سايلامدا ئۇتۇپ چىققان ياپونىيە دېموكراتىك پارتىيىسىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى مەيدانى قانداق ؟
مۇخبىرىمىز ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2009.08.31
2009.08.31
AFP Photo
بۇ سايلام نەتىجىسى ياپونىيە سىياسى تارىخىدىكى بىر بۇرۇلۇش نوقتىسى دەپ قارىلىۋاتقان بولۇپ، ياپونىيە باش مىنىستىرى تارو ئاسومۇ مەغلۇبىيىتىنى ئېتىراپ قىلدى.
سايلامدا ئۇتۇپ چىققان ياپونىيە دېموكراتىك پارتىيىسىنىڭ 480 ئورۇندىن تەركىپ تاپقان ياپونىيە پارلامېنتىدىكى 300 ئورۇننى ئىگىلەيدىغانلىقى، يەنى، پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ 3 تىن ئىككى قىسمىنى تەشكىل قىلىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنىۋاتقان بولۇپ، ياپونىيە دېموكراتىك پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى يۇكيو خاتوياما ھۆكۈمەت قۇرۇش خىزمىتىنى باشلىۋەتتى.
ئۇنداقتا، ياپونىيىدە ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەن بۇ يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ خىتاي بىلەن مۇناسىۋىتى قانداق بولىدۇ؟ مەزكۇر پارتىيىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى مەيدانى قانداق بولار؟ يېڭى ھۆكۈمەت ياپونىيىدىكى ئۇيغۇر داۋاسىغا قانداق تەسىر كۆرسىتەر؟
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ مەسىلىلەر ھەققىدە ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام ماھمۇت بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.