ياپون پائالىيەتچى كۇبو ئەپەندى بىلەن سۆھبەت

يېقىنقى يىللاردىن بېرى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى بارغانسېرى كۈچەيمەكتە. ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئۆز پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرغاندىن باشقا ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى باشقا مىللەتلەرنىمۇ ئۇيغۇر داۋاسىغا تارتىپ ئەكىرمەكتە.

0:00 / 0:00

بۇلاردىن بىرى ياپون كۇبو ئەپەندى. ئۇ بۇنىڭدىن 10 يىل بۇرۇن ياپونىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان يىپەك يولى جەمئىيىتىگە ئەزا بولغان بولۇپ، بۇ جەمئىيەتتە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇر تارىخى بىلەن تونۇشقان. كېيىن ئۇ ئۇيغۇر دىيارىنى زىيارەت قىلغان. شۇنىڭدىن تارتىپ ئۇيغۇرلار ئېلىپ بارغان پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىشقا باشلىغان.

ياپون پائالىيەتچى كۇبو ئەپەندى ئۆتكەن ھەپتە ۋاشىڭگىتوندا ئېچىلغان 3 - نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغىمۇ ئاكتىپ قاتناشتى. ئۇ قۇرۇلتاي جەريانىدا ياپونىيىدە ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى ھەققىدە دوكلات بەردى. ئۇ ئۇيغۇر كىيىمى بىلەن قولىدا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى كۆتۈرگەن ھالدا پۈتۈن پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتناشتى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.