ئەسلىدە ئاۋسترالىيە ساقچىسى بىر ئاي ئاۋۋال دېلونىڭ پېيىگە چۈشكەن بولۇپ، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە خاتىرىسىدە كۆرۈلگەن بىر قېتىملىق زور مىقداردىكى پۇل يۆتكەش، دېلوغا يىپ ئۇچى بولغان. نۆۋەتتە خۇ ياڭ زەھەرلىك چېكىملىك يۆتكەش، ھارام پۇلنى يۆتكەپ ئىشلىتىش قاتارلىق ئۈچ تۈرلۈك جىنايەت گۇمانى بىلەن تۇتۇپ تۇرۇلماقتا.
خىتايچە بوشۈن تورىنىڭ تۈنۈگۈن خەۋەر قىلىشىچە، خۇ ياڭ 1977 - يىلى بېيجىڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن، ئۇنىڭدىن كېيىن تەتقىقات، ئوقۇتۇش ۋە ھۆكۈمەتتە مەمۇرى خىزمەتلەر ئۆتىگەن. 1991 - يىلى ئاۋسترالىيىگە كېلىپ يەرلەشكەن. نۆۋەتتە خەلقئارا جامائەتنىڭ دىققەت نۇقتىسى خۇ ياڭ ئەتكەس گۇرۇھىنىڭ خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگان ۋە ئەمەلدارلىرى بىلەن بولغان قويۇق ئالاقسىدۇر. خۇ ياڭ ئاۋسترالىيىدە دەسلەپ كافېخانا ۋە ئاشخانا ئاچقان. ئاندىن خىتاينىڭ ئاۋسترالىيىدىكى باش ئەلچىسىنىڭ ھىمايىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، خىتاي - ئاۋسترالىيە خەلقئارا ئالاقە جەمئىيىتى قۇرغان ۋە بۇ جەمئىيەت، خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزى كومىتېتى بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ ئاۋسترالىيىدىكى ۋەكىللىك ھوقۇقىغا ئېرىشكەن.
خۇ ياڭ بۇ جەمئىيەت نامىدا، ئاۋسترالىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلغان كۆپ قېتىملىق، سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىگە يېتەكچىلىك قىلغان. ئۇ 2003 يىلى زىيارەت ئۆمىكى تەشكىللەپ، 12 نەپەر ئاۋسترالىيە پارلامېنت ئەزاسىنى خىتايغا زىيارەتكە ئاپارغان. خىتايدىكى ئاتاقلىق سەنئەتچىلەرنى ئاۋسترالىيىگە زىيارەتكە ئەكەلگەن. بوشۈن تور بېتى تۈنۈگۈن، خىتاي دۆلەت پرېزىدېنتى خۇ جىنتاۋ، خىتاي خەلقئارا دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ چېن ۋۇسۇ قاتارلىق خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىسى گۇماندارى خۇ ياڭنىڭ بىرگە چۈشكەن رەسىملىرىنى ئېلان قىلدى. رەسىمدىكى كۆرۈنۈشلەردە ۋە خۇ جىنتاۋ بىلەن خۇ ياڭ ئارىسىدىكى ئالاھىدە يېقىنچىلىق ئەكس ئېتىدۇ. خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، خۇ جىنتاۋ خۇ ياڭ بىلەن بېيجىڭ ۋە سېدنىي شەھىرىدە بىرقانچە قېتىم كۆرۈشكەن ۋە خۇ ياڭنى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە تۆھپە قوشۇۋاتىدۇ دەپ مەدھىيىلىگەن.
دېلو پاش بولغاندىن كېيىن، خىتاي خەۋەر تورى مەزكۇر دېلو ھەققىدە خەۋەر بەرگەن، ئەمما خەۋەردە جىنايەت گۇماندارى خۇ ياڭنىڭ ئىسمى ۋە ئۇنىڭ جەمئىيىتىنىڭ نامى تىلغا ئېلىنمىغان. ئاۋسترالىيىدىكى بىر گۇرۇپپا جۇڭگو مۇھاجىرى 250 كىلوگرام كوكائىن بىلەن قولغا ئېلىندى دەپ خەۋەر قىلغان.
خەۋەر بىرقانچە كۈندىن كېيىن دەرھال توردىن ئۆچۈرۈۋېتىلگەن. خىتاي خەۋەر تورىنىڭ بۇ پوزىتسىيىسى زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىسى گۇماندارى خۇ ياڭ بىلەن خىتاي يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت ھەققىدە تۇغۇلغان گۇمانلارنى تېخىمۇ ئاشۇرماقتا.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئاۋسترالىيە ۋەكىلى ھۈسەن ئەپەندى خۇ ياڭ دېلوسىنىڭ ئاۋسترالىيە جەمئىيىتىدە پەيدا قىلغان تەسىرلىرى ھەققىدە قاراشلىرىنى بايان قىلىدۇ.
بوشۈن تورى مەزكۇر ئەتكەسچىلىك دېلوسى ھەققىدە مۇنداق ئىزاھات بېرىدۇ: نۆۋەتتە چەتئەلدىكى خىتاي پۇقرالىرى ئارىسىدا بىر تۈركۈم كىشىلەر باركى، ئاشخانا، كافېخانا، كىيىم - كېچەك دۇكىنى قاتارلىق كىچىك سودا - سېتىق ئورۇنلىرى بار، ئەمما ئۇلار ناھايىتى ھەشەمەتلىك ھايات كەچۈرىدۇ. بۇلارنىڭ بىر قىسمى خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك ئورۇنلىرىنىڭ تەمىناتىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقانلار، يەنە بىر تۈركۈمى بولسا، سودا ئورۇنلىرىنى كۆرۈنۈش قىلىپ، ئەتكەسچىلىك قىلىۋاتقانلار، خۇ ياڭ مانا بۇلارنىڭ تىپىك مىسالى. بوشۈن تورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، زەھەرلىك چېكىملىك سودىسى تەبىئىي ھالدا، مەزكۇر سودىگەرنىڭ قورال - ياراق ئېسىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
رۇخسەتسىز قورال - ياراق جەمئىيەتتە ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي سۈيىقەستلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. خىتاي كۆچمەنلىرىگە ئائىت بۇ گۇمانلار نۆۋەتتە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ئارىسىدىمۇ مەۋجۇد. بەزى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر، يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئارقا - ئارقىدىن سۇيىقەستكە ئۇچرىغان ھاشىر ۋاھىدى، دىلبىرىم سامساقوۋا، ئىمىن ئوسمانۇپ ۋە نىغمەت بوساقۇپ قاتارلىق مەشھۇر ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىنىڭ قاتىلى خىتاينىڭ چەتئەلدىكى ئاشۇ خىل قارا گۇرۇھلىرى بولۇشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلىشماقتا.