ياپونىيىدە 'شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئىنقىلابىنىڭ ئۆتمۈشى ۋە كەلگۈسى' ناملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

9 - ئاينىڭ 26 - كۈنى توكيودا، "شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئىنقىلابىنىڭ ئۆتمۈشى ۋە كەلگۈسى" ناملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن. ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن بۇ قېتىمقى يىغىنغا قاتناشقان د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، يىغىننىڭ ئاساسى مەزمۇنى توغرۇلۇق مەلۇمات بەردى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻛﺮﻩﻡ
2010.09.28
Ilham-Mahmut-yaponlargha-liksiye-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺕ، 8 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ4 - ﻛﯜﻧﻰ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﻛﺎﮔﯘﺷﯩﻤﺎ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﺪﻩ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻠﻐﺎﻥ `ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﺪﺍ ﻧﯧﻤﯩﻠﻪﺭ ﺑﻮﻟﯘﯞﺍﺗﯩﺪﯗ` ﻣﺎﯞﺯﯗﻟﯘﻕ ﻳﯩﻐﯩﻨﻨﯩﯔ ﻳﯩﻐﯩﻦ ﺯﺍﻟﻰ ﯞﻩ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﻰ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﻰ ﺋﯩﻠﻬﺎﻡ ﻣﻪﺧﻤﯘﺕ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ ﻧﯘﺗﯘﻕ ﺳﯚﺯﻟﻪﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ.
RFA Photo / Erkin Tarim

بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى تەشكىللىگەن ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام ئەپەندى، بۇ يىغىننىڭ ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ، 9 - ئاينىڭ 26 - كۈنىدىن 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنىگىچە، ياپونىيىدە يەنە بىر قىسىم سىياسىي پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارىدىكەن. ئۇ، ئۆزىنىڭ بۇندىن كېيىنكى پائالىيەتلىرى توغرۇلۇق ئۇچۇر بېرىپ، ياپونىيىنىڭ بىر قىسىم يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ۋە ياپونىيىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرشۇناسلار د ئۇ ق ۋەكىلى ئۈچۈن بىر قىسىم سىياسىي ئۇچۇرۇشۇشلار ھەم يىغىنلارنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرغان.

78 - نۆۋەتلىك خەلقئارا قەلەمكەشلەر يىغىنىغا تەكلىپ قىلىنغان د ئۇ ق باش كاتىپى، قەلەمكەشلەر يىغىنىغا كۆزەتكۈچى سۈپىتى بىلەن قاتناشقاندىن سىرت، بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇر مىللىي مەسىلىسىنى ياپونىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە ئاڭلىتىشقا تىرىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە ياپونىيە - خىتاي ئوتتۇرىسىدا داۋام قىلىۋاتقان سىياسىي سۈركىلىشلەر، ياپونىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان ھېسداشلىقىنى تېخىمۇ يۇقىرى بىر پەللىگە كۆتۈرگەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.