خوتەن شەھەرلىك سوت مەھكىمىسى ھەبىبۇللا ئىبراھىمنى ئون يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى

18-ئىيۇن خوتەن شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى ھەبىبۇللا ئىبراھىم ئىسىملىك بىر ئۇيغۇرنى «قانۇنسىز دىنىي ماتېرىيال تارقىتىش جىنايىتى» بىلەن ئون يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2012.06.18
sot-mehkimisi-court-Beijing-305.jpg بېيجىڭدىكى سوت مەھكىمىسى. 2006-يىلى 31 ئاۋغۇست
AFP

ئۇيغۇر رايون دائىرىلىرىنىڭ «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە قارشى كۈرەش قىلىش» نامى ئاستىدا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي پائالىيەتلىرىگە قاراتقان ھۇجۇمنى ھەسسىلەپ كۈچەيتىشى كۆزەتكۈچىلەردە ئوخشىمىغان ئىنكاسلارنى قوزغىدى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى بۇلتۇر 11-ئايدىن باشلاپ، «دىنىي ئەسەبىيلىك» كە زەربە بېرىش ھەرىكىتى قوزغاپ، دىنىي پائالىيەتلەرگە قاراتقان چەكلىمە ۋە باستۇرۇشنى ھەسسىلەپ ئاشۇرماقتا. مانا بۇ زەربە بېرىش ھەرىكىتى جەريانىدا كورلىدا دىنىي تەلىم ئېلىۋاتقان 12 ياشلىق ئۆسمۈر مىرزاھىد ئامانۇللانىڭ كورلا ساقچى دائىرىلىرىنىڭ زوراۋانلىقى نەتىجىسىدە ئۆلگەنلىكى ئاشكارىلاندى.

6-ئىيۇن سەھەردە خوتەن ساقچى دائىرىلىرى يەنە بىر مەدرىسىگە ھۇجۇم قىلىپ، 12 ئۆسمۈرنى يارىلاندۇردى. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلەرگە قاراتقان بۇ خىل ھەرىكىتى چەتئەللەردە كۈچلۈك ئىنكاس پەيدا قىلىپ، نارازىلىقلار تېخى بېسىقماي تۇرۇپلا، بۈگۈن يەنە خوتەن سوت دائىرىلىرىنىڭ بىر ئۇيغۇرغا «قانۇنسىز دىنىي ماتېرىيال تارقىتىش جىنايىتى» بىلەن 10 يىللىق قاماق جازاسى بەرگەنلىكى خەۋەر قىلىندى.

خىتايدىكى «خەلق تورى» ئېلان قىلغان خەۋەردىن ئاشكارىلىنىشىچە، خوتەن شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى دۈشەنبە كۈنى ھەبىبۇللا ئىبراھىم ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر ئۈستىدىن سوت ئېچىپ، ئۇنى «قانۇنسىز دىنى ماتېرىيال تارقىتىش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، بازار تەرتىپىنى بۇزۇش» دېگەن جىنايەت بىلەن ئون يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان ۋە بۇنىڭدىن سىرت يەنە 200 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويغان.

«خەلق تورى» خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ھەبىبۇللا ئىبراھىم 2010-يىلىدىن باشلاپ، جەمئىي 3355 پارچە قانۇنسىز دىنىي نەشر بۇيۇملىرىنى خوتەن، قەشقەر ۋە كورلا قاتارلىق شەھەرلەردە سېتىپ، 100 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلغانلىقى، قانۇنسىز تىجارەت قىلىش ئارقىلىق بازار تەرتىپىگە «ئېغىر بۇزغۇنچىلىق» قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا يۇقىرىدىكى ھۆكۈم ئېلان قىلىنغان.

