خىتاينىڭ مۇئاۋىن دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 14 - چىسلا چۈشتىن كېيىن ياپونىيىگە يېتىپ كېلىپ رەسمىي زىيارىتىنى باشلىدى. ئۇ ئايرودرومدا مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە ئۆزىنىڭ بۇ قېتىملىق زىيارىتى ھەققىدە توختىلىپ، ياپونىيە ۋە خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققى قىلدۇرۇشنىڭ ئىككى دۆلەت مەنپەئەتىگە مۇۋاپىق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى ۋە زىيارىتىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتىنى "ئۆز - ئارا ئىشەنچنى ئاشۇرۇپ، دوستلۇقنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت" دەپ شەرھلىدى.
ئەمما، بۇ جەرياندا شى جىنپىڭنىڭ ياپونىيە زىيارىتىگە قارشى ئاۋازلارمۇ مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، خىتاي - ياپونىيە مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە تۈرلۈك مۇنازىرىلەر داۋاملاشماقتا.
، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دىققىتىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە تارتىشقا تىرىشقان. بۇنىڭغا ياپونىيىدىكى باشقا تەشكىلاتلارمۇ قىزغىن ئاۋاز قوشقان.
ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام مەھمۇت ئەپەندى مۇخبىرىمىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ بىر قاتار ئەھۋاللار ھەققىدە توختالدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.