2010 - يىلى ياۋرۇپا مەدەنىيەت پايتەختى ئىستانبۇل ۋە ئۇيغۇرلار

4000 يىللىق قەدىمىي تارىخقا ئىگە بولغان ئىستانبۇل شەھىرى بۇ يىل ياۋروپانىڭ مەدەنىيەت پايتەختى بولۇپ تاللاندى. 1 - ئاينىڭ 16 - كۈنى ئىستانبۇلنىڭ 7 يېرىدە ئۆتكۈزۈلگەن كۆركەم ۋە تەنتەنىلىك مۇراسىم بىلەن ئىستانبۇل بۇ نامنى تاپشۇرۇپ ئالدى.
مۇخبىرىمىز ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2010.01.22
Erdogan-2010-medeniyet-paytexti-paaliyitide-sozde-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﻗﻪﺩﯨﻤﯩﻲ ﺗﺎﺭﯨﺨﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻝ ﺷﻪﻫﯩﺮﻯ 2010 - ﻳﯩﻠﻰ ﻳﺎﯞﺭﯗﭘﺎ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﺘﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﺎﻟﻼﻧﻐﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻟﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻢ ﺧﺎﻟﯩﭻ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻢ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﺪﻩ، ﺑﺎﺵ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮ ﺭﻩﺟﻪﭖ ﺗﺎﻳﻴﯩﭗ ﺋﻪﺭﺩﻭﻏﺎﻥ ﺳﯚﺯﺩﻩ.
www.istanbul2010.org ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

قەدىمىي تارىخقا ئىگە بولغان ئىستانبۇل شەھىرى 2010 - يىلى ياۋرۇپا مەدەنىيەت پايتەختى بولۇپ تاللاندى. كۆركەم مۇراسىملار بىلەن بۇ نامنى تاپشۇرۇپ ئالغان ئىستانبۇلدىكى ئاساسلىق مۇراسىم خالىچ مۇراسىم مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى.

مۇراسىمغا تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى ئابدۇللاھ گۈل، باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تۈركىيە ۋە 40 قا يېقىن دۆلەتتىكى يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلوماتلار، تىجارەت، سەنئەت، بىلىم ساھەلىرىدە كۆزگە كۆرۈنگەن شەخسلەر قەدەم تەشرىپ قىلدى.

تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان مۇراسىمدە ئىستانبۇلنىڭ تارىخى ئەھمىيىتى ھەققىدە مۇھىم سۆز قىلىپ، ئىستانبۇلنىڭ تارىخى ئەھمىيىتىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. ئۇ سۆزىدە مۇنداق دېدى: "ئىستانبۇل بىر مەدەنىيەت شەھىرىدۇر. ئىستانبۇل بىر تارىخى شەھەردۇر. ئىستانبۇل 5 قىتئەنىڭ مەدەنىيىتىنى، مېلودىيىسىنى، لەززەتلىرىنى، رەڭلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرگەن بىر شەھەردۇر. يېرىمى ياۋرۇپادا، يېرىمى ئاسىيادا بولغان يىگانە شەھەر ئىستانبۇلدۇر."

تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سۆزىدە، ئىستانبۇلنىڭ پەرقلىق مەدەنىيەتلەرگە ساھىبخانلىق قىلىپ كەلگەنلىكىنى، ئوخشىمىغان مەدەنىيەت، ئوخشىمىغان ئىرقتىن كىشىلەرنىڭ ئىستانبۇلدىن ئىبارەت بۇ شەھەردە ئۆز - ئارا چۈشىنىش، ئۆز - ئارا ھۆرمەت ئاساسىدا ئەسىرلەردىن بېرى بىرلىكتە ياشاپ كەلگەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

"ئىستانبۇلنى يېگانە قىلغان يەنە بىر ئالاھىدىلىكى، بۇ شەھەردە مەسچىتلەر، چېركاۋلار، سىناگوگلار (يەھۇدىيلارنىڭ تاۋاپ قىلىدىغان يېرى) بىر مەھەللىدە، بىر كوچىدا ئۆز - ئارا ھۆرمەت، ئۆز - ئارا چۈشىنىش ئاساسىدا مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ كەلمەكتە. ئىستانبۇل مەدەنىيەتلەر ئىتتىپاقىغا ساھىبخانلىق قىلماقتا. ئۇ، بىر ئەركىنلىك شەھىرى. ئىستانبۇلدا ھېچبىر كىملىك بېسىم ئاستىدا قېلىپ باقمىغان. ھەر بىر مەدەنىيەت بۇ يەردە ئۆز كىملىكى بىلەن ھۆرىيەت ئىچىدە مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن. بۇ شەھەر بىزنىڭ سۆيگۈمىزنىڭ تىپىك نامايەندىسى. چۈنكى ئەينى زاماندا فاتىخ سۇلتان مەمەت ئىستانبۇلنى قولغا ئالغاندىن كېين دەرھال بىر پەرمان چىقىرىپ، ئىستانبۇلدا ياشايدىغان پەرقلىق توپلۇملارغا (خەلقلەرگە) ئۆز تىلىنى ئىشلىتىش، ئۆز تىلىدا تەلىم - تەربىيە ئېلىش، ئۆز مەدەنىيەتلىرىنى ساقلاپ قېلىش ۋە مەۋجۇتلۇقىنى ئىشەنچ ۋە ھوزۇر ئىچىدە داۋام قىلدۇرۇش ھوقۇقىنى بەرگەن. مانا بىز 557 يىلدىن بېرى بۇنى ئۆزىمىزگە دەستۇر قىلىپ كەلدۇق، بۇندىن كېيىنمۇ ھەم شۇنداق قىلىمىز. چۈنكى بىز ئىنساننى ئىنسان بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ياراتقۇچىسىنى سۆيگەنلىكىمىز ئۈچۈن سۆيىمىز."

ئىستانبۇل رىم ئىمپراتورلۇقلىرى ۋە ئەڭ ئاخىرىدا تۈركلەرنىڭ ئوسمانلى ئىمپراتورلۇقىنىڭ پايتەختى بولغان ئۇزۇن تارىخقا ئىگە قەدىمىي شەھەردۇر. ئىستانبۇل ياۋرۇپا ۋە ئاسىيا مەدەنىيەتلىرىنىڭ كۆۋرۈكى بولۇشتەك مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە. تارىختىن بېرى ئۇيغۇرلارمۇ بۇ شەھەر بىلەن قويۇق ئالاقە ئورنىتىپ كەلگەن.

بىز بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن يىللاردىن بېرى ئىستانبۇلدا ياشاپ كېلىۋاتقان ۋە ئىستانبۇل بەيكەنت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولغان مەخپىرەت كامال خانىمنى زىيارەت قىلدۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

پىكىر

Anonymous
Jan 23, 2010 09:38 AM

Siz towendiki fontlarni Uygur Computer Ilmiy Jemiyitinining tor betidin (http://ukij.org) komputuringizgha chüshürüp qachilisingiz bolidu. Eger font qachilash qolaysiz bolsa, Internet Explore (IE) programmisi arqiliq ziyaret qilsingiz font bolmighan sharaittimu normal köreleysiz.

Biz ishletken fontlar: "Uyghuredit lotus", "UKIJ Nasq", "UKIJ Tuz Tom", "UKIJ Basma", "Uighursoft Web Tor", "Alpida Unicode System", "UKIJ Tuz", "UKIJ Esliye", "UKIJ Basma", "Microsoft Uighur", "Arial Unicode MS";

Anonymous
Jan 23, 2010 07:48 PM

http://ukij.org/fonts