خوتەندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ رامىزانلىق دىنىي پائالىيەتلىرى قاتتىق چەكلەنمەكتە

بىز ئۆتكەن ھەپتىلىك ئاڭلىتىشىمىزدا ، ئاتۇش دائىرىلىرىنىڭ ، ئاتۇش شەھەر ئىچىدىكى بارلىق ئۇيغۇر مۇسۇلمان رېستۇران ھەم ئاشخانا خوجايىنلىرىغا بۇ رامىزاندا تىجارەتنى توختاتماسلىق كاپلەتنامىسىغا مەجبۇرى قول قويغۇزۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ روزا تۇتۇشىغا قارىتا تۈرلۈك چەكلىمىلەرنى يولغا قويىۋاتقانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن ئىدۇق ، ئىگىلىشىمىزچە بۇ خىل دىننىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە قاتتىق دەخلى - تەرۇز قىلىش تەدبىرلىرى ئوخشاشلا خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ھەر قايسى ناھىيە يېزىلىرىدىمۇ يۈرگۈزۈلمەكتە.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008-09-05
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
 رادىئومىز دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ خوتەن ۋىلايىتى لوپ ناھىيىسىدەرامىزان مۇناسىۋىتى بىلەن ۋاقتىدا ئېچىلمىغان ئۇيغۇر ئاشخانا ھەم رېستۇرانلارنىڭ ئىقتىسادى ۋە سىياسىي زەربىگە ئۇچراۋاتقانلىقى ھەققىدە يەتكۈزگەن ئۇچۇرىدىن كېيىن بۇ ھەقتە خوتەن ۋېلايىتىدىن تېلېفون ئارقىلىق يەنىمۇ تولۇق مەلۇماتلار ئېلىشقا تىرىشتۇق.

لوپ ناھىيىسىدىكى بىر ئۇيغۇر رېستۇرانىنىڭ كۈتكۈچىسى ئۇيغۇر ئاشخانىلارنىڭ رامىزاندا تاقاشقا يول قويۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. لوپ ناھىيىسىدىكى بۇ ئۇيغۇر رېستۇرانىغا يېقىنلا جايغا ئېچىلغان 'قىزىل قوناق' خىتاي رېستۇرانىغا تېلىفون قىلغىنىمىزدا ، رېستۇران خوجايىنى ھۆكۈمەتتىن ئىشىك تاقاشقا يول قويۇلمايدىغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇقتۇرۇش تاپشۇرۇۋالمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىزنىڭ لوپ ناھىيىلىك باج ئىدارىسىغا قاراتقان تېلىفون زىيارىتىمىزدىن رامىزاندا تىجارەت توختاتماسلىق ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشنىڭ پەقەت ئۇيغۇر رېستۇرانلىرىنىلا نىشان قىلغانلىقى ئېنىق بولدى:

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ ئېيتىشىچە ،لوپ ناھىيىسىدە رامىزان مۇناسىۋىتى بىلەن ۋاقتىدا ئېچىلمىغان 11 رېستۇران ۋە ئاشخانا ئىقتىسادى ۋە سىياسىي زەربىگە ئۇچرىغان . چارىباغ يېزىسىدىكى "قېيۇمجان " ئاشخانىسى دائىرىلەر تەرىپىدىن 6 ئايغىچە تىجارەتنى توختىتىش جازاسىغا تارتىلغان.

چارىباغ يېزىلىق ساقچىخانىغا قاراتقان تېلىفونىمىزغا كەچلىك زىياپەتتە ئولتۇرغان بىر ساقچى ئەس يادى ئانچە نورمال ئەمەس ھالدا جاۋاب قىلدى.

گەرچە بۇ ساقچى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ بۇ رامىزاندا رېستۇران ۋە ئاشخانىلارنى تاقاش، ئالىي، ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ روزا تۇتۇشى، ئاياللارنىڭ چۆمبەل ئارتىشى، مەسچىتكە كىرىشى قاتارلىق دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشىنى چەكلەپ، بۇنىڭغا خىلاپ ھەرىكەت ئېلىپ بارغۇچىلارنى جازالاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ ، ئەمما ئەكسىچە چارىباغ يېزىلىق پارتكومىنىڭ تېلىفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان خىتاي كادىرى ئۇيغۇرلارغا كەڭ ئېتىقاد ئەركىنلىكى بېرىلگەنلىكىنى ئېيتتى . ئەمما باشقا سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشكە تەخىر قىلالمايلا قوپاللىق بىلەن زىيارىتىمىزنى ئۈزدى.

لوپ ناھىيىلىك پارتكوم مىللىي ۋە دىنىي ئىشلار باشقارمىسى بىلەن ئالاقىلاشتۇق، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان خىتاي كادىر ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ رامىزان مەزگىلىدە ئۇيغۇرلارغا قوللىنىۋاتقان دىنىي ئېتىقادنى چەكلەش تەدبىرلىرىنىڭ ھەممىنى ئىنكار قىلدى.

بىز لوپ ناھىيىسىدە رامىزان مەزگىلىدە يولغا قويۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى چەكلەش سىياسەت تەدبىرلىرىنىڭ باشقا جايلاردىمۇ ئېلىپ بېرىلغان ‏ - بېرىلمىغانلىقىنى ئىگىلەش ئۈچۈن كېرىيە ناھىيىسىدىكى مەلۇم ئۇيغۇر ئاشخانىسىغا تېلېفون قىلدۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ خوتەن ۋىلايىتىدە بۇ رامىزاندا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد پائالىيەتلىرىنى قاتتىق چەكلەش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇۋاتقانلىقى ھەققىدە گۈلچېھرە تەييارلىغان مەلۇماتلارنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت