ئىلھام مەخمۇت ياپونىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىشقا چاقىردى

26 - ئىيۇل يەكشەنبە كۈنى، ياپونىيىنىڭ توكيو شەھىرىدە 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى ھەققىدە يىغىن چاقىرىلغان بولۇپ، يىغىنغا 500 دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشقان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2009-07-26
Share
Yapon-Ilham-teshwiq-305 ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﺋﯩﻠﻬﺎﻡ ﻣﻪﺧﻤﯘﺕ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﯩﻠﯩﻜﯩﺪﻩ، 2009 - ﻳﯩﻠﻰ1 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 2 - ﻛﯜﻧﻰ ﺗﻮﻛﻴﻮ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻳﺎﺳﯩﻜﻮﻧﻰ ﺑﯘﺯﺭﯗﻛﮕﺎﻫﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﯞﻩ ﺷﻪﺭﻗﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﻪﺷﯟﯨﻖ ﯞﺍﺭﺍﻗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
RFA Photo / Erkin Tarim

يىغىننى ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆزگە چىققان جەمئىيەت باشلىقى ئىلھام مەخمۇت 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى نامايىشىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرى ھەققىدە تەپسىلىي توختالغان شۇنداقلا ياپونىيە ھۆكۈمىتى ۋە ياپونىيە خەلقنى ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىشقا چاقىرغان.
 
يىغىنغا ياپونىيە ۋە تەيۋەنلىك مۇتەخەسسىسلەرمۇ قاتناشقان ۋە سوز قىلغان. يىغىن 3 سائەتلەر ئەتراپىدا داۋام قىلغان.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.
 
پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت