بۇلار بەزى ئىنسانلارنىڭ ئېغىزىدىن چىقىدىغان، ئۇلارنى يامانلىققا باشلايدىغان، شەخس ھەم جەمئىيەتكە زىيانلىق بولغان، ئاللاھ چەكلىگەن يەتتە تۈرلۈك چوڭ گۇناھنىڭ بىرىدۇر.
ئابدۇلكېرىم ھاجىم بىلەن سۆھبەت
سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ياش ئالىم ئابدۇلكېرىم ھاجىم ئىنسانلارنىڭ كۈندىلىك ھاياتىدا يۈز بېرىپ تۇرىدىغان يالغانچىلىقلار ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:" ھاياتلىق سەپىرىدە ئۇچراپ تۇرىدىغان يالغانچىلىقلار ناھايىتى كۆپ. ئۇلاردىن بەزىسىنى بايان قىلىپ بېرەي:
1. يالغان سۆزلەشكە ئادەتلىنىپ قېلىش
ھەدىستە مۇنداق كەلگەن:" راستچىل بولۇڭلار! چۈنكى راستچىللىق ياخشىلىققا باشلايدۇ، ياخشىلىق جەننەتكە باشلايدۇ. كىمكى ھەمىشە راست گەپ قىلىۋەرسە، راستچىل بولۇشنى مەقسەت قىلىۋەرسە، ئاخىرى ئۇ كىشى ئاللاھ ئالدىدا راستچىل بەندە بولۇپ يېزىلىدۇ؛ سىلەر يالغانچىلىقتىن ساقلىنىڭلار! چۈنكى يالغانچىلىق كىشىنى ئاسىيلىققا ئېلىپ بارىدۇ، ئاسىيلىق دوزاخقا ئېلىپ بارىدۇ. كىمكى ھەمىشە يالغانچىلىق قىلسا ۋە يالغانچىلىقنى مەقسەت قىلىۋەرسە، ئاخىرى ئۇ ئاللاھ ئالدىدا يالغانچى بولۇپ يېزىلىدۇ". يالغان سۆزلەش قەتئىي توغرا ئەمەس، پەقەت قىسمەن ئەھۋالدا مەسىلىنىڭ پايدىلىق تەرىپىنى كۆزلىگەن ھالدا يالغان گەپ قىلىشقا بولىدۇ. بۇ خىل يالغان سۆزلەش پەقەت زىددىيەتنى ھەل قىلىش، ئەر- خوتۇنلارنىڭ ئارىسىنى ئەپلەشتۈرۈپ قويۇش، ئاداۋەتلىك كىشىلەرنى ياراشتۇرۇپ قويۇش ئۈچۈن رول ئوينايدىغان يالغان سۆز بولۇشى شەرت. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىستە:" خەلق ئارىسىنى ئىسلاھ قىلىش ئۈچۈن ياخشى سۆز قىلغان ئادەم يالغانچى ئەمەس"دەپ كۆرسەتكەن.
2. ئامانەتكە خىيانەت قىلىش
ئاۋام خەلق ئامانەتكە خىيانەت قىلىش دېگەننى ئامانەت قويغان نەرسىنى ساقلىماسلىق دېگەن ئاددىي مەنىدىلا چۈشىنىدۇ. ئامانەتكە خىيانەت قىلىش دېگەننىڭ مەنىسى چوڭقۇر بولۇپ، ئۇ ئىشەنچنى يەردە قويۇش، كۆرسەتكەن يەردىن چىقماسلىقتۇر. ئۇ ئىنسان تەبىئىتىدىكى ناچار ئىللەتلەرنىڭ بىرى. بۇنىڭ زىيىنى شەخسلەردىن ھالقىپ، پۈتۈن كوللىكتىپ ۋە دۆلەتكىچە بولىدۇ. خائىنلىق كېسىلى قايسى مىللەتتە داۋام قىلسا شۇ مىللەت، شۇ ئەل خاراپ بولىدۇ. شۇڭا ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە خىيانەتچىلىك قىلىشتىن توسقان.
