ئۇيغۇرلارنى تورونتو خەلقىگە تونۇشتۇرۇۋاتقان بىر جۈپ ياش ئارتىست

كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدە بىر جۈپ ياش ئۇسۇلچى ئەر ‏- ئايال بار. ئۇلارنىڭ ئىسمى ئالىمجان ۋە ئالىيە. ئالىمجان بىلەن ئالىيەنىڭ كاناداغا كەلگىنىگە ئەمدىلا بىر يېرىم يىل بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ نەپىس ئۇسۇللىرى بىلەن تورونتودا ئۆتكۈزۈلگەن ھەر خىل سەنئەت فېستىۋاللىرى ۋە دۆلەت بايراملىرىدا نومۇر كۆرسىتىپ كېلىۋاتىدۇ.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﺸﻪﻥ ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ
2009-09-22
Share

ئۇلار، نەپىس ئۇيغۇر ئۇسۇلى ئارقىلىق ئۇيغۇر دەپ ئاتىلىدىغان بۇ مىللەتنى كانادا خەلقىگە تونۇشتۇرۇش ۋە ئۇيغۇر ئۇسۇلىنى كانادانىڭ كۆپ مىللەتلىك مەدەنىيەت غەزىنىسىگە يېڭى ئەزا سۈپىتىدە ئېلىپ كىرىش ئۈچۈن زور تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە.

ئالىمجان بىلەن ئالىيە ئۇيغۇر ئۇسۇلى بىلەن بىللە ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى تونۇشتۇرۇشنى ئۆز ‏- ئارا بىرلەشتۈرگەن.

ئىگىلەشلەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ كانادا تارىخىدا تۇنجى قېتىم كەسىپلەشكەن، ئۆلچەملىك ئۇيغۇر ئۇسۇلىنىڭ كانادا دۆلەت بايرىمى فېستىۋاللىرىدا، شەرقى تۈركىستانلىق ئۇيغۇر دېگەن نام بىلەن كانادا خەلقىگە تونۇشتۇرۇلۇشى ئىكەن. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز بۇ سەنئەت فېستىۋالىغا قاتنىشىپ ئۇسۇل ئورۇنلىغان ئۇسۇلچى ياش ئالىمجاننى زىيارەت قىلدۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت