ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئاسىيا - تېنچ ئوكيان ئىقتىسادى ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرگە قارارنامە يوللىدى

شەنبە كۈنى ياپونىيىدىكى ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى تەشكىلاتلاردىن بىرى بولغان "دەس تۇر ياپونىيە" تەشكىلاتى توكيودا كەڭ كۆلەملىك پائالىيەت ئۇيۇشتۇرۇپ، ھازىرقى ھۆكۈمەتنى خىتاي بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەردە قاتتىق قول بولۇشقا چاقىرغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2010.11.08
Yaponda-xitaygha-qarshi-yighilishta-Ilham-mahmut-sozde-305 ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺷﻪﻧﺒﻪ ﻛﯜﻧﻰ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﭼﻮﯓ ﺋﯚﻛﺘﯩﭽﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ "ﺩﻩﺱ ﺗﯘﺭ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪ" ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻰ ﺋﯘﻳﯘﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ، ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﺋﯩﻠﻬﺎﻡ ﻣﻪﻫﻤﯘﺕ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺳﯚﺯ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
ﺳﯜﺭﻩﺗﻨﻰ ﺋﯩﻠﻬﺎﻡ ﻣﻪﻫﻤﯘﺕ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﯩﮕﻪﻥ.

بۇ پائالىيەتكە ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ئىلھام مەھمۇت ئەپەندى ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، ئۇ پائالىيەتتە ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە دوكلات بەرگەن. بۇندىن سىرت ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى يەنە ياپونىيىدە ئېچىلىش ئالدىدا تۇرغان ئاسىيا - تېنچ ئوكيان ئىقتىسادى ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يىغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن بىر قارار ماقۇللاپ چىققان.

ياپونىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدا كېمە سوقۇلۇپ كېتىش ۋەقەسى بىلەن مەيدانغا كەلگەن دىپلوماتىك سۈركىلىشلەر ياپونىيىدە زور تەسىر پەيدا قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، ياپونىيىدىكى"دەس تۇر ياپونىيە" ناملىق ئۆكتىچى تەشكىلات شەنبە كۈنى توكيو شەھىرىدە زور كۆلەملىك بىر پائالىيەت ئېلىپ بارغان. " دەس تۇر ياپونىيە" تەشكىلاتى ياپونىيىدە تەسىر كۈچى زور بولغان تەشكىلات بولۇپ، ئۇلار پائالىيەت ئارقىلىق كېيىنكى كۈنلەردە ياپونىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدا مەيدانغا كەلگەن كېمە ۋەقەسى، ياپون شىركەتلىرى خىتايدا ئۇچراۋاتقان قىيىنچىلىقلار، خىتاينىڭ ياپونىيىگە قىلىۋاتقان دىپلوماتىيىلىك بېسىملىرى قاتارلىق نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ياپونىيىنى خىتايغا قارشى كۈچلۈك بولۇشقا چاقىرغان.
Yaponda-xitaygha-qarshi-yighilishta-Ilham-mahmut-meydan-305
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺷﻪﻧﺒﻪ ﻛﯜﻧﻰ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﭼﻮﯓ ﺋﯚﻛﺘﯩﭽﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ "ﺩﻩﺱ ﺗﯘﺭ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪ" ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻰ ﺋﯘﻳﯘﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺕ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.

ئىگىلىنىشىچە، پائالىيەتكە 4000 دىن ئارتۇق كىشى ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، يىغىندا ياپونىيىنىڭ سابىق ھاۋا ئارمىيىسى قوماندانى تامۇگامى ۋە سابىق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى كويىكو خانىملار سۆز قىلغان. يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسى ھەققىدە سۆز قىلىشقا ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ئىلھام مەھمۇت ئەپەندى يۇقىرىدىكى ئىككى سابىق مىنىستىردىن كېيىنلا 3 - بولۇپ ئۇيغۇر مەسىلىسى ۋە ياپونىيىنىڭ خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدىكى مەيدانى ھەققىدە دوكلات بەرگەن.

