0:00 / 0:00
ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى - 2008 يىلى 6 - ئاينىڭ 15 - قۇرۇلغان بولۇپ ، قىسقىغىنە بىر يىل جەريانىدا ، مەزكۇر تەشكىلات رەئىسى شۇنداقلا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياپونىيىدىكى ۋەكىلى بولغان ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى قاتارلىقلارنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ، ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ياپونىيە جەمئىيىتىدە تەسىرى بارغانچە كېڭەيمەكتە شۇنداقلا ياپونىيىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ يېڭى بىر نۇقتىدىن تونۇلۇشىدا مۇھىم رول ئوينىماقتا.
بۈگۈن، ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى رەئىسى ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەت خاتىرىمىزدىن ، ياپونىيىدە ئۇيغۇر دەۋاسىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن سىياسىي پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىۋاتقان مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ بىر يىل جەريانىدىكى پائالىيەتلىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.