نامايىشچىلار چارشەنبە كۈنى سائەت 11 ئەتراپىدا توكيو شەھىرىنىڭ مەركىزى باغچىسىغا توپلانغان؛ لوزۇنكىلىرىدا، خىتاينىڭ ئولىمپىك ئۆتكۈزۈش سالاھىيىتى يوقلۇقىنى بايان قىلغان نامايىشچىلار،سائەت 12 دە باغچىدىن خىتاي ئەلچىخانىسىغا قاراپ يۈرۈش قىلغان . يۈرۈش جەريانىدا ئىككى نەپەر ئۇيغۇر نامايىشچى، قوللىرىغا كويزا ، بوينىغا تاختاي ئېسىلغان كۆرۈنۈشتە مېڭىپ ، ئۇيغۇر ۋەزىيىتىدىكى جىددىيلىكنى بىلدۈرگەن.
نامايىشچىلار خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىغا كەلگەندە، ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ئىلھام ماخمۇت نامايىشنىڭ باياناتىنى ئوقۇپ ئۆتكەن. ئىلھام ماخمۇت باياناتىدا،ئاساسلىق خىتاينىڭ بۇ نۆۋەت ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا، ئولىمپىك مەشئىلىنى ئۇيغۇر رايونىدا ئايلاندۇرغانلىقىنى تەنقىد قىلغان . ئۇ باياناتىدا يەنە ، خىتاينى ئۇيغۇر رايونىنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە دۇنياغا ساختا مەلۇمات بېرىشنى توختىتىشقا؛ ئولىمپىك تەييارلىقى سەۋەبلىك قولغا ئېلىنغانلارنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرغان. نامايىشتا ئىككى نەپەر پارلامېنت ئەزاسىمۇ سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ ئولىمپىكنى تاپشۇرۇۋالغان چېغىدا دۇنياغا بەرگەن ۋەدىسىدە تۇرمىغانلىقىنى تەنقىد قىلغان. ئىلھام ماخمۇت ياپون خەلقىغە خىتاپ قىلىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى ئەمەس ، بەلكى خەلقئارالىق مەسىلە ئىكەنلىكىنى، ياپونىيىنىڭ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىگە تاماشىبىن بولۇپ قاراپ تۇرماسلىقى كېرەكلىكىنى، ياپونىيىنىڭ ئاسىيانىڭ كۈچلۈك ۋە دېموكراتىك بىر دۆلىتى بولۇش سالاھىيىتى بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئارىلىشىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.
بۇ قېتىمقى نامايىش ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ تۇنجى پائالىيىتى ھېسابلىنىدۇ. جەمئىيەت باشلىقى ئىلھام ماخمۇت خىتايغا قارشى سىياسىي پائالىيەتلىرىنى ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرىدا باشلىغان ۋە ھازىرغا قەدەر ياپونىيىنىڭ رادىئو ۋە تېلېۋىزىيە قاناللىرىدا بىر قانچە قېتىم پروگراممىغا قاتنىشىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ياپونىيە جەمئىيىتىگە تونۇشتۇرغان ئىدى. ئىلھام ماخمۇتنىڭ بۇ پائالىيىتى قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە بىر تۈركۈم ياپون جامائىتىنىڭ قىزغىن قوللىشىغا ئېرىشكەن ۋە ئۇ پائالىيىتىنى تېخىمۇ مۇنتىزىم ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى تەشكىللىگەن ئىدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى نامايىشقا قېتىلغان ياپونلۇقلارنىڭ بىر قىسمى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى يېقىنقى ئايلاردىن بېرى ئاخبارات ۋاسىتىسى ئارقىلىق تونىغانلار، يەنە بىرقىسمى بولسا، ئۇيغۇر رايونىنى بۇرۇن زىيارەت قىلغان ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ كەلگەنلەر.
ئىلھام ماخمۇت زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، ياپونىيىدە شەرقى تۈركىستان مەسىلىسىنى تونۇشتۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتى ئۈستىدە توختالدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە شەرقى دېڭىزنىڭ ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى تالاش - تارتىشلىق رايونىدا بايقالغان نېفىتلىك ، زاپاس مىقدارىنىڭ كۆپلىكى بۇيىچە دۇنيانىڭ 4 - چوڭ نېفىتلىكى. ئارىسىدا بۇ قەدەر چوڭ مەنپەئەت توقۇنۇشى بولغان ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىنىڭ پارلاق بولۇشى ئېھتىمالدىن ئۇزاق. ئۇنىڭ ئۈستىگە ياپونىيە ئاسىيانىڭ بىردىن - بىر كۈچلۈك ۋە دېموكراتىك دۆلىتى. ئىلھام ماخمۇت سۆز ئاخىرىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى ئۈچۈن مانا مۇشۇنداق ئەۋزەللىككە ئىگە بىر دۆلەتتە ياشاش، بۇ دۆلەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا تەبىئىي ھالدا ئالاھىدە بىر مەسئۇلىيەتنى يۈكلەيدۇ دەپ ئەسكەرتتى.