ئەمما خەۋەردە ھەبىبۇللا ئىبراھىمنىڭ ئېنىق كىملىكى، يېشى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىلمىگەن. بۇ خەۋەر ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋەقەگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى بۈگۈن رادىئومىزغا بايانات بېرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پۈتكۈل ئۇيغۇر رايونىدا يۈرگۈزۈۋاتقان سىستېمىلىق زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان رايوندا يۈز بەرگەن نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ھەممىسىنى دىنىي ئەسەبىيلىككە باغلاپ زەربە بەرگەندىن سىرت، ئۇيغۇرلارنىڭ ساقال قويۇش، ياغلىق ئارتىش قاتارلىق ئەنئەنىلىرىنىمۇ دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ بىر قىسمى، دەپ قاراپ، بۇنى چەكلەيدىغان تۈرلۈك تەدبىرلەرنى يولغا قويماقتا.

ھەرقايسى جايلاردىن ئاشكارىلانغان ئۇچۇرلاردا دائىرىلەرنىڭ ساقال قويغان ئەرلەر ۋە ياغلىق ئارتقان ئاياللارنى قولغا ئالغانلىقى، جەرىمانە قويغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ۋە مىللىي خاسلىق تەشەببۇسلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىدە مەڭگۈلۈك ئەمىنلىكنى ئورنىتىشقا تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقان ئامىللار، دەپ قارايدىغان بولغاچقا بۇ خىلدىكى تەشەببۇسلارغا «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت، دىنىي ئەسەبىيلىك» دېگەن ناملار بىلەن زەربە بېرىپ، كەلمەكتە ئىكەن.

ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ھىدايىتۇللا ھاجىم بىر مىللەتنىڭ ئۆزىگە خاس ئۆرپ-ئادەتلىرىنى قوغداش تىرىشچانلىقلىرىنى «قانۇنسىزلىق» دەپ ئاتاشقا بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ھىدايىتۇللا ھاجىم سۆزىدە يەنە، خەلقئارا ئورگانلارنى يېقىندىن بۇيان خوتەندىكى دىنىي زاتلارغا ۋە نورمال دىنىي پائالىيەتلەرگە قارىتىلغان ھۇجۇملارغا دىققەت قىلىشقا چاقىردى.

5-ئاينىڭ 21-كۈنى كورلا ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن قېيىن-قىستاققا ئېلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەن 12 ياشلىق ئۆسمۈر مىرزاھىد ئامانۇللاھ پاجىئەسى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى دەرھال ۋەقەنىڭ خاراكتېرىنى بۇرمىلاپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەر ئاستى مەدرىسىلىرىنى ئەيىبلىگەن ئىدى.

خوتەندىكى 12 بالىنىڭ يارىلىنىش ۋەقەسىدىمۇ ئوخشاشلا تىغ ئۇچى يەر ئاستى دىنىي مەدرىسىلەرگە قارىتىلدى ۋە ئۇيغۇر ئېلىدە قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەتلەرنىڭ باش كۆتۈرۈپ چىقىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى. كۆزەتكۈچىلەر ئەينى چاغدا بۇنى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپ باستۇرۇش ھەرىكىتى يۈرگۈزىدىغانلىقىنىڭ سىگنالى، دەپ قارىغان ئىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يېقىندىن بۇيان مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشايدىغان خەۋەرلەرنى تارقىتىش، بىر قاتار ھۇجۇملارنى ئېلىپ بېرىش، دىنىي كىتابلارنى تازىلاش ۋە كىشىلەرنى سوتلاش ئارقىلىق 2009-يىلى 6-ئايدا يۈز بەرگەن «شاۋگۇەن ۋەقەسى» ۋە «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» نىڭ خاتىرە كۈنلىرى يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان بىر پەيتتە مەقسەتلىك ھالدا تازىلاش ۋە جىمىقتۇرۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

بۈگۈن ھەبىبۇللا ئىبراھىم ئۈستىدىن ئېچىلغان سوتمۇ ئوچۇق سوت بولۇپ، بۇ ھەقتىكى خەۋەردە «ھەر مىللەت ئاممىسى، ھەرقايسى ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى ۋە جاۋابكارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى سوتنى كۆردى» دەپ ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.