ياۋرۇپا پارلامېنتىدا مۇھىم ئورۇنغا ئىگە بولغان كۈپ ساندىكى پارلامېنت ئەزالىرىدىن تەشكىل تاپقان مەزكۇر 5 پارتىيىنىڭ گۇرۇپپا يىغىنىدا قارار لايىھىسى مۇزاكىرە قىلىنىپ، ماددىلار بويىچە ئايرىم - ئايرىم قارار چىقىرىلىپ، ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق مۇتلەق كۆپ ساندىكى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ بىردەك قوشۇلۇشى بىلەن بېكىتىلگەن قاراردا، بۇنىڭدىن كېيىن ياۋرۇپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ خىتاي بىلەن ئېلىپ بارىدىغان ئىقتىسادى، سىياسى ۋە دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرگە دائىر سۆھبەتلىرىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرگە قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلىشى قارار قىلىنغان.
12 ماددىلىق بۇ قاراردا ئالدى بىلەن، بۇ يىل ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 5" - ئىيۇل ۋەقەسى" شۇنىڭدەك 2008 - يىلى لخاسادا يۈز بەرگەن 14" - مارت ۋەقەسى" سەۋەبىدىن ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن بىر قىسىم ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرگە قارىتا ئىجرا قىلىنغان ئۆلۈم جازاسى تەنقىد قىلىنىش بىلەن بىرگە، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن، ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىشنى دەرھال ئاخىرلاشتۇرۇش، خەلقئارا ئۆلچەملەرگە بويسۇنغان ئاساستا ئادىل سوت ھۆكۈمى چىقىرىش، گۇناھسىز تۇتقۇن قىلىنغان مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىش، ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە دىنىي ھەق - ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلىش ھەمدە ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان 100 كۈنلۈك قاتتىق زەربە بېرىش نىقابىدىكى ھەرىكەتلىرىنى دەرھال توختىتىشنى تەلەپ قىلىش قاتارلىق مۇھىم مەزمۇنلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، بۇ قېتىم ياۋرۇپا پارلامېنتى تەرىپىدىن چىقىرىلغان قارار لايىھىسىدىن سۆيۈنگەنلىكىنى شۇنداقلا بۇ قارارنىڭ چىقىرىلىشىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەشكىلاتىنىڭ زور خىزمەتلەرنى ئىشلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ياۋرۇپا پارلامېنتىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەر ھەققىدە چىقارغان 12 ماددىلىق قارارى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەندىن سىرت، ھەر قايسى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭمۇ ھىمايىسىگە سازاۋەر بولدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.