0:00 / 0:00
بۇلاردىن بىرى بولغان ياڭ شېڭمىن يېقىندا بىر تەكشۈرۈش دوكلاتى ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ خىتاي دۆلىتىدىن رازى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان سىياسىي كۆزەتكۈچى ئىلشات ھەسەن بۈگۈن خىتايچە بوشۇن تورىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، ياڭ شېڭمىننىڭ مەزكۇر پىكىرلىرىگە ئىككىنچى قېتىم رەددىيە بەردى. ئىلشات ھەسەن بۇ قېتىمقى ماقالىسىنىڭ باش قىسمىدا ياڭ شېڭمىننىڭ مىللىي كىملىكى يەنى ساختا تۇڭگانلىقى ھەققىدە نۇقتىلىق توختالغان.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ماقالىنىڭ بۇ قىسمىدىكى مەزمۇنلار ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇر -تۇڭگان مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە ئاپتور ئىلشات ھەسەن بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت خاتىرىسىنى ئاڭلايسىلەر.