رابىيە قادىر: خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ ئارزۇسىنى تېررورلۇق بىلەن بېسىپ تۈگىتەلمەيدۇ!

ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، «ئۇيغۇر» دېگەن نام ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى دۇنيا مەتبۇئاتلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتقان ھامان خىتاي ھۆكۈمىتى تېررورىست ئاتالغۇسىنى قايتا ئىشلەتمەي قالمايدۇ.

0:00 / 0:00

11-دېكابىر كۈنى خىتاي، بۇ يىل 29-ئىيۇن خوتەندە ئايروپىلان بۇلىغان 4 ئۇيغۇرنىڭ ئۈچىگە ئۆلۈم جازاسى، بىرىگە مۇددەتسىز قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلغانلىقىنى ئېلان قىلىشى بىلەن خەلقئارانىڭ دىققىتى قايتىدىن ئۇيغۇر مەسىلىگە بۇرالدى. بۇنىڭ بىلەن خىتاي، «يەر شارى ۋاقتى» گېزىتىدە، خوتەندە يۈز بەرگەن ئۇشبۇ ئايروپىلان بۇلاش ۋەقەسىنىمۇ «چەتئەلدىكى رابىيە قادىر باشلىق بۆلگۈنچىلەرنىڭ دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيىسىدىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇر ئېلى ئىچىدە ئېلىپ بارماقچى بولغان يەنە بىر تېررورلۇق ھەرىكىتى» دەپ ئەيىبلىدى.

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، خىتاينىڭ ئەيىبلەشلىرىگە بۈگۈن رەسمىي جاۋاب قايتۇرۇپ، «خىتاي تېررورىست دەپ ئەيىبلىگەن ئۇيغۇرنىڭ ھېچقايسىسى تېررورىست ئەمەس، بەلكى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان تېررورلۇقىغا چىداپ تۇرالماي جېنىنى پىدا قىلىپ قارشى تۇرغانلاردۇر، ئۇيغۇرلار ئۇلارنى شۇنداق تونۇيدۇ، مەن شۇنداق تونۇيمەن، دۇنيامۇ شۇنداق تونۇيدۇ، مۇھىمى خىتاي ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئارزۇسىنى، تېررورلۇق باستۇرۇش سىياسەتلىرى بىلەن تۈگىتەلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىشى كېرەك!» دېدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، رابىيە قادىر خانىمنىڭ باياناتىنىڭ تولۇق مەزمۇنىنى مۇخبىرىمىزنىڭ ئۇنىڭ بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدىن ئاڭلاڭ.