كاگۇشىما شەھىرىدە `شەرقىي تۈركىستاندا نېمىلەر بولۇۋاتىدۇ` ماۋزۇلۇق يىغىن چاقىرىلدى

8 - ئاينىڭ4 - كۈنى ياپونىيىنىڭ كاگۇشىما شەھىرىدە `شەرقىي تۈركىستاندا نېمىلەر بولۇۋاتىدۇ` ماۋزۇلۇق يىغىن چاقىرىلدى. يىغىندا ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى مەسئۇلى ئىلھام مەخمۇت سۆز قىلغان. ئۇ سۆزىدە ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخىنى ئاڭلاتقاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالى ۋە 5 - فېۋرال ئۈرۈمچى ۋەقەسى ھەققىدە نوقتىلىق ھالدا توختالغان.

0:00 / 0:00

بۇ يىغىننى ياپونىيىنىڭ ئەڭ چوڭ ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرىدىن بىرى بولغان ياپونىيە قۇرۇلتىيى ئويۇشتۇرغان بولۇپ، بۇ يىغىنغا 80 ئەتراپىدا كىشى قاتناشقان. ئىلھام مەخمۇت ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، 8 - ئاينىڭ 16 - كۈنى ياپونىيىنىڭ ناگويا شەھىرىدىمۇ ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلىدىكەن.

بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن نەق مەيدانغا تېلېفون قىلىپ بۇ يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.