'رۇسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى'، خوڭكوڭدىكى 'خىتاي خەۋەر تورى'، 'ماكاۋ گېزىتى' قاتارلىق ئۇچۇر ۋاستىلىرىمۇ بۇ ھەقتە ئوبزور ئېلان قىلىپ، بۇ يېڭى بىر ئەۋلاد رەھبەرنىڭ ئوبرازى، ئىنتېرنېت جۇڭگودا پەيدا قىلغان ئۆزگىرىشنىڭ ئەمەلىي پاكىتى، بۇ نېمە دېگەن ئوچۇق - يۇرۇقلۇق، رەھبىرىمىزنىڭ بۇنىڭدا قىلغان سۆزلىرىنى چۇقۇم ياخشى ئاڭلاش كېرەك، ئەمدى جۇڭگو ئۇچۇرلىرى پۈتۈن دۇنيادا راۋان تارقىلىدۇ، دەپ مەدھىيە ياغدۇردى.
'خەلق تورى' ئۈچ يۈز سوئالدىن ئۈچنى تاللىۋالغان
ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ'خەلق تورى' خۇ جىنتاۋنىڭ تور ئەھلى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارنىڭ سۇئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن كۆرۈنۈشىنى نەق مەيداندىن 5 مىنۇت كۆرسەتكەن. 'خەلق تورى' نىڭ ۋىدىئو قانال رىياسەتچىسى تور ئەھلى خۇ جىنتاۋغا قويغان 300 سوئالدىن 3 نى تاللىۋالغان.
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە خۇ جىنتاۋ تور ئەھلىنىڭ سۇئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ 'خىزمەت ئالدىراش بولغانلىقى ئۈچۈن، ھەر كۈنى ئىنتېرنېتتىن پايدىلىنالمايمەن، ئەمما پۇرسەت چىقسىلا ئىنتېرنېتكە كىرىپ تۇرىمەن'. تورغا كىرگەندە دۆلەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقئارا خەۋەرلەرنى ئوقۇيمەن، تور ئەھلى ۋە دوستلار قىزىقىۋاتقان مەسىلىلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتىكى كۆز قاراشلىرىنى، پارتىيىمىزنىڭ ۋە دۆلىتىمىزنىڭ خىزمىتىگە قارىتا تەكلىپ بېرىشنى خالايمەن' دېگەن.
خۇ جىنتاۋنى خەلقنىڭ پىكىرلىرىنى ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئاڭلاپ دەردىگە دەرمان بولىدىغان ئادەممۇ؟
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، بۇ ۋەقەدىن كېيىن، خەلقئارادا خۇ جىنتاۋغا قارىتا تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي سۇئاللار قويۇلدى. ئالدى بىلەن 'خەلقئارا ئاۋانگارت گېزىتى' بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان ئوبزورىدا، ئىنتېرنېتنى تەقىپ ئاستىغا ئېلىپ، دۆلەتتە دېموكراتىك تۈزۈم تىكلەش ھەققىدە ئىنتېرنېتتە ئەركىن مۇلاھىزە ئېلان قىلغان ياكى مۇۋاپىق تەكلىپ - تەلەپ ئوتتۇرىغا قويغان كىشىلەرنى تۇتۇپ تۈرمىگە تاشلاۋاتقان خۇ جىنتاۋنى خەلقنىڭ تەكلىپ ۋە پىكىرلىرىنى ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئاڭلاپ، ئۇلارنىڭ دەردىگە دەرمان بولىدىغان ئادەم، دەپ تەسۋىرلەشنىڭ ئۆزى بىر غەلىتە ئىش، دەپ بايان قىلىنغان.
خۇ جىنتاۋ تور يازغۇچىلىرىنىڭ تۈرمىگە تاشلىنىۋاتقانلىقىنى بىلمەيدۇ ئەمەس
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، پېشقەدەم ئىنتېرنېت يازغۇچىسى تيەن چى ئەپەندى ئوبزورىدا، خۇ جىنتاۋنىڭ'تور ئەھلىنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاشنى خالايمەن' دېگىنى ياخشى ئىش بولسىمۇ، ئەمما كوممۇنىست پارتىيىنىڭ ۋە دۆلەتنىڭ بىردىن - بىر باشلىقى بولۇپ تۇرۇۋاتقان خۇ جىنتاۋ ئىنتېرنېت تورلىرىنىڭ قاتمۇ - قات نازارەت ئاستىغا ئېلىنىۋاتقانلىقىنى، ئوتتۇرىغا قويۇلغان سەزگۈر مەسىلىلەرنىڭ چەكلىنىۋاتقانلىقىنى، تور بەتلىرىدە ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيە ھەققىدىكى مۇلاھىزىلەر چىققان ھامان تاقىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، تور يازغۇچىلىرىنىڭ تۈرمىگە تاشلىنىۋاتقانلىقىنى بىلمەيدۇ ئەمەس. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، خۇ جىنتاۋنىڭ دېگەن گەپلىرى سەمىمىي ئەمەس، دەپ كۆرسەتكەن.
