ياچىبەگ داستانى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات

ياچىبەگ داستانى ئۇيغۇر تارىخىدا ياشاپ ئۆتكەن باتۇر يىگىت ياچىبەگنىڭ باتۇرلۇقى ۋە پاجىئەلىك قىسمىتىگە بېغىشلانغان تىراگدىيىلىك تارىخىي داستان بولۇپ، قۇمۇلدىكى بەش شەھەر، ئون - ئىككى تاغقا كەڭ تارقالغان. قۇمۇل تارىختىن بۇيان - ئىسترتېگىيىلىك ئورنى ئىتايىن مۇھىم بولغان ئورۇنلارنىڭ بېرى بولۇپ، ئاچكۆز خان - پادىشاھلارنىڭ تالىشىش ئۇبىكتى بولغان بۇ گۈزەل ماكاندا خەلقنىڭ قان - يېشىغا تولغان تارىخى ۋەقەلەر، ئادەمنى ھەيرەتتە قالدۇرىدىغان قەھرىمانلىقلار بولۇپ ئۆتكەن.
ﺋﯩﺨﺘﯩﻴﺎﺭﻯ ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻳﺎﻟﻘﯘﻥ
2010.08.04

ياچىبەگ جۇڭغار قالماقلىرى قۇمۇل ۋادىلىرىدا پاراكەندىچىلىك سېلىپ يۈرگەن ئاپەتلىك يىللاردا ياشىغان تارىخى شەخىس بولۇپ، قۇمۇلدىكى تۆرك تېغىدىن ئىدى. ياچىبەگنىڭ دادىسى سۇلايمان شۇ دەۋىردىكى چېلىش ماھىرلىرىدىن بولۇپ، يۇرت - ئىچىدە نامى بار ئادەم ئىدى.

جۇڭغار قالماقلىرىنىڭ چىكىدىن ئاشقان زوراۋانلىقى خەلقنى خانىۋەيران قىلىپ، يۇرت - ماكانىدىن ئايرىپ، ياشىغۇدەك ماجالىنى قويمىغان ئىدى. ئۇنىڭ - ئۈستىگە - ئۇزۇق - تۈلۈكىدىن ئايرىلغان خەلق كېسەل بولۇپ، يۇرتنى ۋەھىمە قاپلىغان ئىدى. دەل مۇشۇنداق چاغدا ئوتتۇرىغا چىققان ياچىبەگ ئەل - جامائەتكە باش بولۇپ، يىگىتلەرنى باشلاپ جۇڭغار قالماقلىرىغا قارشى كۈرەشكە ئاتلانغان. ياچىبەگنىڭ باشچىلىقىدىكى يىگىتلەر قىسقا ۋاقىت ئىچىدە جۇڭغار قالماقلىرىغا قاقشاتقۇچ زەربە بېرىپ، خەلق ئارىسىدا قەھرىمانغا ئايلانغان بولسا، جۇڭغار قالماقلىرىنىڭ ئەشەددىي دۈشمىنى بولۇپ قالغان. ياچىبەگنى يېڭىشكە كۆزى يەتمىگەن قالماقلار ئوسمانبەگ ۋە سامانچىدەك خائىنلارنى ئىشقا سېلىپ، ئۇنى ئالداپ تۇتقۇن قىلغان ۋە ئاتمىش يەردىن چاپتۇرۇپ يۇرتمۇ - يۇرتقا سازايى قىلغان. باتۇر ئوغلانىدىن ئايرىلغان خەلق ساتقىن ئوسمان بەگ بىلەن سامانچىنى تۇتۇۋېلىپ، تېرىسىنى تەتۇر سۇيۇپ، تېرىسىغا سامان تىقىپ جامائەتكە سازايى قىلغان.

ياچىبەگ داستانى خەلققە مەنىۋىي كۈچ - قۇۋەت، سۇنماس روھىى جاسارەت ئاتا قىلغۇچى مەنىۋىي مىراسلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇزۇن تارىخى قىسمەتلەر داۋامىدا ئېغىزدىن - ئېغىزغا كۈچۈپ ئۆزىنىڭ ھاياتى كۈچىنى نامايان قىلىپ كەلمەكتە.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن بۇ پروگىراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.