ياخشىلىق ۋە دۇنيانىڭ چايانلىرى

يېقىندا كۇۋەيتتە چىقىدىغان «ئەل مۇجتەمە» ژۇرنىلىدا «ياخشىلىق ۋە دۇنيانىڭ چايانلىرى» دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان. تۆۋەندە بىز بۇ ماقالىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئۆمەرجان
2012.02.10

- بىر ياخشىلىق سۆيەر دانىشمەن ئادەم دېڭىز بويىدا ئولتۇرۇپ، ئاللاھ تائالانىڭ دېڭىزدىكى ۋە ئەتراپتىكى گۈزەل سەنئەتلىرىنى ۋە قۇدرەتلىرىنى تەپەككۇر قىلىۋاتاتتى. شۇ ئارىدا بىر چايان ئۆمىلەپ كېلىپ دېڭىزغا چۈشۈپ كېتىدۇ ۋە سۇنىڭ ئېقىشىنىڭ تەتۈرىگە ئۆزىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن قاتتىق كۈچەيدۇ، ئەمما سۇدىن چىقىشنى بېجىرەلمەيدۇ. بۇ ۋاقىتتا ھېلىقى ئادەم چايانغا ئىچ ئاغرىتىدۇ، ئۇنى سۇدىن قۇتقۇزۇشقا بەل باغلايدۇ ۋە قولىنى سوزۇپ چاياننى قۇتقۇزۇپ قېلىش ئۈچۈن تۇتقىنىدا، ئۇنىڭ قولىنى چېقىۋالىدۇ، ئادەم چاياننى تاشلىۋېتىپ قولىنى تارتىۋالىدۇ. بىرەر مىنۇت ئۆتمەستىن ئادەمنىڭ كۆزى يەنە چايانغا چۈشىدۇ، كۆڭلى يەنە بىردىنلا ئېرىپ كېتىپ ئۇنى قۇتقۇزغۇسى كېلىدۇ - دە، قولىنى چايانغا سوزۇپ ئۇنى تۇتقىنىدا چايان يەنە ئۇنىڭ قولىنى چېقىۋالىدۇ. يەنە ئۇنى تاشلىۋېتىپ قولىنى تارتىۋالىدۇ، بۇ قېتىم قولى بەك ئاغرىيدۇ. ئۈچىنچى قېتىم يەنە چاياننى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن تەمشەلگىنىدە، يېنىدا ئولتۇرغان بىر ياش ئۇنىڭغا «سىز قانداق ئىبرەت ئالمايدىغان ئادەمسىز؟ ئىككى قېتىم قولىڭىزنى چېقىۋالغان چاياننى يەنە قۇتقۇزىمەن دەپ ئۆزىڭىزگە زىيان يەتكۈزەمسىز؟» دەيدۇ. ئەمما دانىشمەن ئۇنىڭ سۆزىگە پسەنت قىلماي يەنە چايانغا قولىنى سوزىدۇ ۋە ئاخىرى ئۇنى سۇدىن قۇتقۇزۇپ چىقىپ دېڭىز بويىغا قويۇپ بېرىدۇ.

ئۇنىڭدىن كېيىن دانىشمەن كىشى ھېلىقى ياشنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇنىڭ مۈرىسىنى تۇتۇپ تۇرۇپ: «ئەي ئوغلۇم! چاياننىڭ خاراكتېرى چېقىش، مېنىڭ خاراكتېرىم سۆيۈش ۋە ياردەم قىلىش تۇرسا، مەن قانداقمۇ خاراكتېرىمنى ئۇنىڭ خاراكترىغا بويسۇندۇرىمەن» دەيدۇ. سىز نۇرغۇن كىشىلەرگە ياخشىلىق قىلىپ ئۇلاردىن يامانلىقتىن باشقىنى كۆرمىگەن بولىشىڭىز مۇمكىن. بۇ ئەھۋال سىزنى ئىنسانلارغا ياخشىلىق قىلىشتىن توسۇپ قالالامدۇ؟ ياق. ياخشىلىق قىلىش ئېسىللىكنىڭ ئالامىتىدۇر. بىراۋنىڭ پەزىلىتىنى ئېتىراپ قىلىش، ياخشىلىق قىلغۇچىغا رەھمەت ئېيتىش ئادىمىيلىكنىڭ ئالامىتى بولۇپ، قەلبنىڭ سۈزۈكلۈكىدىن دېرەك بېرىدۇ. بىر - بىرىگە ياخشىلىق قىلىش، قولىدىن كەلگەن ياردەمنى سۇنۇش ۋە ياخشىلىق قىلغۇچىنىڭ ياخشىلىقىنى قايتۇرۇش ئارقىلىق ئىنسانلار ئارىسىدىكى مۇھەببەت - دوستلۇق ۋە يېقىنلىق ئاشىدۇ. ياخشىلىق قىلىشنىڭ چېكى يوق. ياخشىلىق چەكسىز، مىننەتسىز ۋە ئىككىلىنىشسىز قىلىنىدىغان پەزىلەتتۇر.