بۇنىڭدىن سىرت پائالىيەتتە يەنە، ياپونىيىدىكى ھەرقايسى مۇھىم ئۆكتىچى پارتىيە ۋەكىللىرىدىن باشقا تىبەت ۋە تەيۋەنلىك ۋەكىللەرمۇ سۆز قىلغان. پائالىيەتنىڭ دوكلات بېرىش قىسمى ئاياقلاشقاندىن كېيىن پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلغان 4000 دىن ئارتۇق كىشى كوچىلارغا چىقىپ نامايىش ئۆتكۈزگەن. پائالىيەت ئىنتايىن قىزغىن ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، بۇنداق بولۇشىدا، ياپونىيىدە تېخى بىر كۈن بۇرۇن خىتاي كېمىسىنىڭ ياپون كېمىسىگە قەستەن ئۇرۇلغانلىقىغا دائىر ۋىدېئو كۆرۈنۈشىنىڭ يۇتۇب تورى ئارقىلىق ئاشكارىلىنىپ كېتىشىمۇ مۇھىم بىر ئامىل بولغان بولۇپ، بۇ كۆرۈنۈشلەر ياپون خەلقىدە قاتتىق بىر سىلكىنىش پەيدا قىلىپ، زور جامائەت پىكرى يارىتىپ، پائالىيەتنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە چىقىشىغا سەۋەب بولغان. ھەرقايسى تېلېۋىزىيە قاناللىرى پائالىيەتنى خەۋەر قىلغان.

ياپونىيىدە خىتايغا قارشى ئاۋازلار مۇشۇنداق يۈكسىلىۋاتقان بىر پەيتتە، ئاسىيا - تېنچ ئوكيان ئىقتىسادى ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يىغىنى 14 - 16 ‏ - نويابىر كۈنلىرى ياپونىيىنىڭ يوكوخوما شەھىرىدە ئېچىلىش ئالدىدا تۇرماقتا. ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن يوكوخوما شەھىرىدە ئاسىيا تېنچ ئوكيان ئىقتىسادى ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يىغىنى چاقىرىلىدىغان ئورۇنغا يېقىن بىر ئورۇندا پائالىيەت ئۇيۇشتۇرغان. "بوغۇلغان ھەقىقەتنى ئاسىيا تېنچ ئوكيان ئىقتىسادى ھەمكارلىق يىغىنىدا ئاشكارا قىلىش" نامىدا ئېچىلغان بۇ يىغىنغا، يوكوخوما شەھىرىدىن ئىككى پارلامېنت ئەزاسى، توكيو مەركەز پارلامېنتىدىن بىر پارلامېنت ئەزاسى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان باشقا ياپون ئەرباپلاردىن بولۇپ، جەمئىي 200 ئەتراپىدا ئادەم قاتناشقان.

يىغىن ئاخىرىدا ياپونىيىدە ئېچىلىش ئالدىدا تۇرغان ئاسىيا - تېنچ ئوكيان ئىقتىسادى ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يىغىنىغا قاتنىشىدىغان ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرىگە سۇنۇش ئۈچۈن بىر قارارنامە ماقۇللانغان بولۇپ، قارارنامىدە خىتاي ھۆكۈمىتىدىن، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي، مەدەنىي، ئىقتىسادىي ھەقلىرىگە ئوخشاش ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلىشنى تەلەپ قىلىش، خالىغانچە ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىشنى توختىتىش، قانۇنى سوت تەرتىپىنى يولغا قويۇش، خەلقئارالىق مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئورگانلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا 5 - ئىيۇل ۋەقەسىنى تەكشۈرۈشىگە يول قويۇش، تېررورلۇققا قارشى ئورتاق كۈرەش نامى بىلەن ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنى توختىتىش ۋە ئاتوم سىنىقى ھەققىدە ئوچۇق مەلۇمات بېرىپ، ئاتومنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارغا تۆلەم تۆلەش قاتارلىق 5 ماددا تۇرغۇزۇلۇپ چىقىلغان.

قارارنامىدە يىغىنغا قاتنىشىدىغان ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ يىغىندا بۇنى ئوتتۇرىغا قويۇشى تەلەپ قىلىنغان. مەزكۇر قارارنامە ئامېرىكا، كانادا، رۇسىيە، يېڭى زېلاندىيە، ئاۋسترالىيە، ھىندونېزىيە قاتارلىق 20 دىن ئارتۇق دۆلەتنىڭ ياپونىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ۋە ياپونىيە پارلامېنتىغا ئەۋەتىلگەن.

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام مەھمۇت ئەپەندى ئاسىيا - تېنچ ئوكيان ئىقتىسادى ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يىغىنى ئالدىدا مۇنداق بىر قارارنامىنىڭ ماقۇللىنىشىنىڭ ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىچىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ كۈن تەرتىپكە كېلىشى جەھەتتىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.