. بۇنى ئاشكارىلىسام بولمايدۇ.......ئەمما بىزنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىمىزنىڭ ھەممىسى جەمئىيەت ئامانلىقى، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداشنى مەركەز قىلغان.........ھەرىكەت بىرەرسىنى نىشان قىلغان ئەمەس. ئۇ پەقەت مەركەزلىك تازىلاش ئېلىپ بېرىش، قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنى تېپىپ چىقىش يەنى قانۇنسىز جىنايى ئۇنسۇرلار، پىلاكاتسىز ئاپتوموبىللار شۇنداقلا ئۈچى يوقلارنى ئېنىقلاشتۇر" دەيدۇ. ئۈچى يوقلارنىڭ كىملىكسىز كىشىلەر، قارا نوپۇسلار ۋە كېلىش مەنبىيى ئېنىقسىز كىشىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن بۇ خادىم، ئۈچى يوقلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى كۆزدە تۇتىدىغان ياكى تۇتمايدىغانلىقى ھەققىدىكى سۇئالىمىزغا " بۇنىڭغا جاۋاب بېرىلمەيدۇ " دەپ كۆرسەتتى.

غۇلجا شەھىرىنىڭ ئۈچدەرۋازا ئاھالىلەر رايونى يەرلىك دائىرىلەر تازىلاش ئېلىپ بارغان مۇھىم جايلارنىڭ بىرىدۇر. ئىلى ئوبلاستى ج خ ئىدارىسىنىڭ خەۋەرلەر مەجمۇئەسىدە، ئۈچدەرۋازا ساقچىخانىسىنىڭ قارمىقىدىكى ھەر قايسى مەھەللىلەردە ئېلىپ بېرىلغان تازىلاش ھەرىكىتىدە 50 كىشىنىڭ تەكشۈرۈلگەنلىكى، بۇنىڭ ئىچىدە 38 كىشىگە جەرىمانە قويۇلغانلىقى ياكى تۇتۇپ قېلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. خەۋەردە 38 كىشىنىڭ ئىچىدىكى بىر كىشى ساقچىلارنىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلىشىغا توسالغۇ بولغانلىقى، يەنە بىر كىشىنىڭ سالاھىيەت كىملىكى توغرا ئەمەسلىكى تۈپەيلى تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئەسكەرتىلگەن بولسىمۇ، لېكىن باشقىلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش سەۋەبى چۈشەندۈرۈلمىگەن.

رادىئومىز مۇخبىرىغا تازىلاش ھەرىكىتى توغرىسىدا "بايانات بېرىشكە بولمايدىغانلىقى" نى تەكىتلىگەن ئۈچدەرۋازا ساقچىخانىسىنىڭ بىر خادىمى، " چۈنكى بۇ ھەرىكەت بىزنىڭ بەزى جەھەتتىكى مەخپىيەتلىكىمىزگە چېتىلىدۇ. ئەگەر سۇئالىڭىز بولسا بۇ يەرگە كېلىپ، مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەرنى ئىزدەڭ. مەن سىزگە بۇ ھەرىكەتكە دائىر مەلۇمات بېرەلمەيمەن " دەپ ئەسكەرتتى. ئۇ، تۇتقۇن قىلىنغان 38 نەپەر كىشىنىڭ ئەھۋالى، ئۇلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش سەۋەبى ھەققىدىكى سۇئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى. ئۇ "مەن سىزگە ئېيتتىمغۇ، بۇ ئىش توغرىسىدا بايانات بېرەلمەيمەن. بۇ ئىشنى ج خ ئىدارىسىدىن سوراڭ " دەيدۇ.

ئىلى ئوبلاست پارتكومىنىڭ يېقىندا چاقىرغان مۇقىملىقنى قوغداش توغرىسىدىكى يىغىنى جايلارغا ئىلىدىكى ھەر قايسى شەھەر - ناھىيىلەردە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىش يوليورۇقى بەرگەن ئىدى. پىڭئەن تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى ئوبلاست پارتكومنىڭ يۇقىرىقى يوليورۇقىغا ئاساسەن بىر قاتار بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى تۈزگەن. بۇ تەدبىرلەر ناھىيىدىكى ئەرزىيەتچىلەرنى نازارەت قىلىش، ئاممىنىڭ توپلىنىشى، كوللىكتىپ ئەرز - شىكايەت قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بىر ئائىلىدە ۋەقە يۈز بەرسە ئائىلە باشلىقى جاۋابكار بولۇش، ئاخبارات توپلاشنى كۈچەيتىپ، كۆز ‏ - قۇلاقلارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش، مەسچىتلەرنى تەكشۈرۈش، دىنىي زاتلارنى يىغىپ، سىياسىي ئۆگىنىشكە تەشكىللەش، دىندار كىشىلەرنىڭ يۈرۈش - تۇرۇشىغا دىققەت قىلىش، ناھىيىدىكى ياقا يۇرتلۇقلارنى سۈرۈشتۈرۈش، بۇرۇن تۈرمىدە ياتقان، ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىلگەن ياكى جازاسىنى تالادا ئىجرا قىلىۋاتقان كىشىلەرنى نازارەت ئاستىغا ئېلىش، زەربە بېرىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، " كۆپ تۇتۇش، كۆپ ئىز قوغلاش، كۆپ جازا بېرىش"دە چىڭ تۇرۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. موڭغۇلكۈرە ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ بىر خادىمى بۇ مەسىلىنىڭ مەخپىيەتلىككە كىرىدىغانلىقىنى باھانە قىلىپ، بۇ ھەقتىكى سۇئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى. ئۇ، "بۇنىڭ سەۋەبى ناھايىتى ئاددى. چۈنكى بۇ مەخپىيەتلىك، سىزگە دېيىشكە بولمايدۇ" دەپ كۆرسەتتى.

ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىلى رايونىدىكى ھەرىكىتىنى "ئۇيغۇرلارغا ۋەھىمە سېلىش" دەپ ئەيىبلىمەكتە. ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئالىم سېيىتوف، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىرنىڭ بۈگۈن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئىسپات بېرىدىغانلىقىنى، ئىسپات بېرىش يىغىنىدا بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەزىيەتكە ئارىلىشىشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئولىمپىك بىخەتەرلىكى ئاتالمىش "شەرقىي تۈركىستان تېررورچىلىرى"نىڭ تەھدىتىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى، ئۈرۈمچىدىكى "تاڭنۇرى باغچىسى" قوروسىدا يۈز بەرگەن يېقىنقى ۋەقەدە خىتاي ساقچىلىرىنىڭ 5 ئۇيغۇر ياشنى ئۆلتۈرۈلگەنلىك ۋەقەسىنى بولسا" تېررورلۇق " تەھدىتىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلى ئىسپاتى، دەپ كۆرسەتمەكتە. لېكىن خەلقئارا ئاممىۋى تەشكىلاتلار خىتاينىڭ ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئاتالمىش "تېررورلۇق" ۋەقەسىگە دائىر مەسىلىلەردە ماددىي دەلىل ‏ - ئىسپاتلارنى ئېلان قىلمايۋاتقانلىقىنى، بۇ كىشىلەردە خىتاينىڭ ئاتالمىش " ئۇيغۇر تېررورچىلىقى" توغرىسىدىكى بايانلىرىغا گۇمان پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە ئىدى. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىغا ئوخشاش خەلقئارا ئورگانلار بولسا، خىتاينىڭ تېررورچىلىقنى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىش ۋە ئۆكتىچى زاتلارنى باستۇرۇشتىكى باھانە‏ - سەۋەب قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.