ياۋرۇپادا ئىگىلىك تىكلىگەن ئۇيغۇرلار - «ئۇيغۇر تىز تاماقخانىسى»
2012.08.31

ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا ۋەتىنىدىن ھىجرەت قىلىپ، ياۋرۇپا تۇپراقلىرىغا كۆپلەپ يەرلىشىش تارىخىغا ئۇزۇن يىل بولمىدى. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ تېرىشچانلىقى، ئەقىل - پاراسىتى بىلەن ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دۆلەتلەردە باشقا كۆچمەن مىللەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا ياخشىراق تۇرمۇش كۆچۈرمەكتە ۋە تېز باش كۆتەرمەكتە. گەرچە چوڭ تىپتىكى زاۋۇت، كارخانا قۇرۇش دەرىجىسىگە يەتمىگەن بولسىمۇ، ھەر تۈرلۈك تىجارەت ئورۇنلىرىنى ئېچىپ ئۆزىنىڭ ھەم ئائىلىسىنىڭ ھۆددىسىدىن چىققاننىڭ سىرتىدا، ۋەتەن - مىللىتىنىڭ غېمىگە كۆڭۈل بۆلۇۋاتقان، ئىقتىسادى جەھەتتىن ئۆز قېرىنداشلىرىنى يۆلەۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ئاز ئەمەس.
ياۋرۇپادا ئىگىلىك تىكلىگەن ئۇيغۇرلار ناملىق بۇ پروگرامما ئارقىلىق، ياۋرۇپا تۇپراقلىرىدا ئاشخانا، رېستوران، تىز تاماقخانا، يىمەك - ئىچمەك دۇكىنى قاتارلىق سودا ئورۇنلىرىنى ئېچىپ روناق تاپقان ۋە پۇل تاپقاندا ئۆز مىللىتىنى ئۇنتۇپ قالمىغان، ھىچ بولمىسا، پەرزەنتلىرىنى ۋەتەن - مىللەتنىڭ ئۈمىدىگە لايىق تەربىيىلەش ئىستىكىدە ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا ئوقۇتۇۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتى توغرىلىق قىسقىچە مەلۇمات بېرىمىز.
ياۋرۇپادا بالدۇرراق ئىگىلىك تىكلىگەن ئۇيغۇرلاردىن بىرى، گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھرىدىكى «ئۇيغۇر تىز تاماقخانىسى» نىڭ خوجايىنى ئابلىمىت تۇرسۇن ئەپەندىدۇر. ئابلىمىت تۇرسۇن ئەپەندى گېرمانىيىدىكى تونۇلغان جامائەت ئەربابى بولۇش بىلەن بىرگە، د ئۇ ق مەدەنىيەت - مائارىپ كومىتېتىنىڭ مۇدىرى.
تۆۋەندە «ئۇيغۇر تىز تاماقخانىسى» نىڭ خوجايىنى ئابلىمىت تۇرسۇن ئەپەندى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەت خاتىرىسىنى ئاڭلاڭلار.