ياپونىيىدە "خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن كىشىلەر" ناملىق كىتاب نەشر قىلىندى
2011.01.28
غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 14 يىللىق خاتىرە كۈنى يېقىنلىشىۋاتقان كۈنىمىزدە، ياپونىيىنىڭ نوپۇزلۇق نەشرىياتلىرىدىن بىرى بولغان شياۋگاككان نەشرىياتى تەرىپىدىن ئاتاقلىق ژۇرنالىست ۋە يازغۇچى ماسارۇ سوما ئەپەندى يازغان "خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن كىشىلەر" ناملىق كىتاب 239 بەت، 9 بابلىق، قاتتىق مۇقاۋىلىق قىلىپ نەشر قىلىنغان.
مەزكۇر كىتابنىڭ ئاپتورى ماسارۇ سوما ئەپەندى 1957-يىلى ياپونىيىدە تۇغۇلغان، توكيو چەتئەل تىلى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىتاي تىلى فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە ئامېرىكا خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئوقۇغان. كېيىن ياپونىيىدىكى داڭلىق مىللەتچى گېزىتلەردىن بىرى بولغان سانكېيى شىنبۇن گېزىتىدە ياپونىيە - خىتاي مۇناسىۋىتى ھەققىدىكى كۆپلىگەن ماقالىسى ئېلان قىلىنغان.
ئۇنىڭدىن باشقا، ئاپتور ئەينى چاغدا سانكېي شىنبۇن گېزىتىنىڭ خوڭكوڭدىكى تارماق شۆبىسىنىڭ مەسئۇلى بولۇپ خىزمەت ئۆتىگەن. ئاپتور يېزىپ نەشر قىلدۇرغان "3 مىليونلۇق خىتاي ئارمىيىسى ۋە كېلەر قېتىملىق جەڭ" ناملىق ئەسىرى بىلەن "خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلارغا ياپونلارنى مۇنداق ئۆگىتىدۇ" ناملىق ئەسىرى 2001-يىللىق ياپونىيىنىڭ مەشھۇر ئەسەرلەر ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
ئاپتورنىڭ يېقىندا نەشردىن چىققان "خىتاي كوممۇنىستلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن كىشىلەر" ناملىق ئەسىرى ياپون ئوقۇرمەنلەرنىڭ زور قىزىقىشىنى قوزغىغان مۇھىم ئەسەرلەردىن بىرى ھېسابلىنىدىكەن.
بىز بۇ كىتاب ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ياپونىيە كاگوشىما خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتى مۇتەخەسسىسى دوكتور ھاجى قۇتلۇق قادىرى ئەپەندى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.