قاراتاغىزدىن كەلگەن دېھقانلار يۇرتىغا قايتتى

بىر ھەپتىدىن بېرى بېيجىڭدا داۋا ئىشلىرى بىلەن بولۇۋاتقان خوتەنلىك دېھقانلار بۈگۈن يۇرتىغا قايتىش ئۈچۈن يولغا چىقتى. ئۇلار ھازىرغا قەدەر دۆلەتلىك ئەرزىيەت ئىدارىسى، مىللىي ئىشلار كومىتېتى ۋە دىۋىزىيە باشقۇرۇش ئورنى قاتارلىق 3 ئورۇندىن خەت ئالغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﯚﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2010.11.12
Uyghur-dixanliri-tyenenmende-tosowelinghan-xoten-dixanliri-1-305 ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺧﻮﺗﻪﻧﻨﯩﯔ ﮔﯘﻣﺎ ﻧﺎﻫﯩﻴﯩﺴﻰ ﻗﺎﺭﺍﺗﺎﻏﯩﺰ ﻳﯧﺰﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺗﻮﭖ ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﻼﺭ، ﺷﻪﻧﺒﻪ ﻛﯜﻧﻰ ﻧﺎﺭﺍﺯﯨﻠﯩﻖ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﻴﻪﻧﺌﻪﻧﻤﯧﻦ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﯩﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﺸﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ، ﺑﻮﺷﯜﻥ ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺯﯨﻴﺎﺭﯨﺘﯩﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ﺳﯜﺭﻩﺕ ﭼﯜﺷﯜﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
http://peacehall.com ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

ئەمما، خەتتە كونكرېت نېمىلەر دېيىلگەنلىكى مەلۇم ئەمەس. 14 ‏- دىۋىزىيىدىن كەلگەن ساقچى ۋە كادىرلار ئۇلارغا يۇرتىغا بارغاندا مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ بېرىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن.
 
بۇلار ھازىر يۇرتى قاراتاغىزغا بېرىپ، قوللىرىدىكى خەتنىڭ كۈچىنى ۋە دائىرىلەرنىڭ ئۆزلىرىگە بەرگەن ۋەدىسىنى سىناپ باقماقچى. ئەگەر يەنە مەسىلىسى ھەل بولمىسا ئەرزىنى قايتىدىن باشلىماقچى.

ئەرزدارلاردىن 2 نەپىرى 2 كۈننىڭ ئالدىدا يولغا چىققان بولۇپ، ئۇلار ھازىر خوتەنگە بېرىپ بولغان. ئەرزدارلارنىڭ ئىچىدىكى يەنە بەزى ئەرزدارلار مەسىلىنىڭ بۇ يىل ھەل بولىدىغانلىقىدىن ئۈمىدسىز، ئەمما بۇ تىرىشچانلىقىنىڭ كېلەر يىلى نەتىجە بېرىدىغانلىقىغا ئۈمىد بىلەن قارىماقتا.

خوتەنلىك ئەرزدارلارنىڭ بۇ قېتىمقى بېيجىڭ سەپىرى قاراتاغىز يېزىسىدىكى دېھقانلار ۋە ئۈرۈمچىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشكەن. ئۇلار پويىز ئىستانسىسىدا بىڭتۈەن ساقچىلىرى تەرىپىدىن توسۇۋېلىنغاندا، ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر تىجارەتچىلەر ئۇلارغا ياردەم قىلغان.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.