يېقىندا ياپونىيە توكيو چەتئەل تىللىرى ئۇنىۋېرسىتېتى، ئاسىيا - ئافرىقا تىل ۋە مەدەنىيەت تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى ئوقۇتقۇچىسى جۇن سۇگاۋارا ئەپەندى تەرىپىدىن تۈزۈلگەن 742 بەتلىك بۇ سۆزلۈك 2 - ئايدا نەشىردىن چىققان بولۇپ، مەزكۇر سۆزلۈك ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا تۈزۈلگەن بىر قەدەر مۇكەممەل بولغان سۆزلۈك ھېسابلىنىدىكەن.
پروف. در. جۇن سۇگاۋارا ئەپەندى سۆزلۈكنىڭ باش قىسمىدا ئۇيغۇر تىلىنىڭ قىسقىچە تارىخى ۋە ئۇيغۇر تىلىنىڭ گرامماتىكىلىق ئالاھىدىلىكى ھەققىدە توختالغان.
بۇ سۆزلۈك ئىلگىرى ۋەتەن ئىچىدە نەشىر قىلىنغان بىر قىسىم نوپۇزلۇق ئۇيغۇر تىلشۇناسلىرىنىڭ كىتابلىرىدىن پايدىلىنىپ تۈزۈلگەن بولۇپ، ياپونىيىدە ھازىرغا قەدەر نەشىر قىلىنغان بىر قەدەر مۇكەممەل سۆزلۈك دەپ ئېيتىشقا بولىدىكەن. بۇ سۆزلۈك ياپونىيىدىكى كەڭ ئۇيغۇر تىلى ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىنىشىگە پايدىلىق تىل قورالى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
بىز بۇ سۆزلۈك ۋە ياپونىيىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ياپونىيە كاگوشىما ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى تىلشۇناس در. ھاجى قۇتلۇق قادىرى ئەپەندى بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق.
در. ھاجى قۇتلۇق قادىرى ئەپەندى دۇنيادا ۋە ياپونىيىدە يېزىلغان ئۇيغۇرچە لۇغەتلەر ھەققىدە قىزىقارلىق مەلۇماتلارنى بەردى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.