3. ۋەدىگە خىلاپلىق قىلىش
بۇ ھەممە ئادەم ئۆچ كۆرىدىغان يالغانچىلىق بولۇپ، بۇ ئىللەت كىمدە بولسا شۇ ئادەم ياخشىلىق كۈتۈشكە يارىمايدىغان، ئىشەنگىلى بولمايدىغان، يارامسىز ئادەم ھېسابلىنىدۇ. بۇنداق ئادەم ئۆزىگە ۋە باشقىلارغا نۇرغۇن زىيانلارنى كەلتۈرىدۇ. ۋەدىگە ۋاپا قىلماسلىق لەۋزى قىلغان ئىشقا ئىگە بولالماسلىق، ئىمانى سۇسلۇقتىن دېرەك بېرىدىغان مۇناپىقلىق خاراكتېرىغا ئىگە يالغانچىلىقتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇناپىقلىقنىڭ ئالامەتلىرىنى بايان قىلىپ:" مۇناپىقلىقنىڭ بەلگىسى ئۈچتۇر: سۆزلىگەندە يالغان سۆزلەيدۇ؛ ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلىدۇ؛ ئىشەنچ قىلسا خىيانەت قىلىدۇ"دەپ كۆرسەتكەن. مانا بۇ ئۈچ ئىش ئىشەنچنى يوقىتىشنىڭ ئامىلىدۇر.
4. يالغان گۇۋاھلىق بېرىش
بۇمۇ بىر خىل يالغانچىلىق. بۇنىڭ سەۋەبىدىن كىشىلەرنىڭ مال - مۈلكى، يۈز - ئابرويى ۋە جېنىغا زامىن بولىدىغان، ھەق - ھوقۇقلىرى دەپسەندە قىلىنىدىغان ئېچىنىشلىق ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدۇ. بۇنىڭ يامان ئاقىۋىتىنى بىلىپ يەتكەن مۆمىن ئادەم كۆزى كۆرمىگەن، قۇلىقى ئاڭلىمىغان، ئۆزى بىلمەيدىغان ئىشقا يالغاندىن گۇۋاھلىق بەرمەيدۇ. ئاللاھ مۆمىنلەرنىڭ سۈپىتىنى بايان قىلىپ:" ئۇلار يالغان گۇۋاھلىق بەرمەيدۇ"دېگەن.
5. تۆھمەت چاپلاش
بۇمۇ بىر خىل يالغانچىلىق. بۇنىڭ سەۋەبى بىلەن پاك ئادەم ناپاك، ئاق قارا ۋە ھەق ناھەق بولۇپ قالىدۇ. باشقىلارغا تۆھمەت قىلغۇچى بىرەر يامان نىيەتنى كۆڭلىگە پۈكۈپ ئۇلارنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتە قولغا كەلتۈرگەن قىممەتلىك نەرسىلىرىنى ۋەيران قىلىدۇ. شۇڭا قۇرئان كەرىمدە:" ئى مۆمىنلەر! ئەگەر سىلەرگە بىرەر ئىشەنچسىز ئادەم بىرەر خەۋەر ئېلىپ كەلسە،(دەرھال ئىشىنىپ كەتمەي) ۋەقەنىڭ راستىنى بىلمەي تۇرۇپ بىرەر جامائەتنى رەنجىتىپ قويۇپ، كېيىن پۇشايمان قىلىپ قالماسلىقىڭلار ئۈچۈن، ئۇنى ئوبدان تەكشۈرۈپ كۆرۈڭلار" دەپ كۆرسىتىلگەن.