قانداق قىلغاندا ئۆزىڭىزنى ياخشىلىققا ئادەتلەندۈرەلەيسىز؟

ماقالىدە يەنە مۇنداق دەپ يېزىلغان:

- ئىنسان ياخشىلىق قىلىش يولىدا بەزى قىيىنچىلىقلارغا، توسقۇنلارغا ئۇچراپ تۇرىدۇ. مەسىلەن: سىزنىڭ ياخشىلىقىڭىزنى ۋە ياردىمىڭىزنى كۆرگەن ئىنسانلاردىن سىزگە يامانلىق كەلگەندە، ئەگەر سىز كۈچلۈك ئىمانغا، مۇستەھكەم ئىرادىگە ۋە سەۋر - تاقەتكە ئىگە بولمىسىڭىز، بىر ئاندىلا ياخشىلىق قىلىشتىن سوۋۇپ قېلىشىڭىز، ھەتتا ۋاز كېچىشىڭىز مۇمكىن. چۈنكى، ئىنسانلاردىن ئاش بەرگەن قازاننى چېقىپ تاشلايدىغان تۇز كوز، نان بەرگەن قولنى چىشلەيدىغان ئىت مېجەز ئادەملەرمۇ ئاز ئەمەس.

ياخشىلىقنى داۋام قىدۇرۇشقا ياردەمچى بولىدىغان ئامىللار

ماقالىدە ياخشىلىقنى داۋام قىلدۇرۇشقا ياردەمچى بولىدىغان ئامىللار ھەققىدە تۆۋەندىكىچە يېزىلغان:

1. سىزنىڭ باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىشىڭىزنى ياراتقۇچىنىڭ ئەمرى دەپ بىلىشىڭىز لازىم. چۈنكى ياراتقۇچى ھەممىگە ياخشىلىق قىلغۇچى ۋە بىزلەرنىمۇ ياخشىلىققا بۇيرىغان زات. قۇرئان كەرىمدە «ئاللاھ ساڭا ياخشىلىق قىلغاندەك سەنمۇ باشقىلارغا ياخشىلىق قىلغىن»، «ياخشىلىقنىڭ مۇكاپاتى پەقەت ياخشىلىق بولىدۇ» دەپ كەلگەن. ھەر كىمگە ياخشىلىق قىلىش ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرى بولغان ئىكەن، باش ئۈستىگە دەپ بۇ ئەمرنى ئورۇندىشىڭىز سىزنىڭ ئىمانىڭىزنىڭ تەقەززاسىدۇر.

2. ياراتقۇچىنىڭ سىزگە ئاتا قىلغان ئاتا - ئىھسانلىرى، نېمەتلىرى ۋە ياخشىلىقلىرى بىلەن سىزنىڭ باشقىلارغا قىلغان ياخشىلىقلىرىڭىزنى سېلىشتۇرۇپ كۆرۈڭ. بۇ ۋاقىتتا سىزگە ياراتقۇچى تەرىپىدىن قىلىنىۋاتقان ياخشىلىقلارنىڭ قانچىلىك كۆپ ۋە چوڭلۇقىنى، سىزنىڭ باشقىلارغا قىلغانلىرىڭىزنىڭ ھېچنەرسە ئەمەسلىكىنى ھېس قىلالايسىز شۇنداقلا سىزنىڭ باشقىلارغا قىلغانلىرىڭىزمۇ ئۇنىڭ ياردىمى ۋە ھىدايىتى بىلەن بولغانلىق ئېتىبارى بىلەن ئۇنىڭ ياخشىلىقى ھېسابلىنىدۇ.

3. قۇرئان كەرىمدىكى ياخشىلىققا بۇيرىغان ئايەتلەر بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسلامنىڭ بۇ ھەقتىكى ھەدىسلىرىنىڭ مەنىسىنى بىلىپ، تىلىڭىزغا ھەمىشە جارى قىلدۇرۇڭ. شۇنداق قىلسىڭىز، ئۆزىڭىزدە سىزنى ھەمىشە ياخشىلىققا ئۈندەپ تۇرىدىغان تۈرتكىنى ھاسىل قىلىسىز.

4. قانداقلا بىر ياخشىلىقنىڭ مۇكاپاتى چوڭ بولىدىغانلىقىنى ئەستىن چىقارماسلىق. بۇنداق قىلىش ئەلۋەتتە ياخشىلىقنى كۆپ قىلىشقا تۈرتكە بولىدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ ياخشىلىق قىلغۇچىلارغا قىلغان ۋەدىلىرىنى ئەسكە ئېلىش ياخشىلىققا تۈرتكە بولىدۇ.

ئىنسانلارغا ياخشىلىق قىلغۇچىلار بۇ دۇنيادا ئۇنىڭ پايدىسىنى چوقۇم كۆرىدۇ. ياخشىلىق قىلىدىغان ئادەملەرنىڭ يۈزى يورۇق، گېپى ئۆتكۈر، شان - شەۋكىتى يۇقىرى بولىدۇ. مۇنداق ئادەمنى ھەركىم ھۆرمەتلەيدۇ ۋە سۆيىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.