شەرقىي تۈركىستان ياشلار جەمئىيىتىدە يېڭىدىن سايلام ئۆتكۈزۈلدى

ئىستانبۇلدا پائالىيەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ياشلار جەمئىيىتىنىڭ ئىدارە ھەيئەت رەھبەرلىرى ۋە ئەزالىرى يېقىندا سايلام ئۆتكۈزۈپ جەمئىيەت باشلىقى ۋە ئىدارە ھەيئەت رەھبەرلىكىنى يېڭىدىن سايلاپ چىقتى.

0:00 / 0:00

شەرقىي تۈركىستان ياشلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە تۈرغۇت بايقال يېڭىدىن رەئىس بولۇپ سايلاندى. ئىدارە ھەيئەت رەھبەرلىكىگە 7 كىشى سايلانغان بولۇپ، ئۇيغۇر بايقال جەمئىيەتنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولۇپ قايتا سايلاندى. ئابدۇسەلىم ئۆتۈكۈن جەمئىيەتنىڭ باش كاتىپى بولدى. مالىيە ئىشلىرىغا ئىلھان تۇرانى ئەپەندى مەسئۇل بولۇپ سايلاندى.

شەرقىي تۈركىستان ياشلار جەمئىيىتىدە ئېلىپ بېرىلغان سايلام نەتىجىسىدە يېڭى رەئىس ۋە يېڭىدىن ئىدارە ھەيئەت رەھبەرلىكى بەلگىلەندى شۇنىڭ بىلەن بۇ جەمئىيەت يېڭى بىر باسقۇچقا قەدەم قويدى.

Dogu-turkistan-genclik-dernegi-ishhanisi-385.jpg
شەرقىي تۈركىستان گەنچلىك دەرنەگى ئىشخانىسى. 2011-يىلى سېنتەبىر. (RFA/Arslan)

شەرقىي تۈركىستان ياشلار جەمئىيىتى تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل ۋە قەيسىرى شەھىرىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ياشلار تەرىپىدىن 2006-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ جەمئىيەت قۇرۇلغاندىن بۇيان ھازىرغىچە تىبەت يۈجەتۈركنىڭ باشچىلىقىدا خىزمەت-پائالىيەت قىلىپ كەلگەن ئىدى. بۇ جەمئىيەت تۈركىيىدىكى مىللەتچى ۋە ئۆلكىچى دەپ ئاتىلىدىغان ئېقىمدىكى كىشىلەر ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىپ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقان ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.

بىز بۇ ھەقتە تولۇق مەلۇمات ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان ياشلار جەمئىيىتىنىڭ يېڭىدىن سايلانغان باشلىقى تۇرغۇت بايقال ۋە مۇئاۋىن باشلىقى ئۇيغۇر بايقال ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

تۇرغۇت بايقال ئەپەندى ئۆزىنىڭ رەئىس بولۇپ سايلانغانلىقى بىلەن شەرقىي تۈركىستان ياشلار جەمئىيىتىدە يېڭى بىر دەۋرنىڭ باشلانغانلىقىنى ئىپادىلىدى ۋە شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنى تۈركىيە ۋە دۇنياغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن قولىدىن كېلىدىغان بارلىق ئىمكانىيەتلەرنى ئىشقا سېلىپ خىزمەت-پائالىيەتلەرنى داۋام قىلىدىغانلىقىنى شەرقىي تۈركىستان ئازاد بولغۇچە بۇ داۋادىن ۋاز كەچمەي ماڭدىغانلىقىنى بىلدۈردى.