ھۆكۈمەت خىيانەتچى ئەمەلدارلارنى پاش قىلغان پىكىرلەرنى ھەممىدىن بەك چەكلەيدۇ
تيەن چى ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتايدا تېلېۋىزىيە، رادىئو، گېزىت، ژورناللارنىڭ ھەممىسىنى ھۆكۈمەت كونترول قىلىدۇ. ئۇ خەلقنىڭ مىڭلىغان - تۈمەنلىگەن تور بەتلىرىگە توساق قويۇۋالغان. ھۆكۈمەتنىڭ ئىنتېرنېت ساقچىلىرى ھەممىلا بەتتە كېچە - كۈندۈز كۆز - قۇلاق بولۇپ تۇرىدۇ. خەلقنىڭ پىكرىنى، بولۇپمۇ خىيانەتچى كوممۇنىست ئەمەلدارلىرىنى پاش قىلغان پىكىرلەرنى خالىغانچە قىرقىپ تاشلايدۇ. مۇشۇنداق قىلىۋاتقانلارنىڭ رەھبىرى بولۇپ تۇرۇۋاتقان خۇ جىنتاۋنىڭ ئىنتېرنېت ھەققىدە دېگەن سۆزلىرىنى راس گەپ دېگىلى بولمايدۇ.
سەندۇڭدا خىيانەتچى ئەمەلدارلارغا چېتىلىدىغان 1 مىليون 420 مىڭ يۈەنلىك ئىناۋەتلىك قەرز دېلوسى ھەققىدە ئىككى يىل ئەرز قىلىپ، سوت مەھكىمىلىرىنىڭ ھەل قىلماي كېچىكتۈرۈشىگە ئۇچراپ كېلىۋاتقان، بۇ ھەقتە ھەتتا خۇ جىنتاۋغا ئىنتېرنېت ئارقىلىق تەكلىپ يېزىپمۇ ئاڭلىتالماي كېلىۋاتقان بىر تىجارەتچىنىڭ ئېيتىشىچە، خۇ جىنتاۋنىڭ ئىنتېرنېت ھەققىدە دېگەن بۇ گەپلىرى پۈتۈنلەي ئالدامچىلىق.
تور ئەھلى كوممۇنىست پارتىيە ئۆزى سايلىۋالغان 'خەلق ۋەكىلى' ئەمەس
6 - ئاينىڭ 23 - كۈنى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئارقىلىق ئوبزور ئېلان قىلغان پۇ جژچاڭ ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئىنتېرنېت ھازىرقىدەك تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان بۇ پەيتتە، خۇ جىنتاۋ تورغا كىرىپ مۇھىم سۆز قىپتۇ. خەلقنىڭ چۈشىنىشىچە، 'رەھبەرلەرنىڭ مۇھىم سۆزلىرى' دېيىلگەن گەپلەرنىڭ ھەممىسى بىمەنە گەپلەر، ھۆكۈمەت ئۇيۇشتۇرغان كۆرۈنۈشلەرنىڭ ھەممىسى ئالدامچىلىق.
ئۇنىڭ قارىشىچە، ئىنتېرنېت تورى پۈتۈن دۇنيادا ھەممە ئادەم تەڭ - باراۋەر بولۇپ پىكىر بايان قىلىدىغان چوڭ مەيدان. ئۇ سەمىمىيەتسىزلىكنى قوبۇل قىلمايدۇ. خۇ جىنتاۋ شۇنى بىلىشى كېرەككى، ئىنتېرنېت تورى 'خەلق گېزىتى'نىڭ مۇھاكىمە مۇنبىرى ئەمەس ياكى خۇ جىنتاۋلا سۆزلەيدىغان خەلق سارىيى ئەمەس . تور ئەھلى كوممۇنىست پارتىيە ئۆزى سايلىۋالغان 'خەلق ۋەكىلى' ياكى مەركىزى كومىتېت ئەزالىرى ئەمەس ياكى كوممۇنىست رەھبەرلىرى نېمە دېسە ئۇنىڭغا خۇشامەت قىلىپ تۇرىدىغان غالچىلار ئەمەس.