ياپونىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى رەسمىي قۇرۇلدى
2012.04.23
ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام مەخمۇت ئەپەندىنىڭ مەلۇمات بېرىشىچە، ياپونىيە پارلامېنتىدىكى ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى پارتىيىلەردىن بىرى بولغان ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن قۇرۇلغان بۇ دوستلۇق گۇرۇپپىسىغا 20 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى رەسمىي ئەزا بولغان بولۇپ، ياپونىيىنىڭ سابىق باش مىنىستىرى شىنزو ئابې ئەپەندى باش مەسلىھەتچى، پارلامېنت ئەزاسى كېىجى فۇرۇيا ئەپەندى بولسا گۇرۇپپا مەسئۇلى، سېىىچى ئېتو ئەپەندى باش كاتىپلىققا سايلانغان.
بۇنىڭدىن باشقا يەنە ياپونىيە پارلامېنتىدا رايون ۋە شەھەرلىك پارلامېنت ئەزالىرىدىن تەركىب تاپقان يەنە بىر ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسىمۇ قۇرۇلغان. بۇ گۇرۇپپا رايون ۋە شەھەرلەرگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بەزى پارلامېنت ئەزالىرى تەرىپىدىن قۇرۇلغان.
ياپونىيە ئەركىن دېموكراتىيە پارتىيىسىنىڭ ئىشخانىسىدا مەخسۇس يىغىن چاقىرىلىپ بۇ ئىككى ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ رەسمىي قۇرۇلغانلىقىنى سابىق باش مىنىستىر شىنزو ئابې ئەپەندى جاكارلىغان. يىغىنغا ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەھبەرلىرىمۇ قاتناشقان ۋە ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن پارلامېنت ئەزالىرىغا رەھمەت ئېيتقان.
ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى مەسئۇلى ئىلھام مەخمۇت ۋە باش كاتىپى تاكاشى ساتو ئەپەندىنىڭ ئېيتىشلىرىچە، بۇرۇن ياپون جامائەتچىلىكىدىكى بىر قىسىم كىشىلەر ئۇيغۇر مەسىلىسىنى قوللاۋاتقان بولسا، ئەمدى ياپون سىياسەتچىلىرىنىڭ بىر قىسمى ئۇيغۇر دەۋاسىنى قوللاشقا باشلىغان.