ئەمما، خەتتە كونكرېت نېمىلەر دېيىلگەنلىكى مەلۇم ئەمەس. 14 - دىۋىزىيىدىن كەلگەن ساقچى ۋە كادىرلار ئۇلارغا يۇرتىغا بارغاندا مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ بېرىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن.
بۇلار ھازىر يۇرتى قاراتاغىزغا بېرىپ، قوللىرىدىكى خەتنىڭ كۈچىنى ۋە دائىرىلەرنىڭ ئۆزلىرىگە بەرگەن ۋەدىسىنى سىناپ باقماقچى. ئەگەر يەنە مەسىلىسى ھەل بولمىسا ئەرزىنى قايتىدىن باشلىماقچى.
ئەرزدارلاردىن 2 نەپىرى 2 كۈننىڭ ئالدىدا يولغا چىققان بولۇپ، ئۇلار ھازىر خوتەنگە بېرىپ بولغان. ئەرزدارلارنىڭ ئىچىدىكى يەنە بەزى ئەرزدارلار مەسىلىنىڭ بۇ يىل ھەل بولىدىغانلىقىدىن ئۈمىدسىز، ئەمما بۇ تىرىشچانلىقىنىڭ كېلەر يىلى نەتىجە بېرىدىغانلىقىغا ئۈمىد بىلەن قارىماقتا.
خوتەنلىك ئەرزدارلارنىڭ بۇ قېتىمقى بېيجىڭ سەپىرى قاراتاغىز يېزىسىدىكى دېھقانلار ۋە ئۈرۈمچىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشكەن. ئۇلار پويىز ئىستانسىسىدا بىڭتۈەن ساقچىلىرى تەرىپىدىن توسۇۋېلىنغاندا، ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر تىجارەتچىلەر ئۇلارغا ياردەم قىلغان.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.