6. چېقىمچىلىق
بۇ بىراۋدىن ئاڭلىغان، قارشى تەرەپ ئاڭلاپ قالسا غەزىپىنى قوزغايدىغان گەپنى ئىچىدە سىغدۇرالماي، يالغان سۆز بىلەن ئۇنى زىننەتلەپ خەۋەر بېرىش يالغانچىلىقىدۇر. بۇنداق چېقىمچىلىق شۇ ئىنساننىڭ نىيىتى بۇزۇق، روھى كېسەل، بىپەرۋا ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. توشۇلغان گەپنىڭ سەۋەبى بىلەن ئۆچمەنلىك پەيدا بولۇپ، بەختنىڭ ئاساسى بولغان خاتىرجەملىك، ئىناقلىق بۇزۇلىدۇ. چېقىمچىلىققا قارشى تۇرۇشنىڭ ئۈنۈملۈك چارىسى - چېقىمچىنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالماسلىق ياكى ئىشەنمەسلىكىدۇر. چېقىمچىنىڭ يامان ئاقىۋىتى توغرۇلۇق پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:" كىمكى كىشىنىڭ باشقىلار ئاڭلاپ قېلىشىنى ياقتۇرمايدىغان سۆزىنى ئاڭلىتىپ قويىدىكەن، قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ ئىككى قۇلىقىغا قوغۇشۇن قويۇلىدۇ"دەپ كۆرسەتكەن.
7. سودا - سېتىقتىكى ئالدامچىلىق
يۇ باشقىلارنى زىيان تارتقۇزۇش بەدىلىگە ئۆزى پايدا ئالىدىغان، ئەخلاقلىق كىشىلەرگە ماس كەلمەيدىغان، ساختا ماللارنى جىڭ مال، دەپ سېتىش، تارازىدا كەم بېرىش ئارقىلىق كىشىلەرنى ئالدايدىغان يالغانچىلىق تۈرىدۇر. مۇنداقلارنى ئالدامچىلىق يولى بىلەن تاپقانلىرى ئۆزىگە دۈشمەن بولىدۇ. سۇدا - سېتىق ئىشلىرىدا كىشىلەرنى ئالدىغۇچىلار ئىنسانۈرنىڭ ۋە ئاللاھنىڭ لەنىتىگە ئۇچرىغۇچىلاردۇر.
8. گۇمانخورلۇق
بۇ باشقىلاردىن سەۋەبسىز ئاغرىنىپ، كېيىن بولىدىغان " بولارمىكىن، قىلارمىكىن، ئېتەرمىكىن" دېگەندەك قوشۇمچىلار بىلەن گەپ قىلىش، بۇ سۆزنى ئىككىنچى بىر كىشى راست قىلىپ سۆزلەش ئارقىلىق پەيدا بولىدىغان يالغانچىلىقتۇر. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:" سىلەر گۇمانخورلۇقتىن ساقلىنىڭلار. چۈنكى گۇمان بىلەن قىلىنغان سۆز سۆزنىڭ ئەڭ يالغانراقىدۇر"دەپ كۆرسەتكەن.
يالغانچىلىق رەزىل خۇلۇق
ئابدۇلكېرىم ھاجىمنىڭ ئېيتىشىچە، يالغانچىلىق پۈتۈن رەزىللىكلەرنىڭ مەنبىئىدۇر. يالغانچىلىق تۈپەيلىدىن ئىتتىپاقلىق بۇزۇلۇپ، جەمئىيەت تەرتىپى قالايمىقانلىشىپ، ئىنسانلار ئارىسىدا ھەل قىلىش قىيىن بولغان زىددىيەتلەر، ھادىسىلەر، زىيانلار، ئاداۋەتلەر ۋە دەپ تۈگەتكۈسىز كۆڭۈلسىزلىكلەر كېلىپ چىقىدۇ. يالغانچى ئادەم خەلقنىڭ نەزەرىدىن چۈشىدۇ. ئۇنىڭ سۆزىگە ھېچكىم ئىشەنمەس بولىدۇ. يالغانچىلىق سەۋەبىدىن ئىشلار ئوڭۇشلۇق بولمايدۇ. شۇڭا قۇرئان كەرىمدە:" ئاللاھ ئىسراپخورنى، يالغانچى ئادەمنى توغرا يولغا باشلىمايدۇ"دەپ كۆرسىتىلگەن. ئاللاھ تىلنى سۆز قىلىشقا ياراتقان، بىراق قىزىل تىلنىڭ ئۇستىخىنى يوق. نېمە دېسە سۆزلەۋېرىدۇ. ئىنسان تىلىنى كونترول قىلمىغاندا ئۆزىگە زىيانلىق ئىشلارغا سەۋەب بولىدۇ.
