ياپونىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن `خەلقئارالىق خىتاينى دېموكراتىيىلەشتۈرۈش` يىغىنىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى كۈن تەرتىپكە كەلگەن

4 - ۋە 5 ‏- ئاۋغۇست كۈنلىرى ياپونىيىنىڭ توكيو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن `خەلقئارالىق خىتاينى دېموكراتىيىلەشتۈرۈش` يىغىنىدا تەيۋەن، تىبەت مەسىلىسى بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر مەسىلىسىمۇ كۈن تەرتىپكە كەلگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.08.06
seyit-yaponiyede-yighinda-305 4 - ﯞﻩ 5 ‏- ﺋﺎﯞﻏﯘﺳﺖ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﻯ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺗﻮﻛﻴﻮ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ `ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍﻟﯩﻖ ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﻰ ﺩﯦﻤﻮﻛﺮﺍﺗﯩﻴﯩﻠﻪﺷﺘﯜﺭﯛﺵ` ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﻐﺎ، ﺩ ﺋﯘ ﻕ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﺳﯧﻴﯩﺖ ﺗﯜﻣﺘﯜﺭﻙ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ، ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﺋﯩﻠﻬﺎﻡ ﻣﻪﺧﻤﯘﺕ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ ﯞﻩ ﺳﯚﺯ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ.
RFA Photo / Erkin Tarim
 بۇ يىغىنغا كانادا، شۋېتسىيە ۋە ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن كىشىلەر قاتناشقان بولۇپ، ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن د ئۇ ق مۇئاۋىن باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى، ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى باشلىقى ئىلھام مەخمۇت قاتارلىق كىشىلەر قاتناشقان ۋە سۆز قىلغان.

يىغىنغا ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى رەئىسى نەنسىي پېلوسى خانىم، تىبەتلەرنىڭ لىدېرى دالاي لاما قاتارلىقلار خەت ئەۋەتكەن بولۇپ، يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا بۇ خەتلەر ئوقۇپ ئۆتۈلگەن.

يىغىندا قايسى مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى، كىملەر ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە قانداق دوكلاتلارنى بەردى ؟ دېگەن سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن بۇ يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان د ئۇ ق مۇئاۋىن باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز. 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.